كۆرۈش: 3757|ئىنكاس: 8

دوپپا كىيىپ ياشايلى! (تىكەن)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئىسىمى
ئابلاجان راخمان
تىللا
85
تۆھپە
18
UID
14466
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 22:40:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

دوپپا كىيىپ ياشايلى!



ئابلاجان راخمان تىكەن



بايرام بۈگۈن بولغاچقا دوپپا كەيدىم ئۆزگىچە،


    دوپپا كىيىپ يول ئالدىم تاغ داۋاندىن تۈزگىچە،


      ئەمدى سالماي كىيۇرمەن باھار ،ياز ھەم كۈزگىچە،


دېدىم شۇنداق ئاۋامغا قايتىپ كەلگەچ ئۆيگىچە،


      دوپپا كىيىپ  ئۆتەرمەن  ھاياتلىقتىن ئۆلگىچە.



ئەجداتلىرىم ئۇلۇغلاپ تەۋەرۈك قىپ ساقلىغان،


دوپپا كىيىپ ئۇيغۇر دەپ غورۇرىنى ئاقلىغان،


نەغمە تۇقۇپ داستاندا دوپپىلارنى ياقلىغان،


دوپپا بىلەن  ئىماننى ،ئېتىقاتنى پاكلىغان،


   دوپپا دىگەن‹‹يول خېتى››قۇرۇلتايدىن يانغۇچە.



مەن ئېيتىمەن ناخشىنى، دوپپا ئۇيغۇر ناخشىسى،


دوپپىلاردەك باش كىيىم تېپىلمايدۇ ياخشىسى،


چۈنكى دوپپا نۇر چاچقان ئۇيغۇرلارنىڭ تاجىسى،


دوپپا بىلەن قېنىم بىر، مەن بىر ئۇيغۇر تامچىسى،


داستان قىلىپ كۈيلەيمەن بېشىم كۆككە يەتكۈچە.



     دوپپا دىگەن‹‹كىملىك››تۇر، ئۇيغۇرۇمنى تونۇتقان،


پاك ئۇدۇمنى ئەۋلادقا ھېكمەت قىلىپ يورۇتقان،


بىراق بەزى گۆدەكلەر بۇ ھېكمەتنى ئۇنۇتقان،


چىقارمىغىن ئېسىڭدىن بىز دوپپىدىن ئۇيۇشقان،


دوپپا ئۇيغۇر ئۇدۇمى، ئەلمىساقتىن كەلگۈچە.



دوپپا بىزنىڭ بەلگىمىز 55 خىل مىللەتتىن،


تاشلىمايلى دوپپىنى ساقلىنىپ بىز ئىللەتتىن،


ئۆگىنەيلى ئۆز-ئارا ئىلھاملىنىپ خىسلەتتىن،


     نۇرلاندۇرغىن ئۆزەڭنى دوپپا‹‹كىملىك››ھېكمەتتىن،


‹‹دارغا ئېسىلىپ ئۆلىۋال››دوپپىدىن ۋاز كەچكۈچە.



دوپپا كىيگەن قوشناڭغا كۆزلىرىڭنى ياشلىما،


ناماز بوپتۇ ئۆيدە دەپ، دوستلىرىنى باشلىما،


‹‹سەۋىر قىلىڭ››دەپ قولنى، مۈرىسىگە تاشلىما،


‹‹بەلباغ››يوق دەپ بىلىدە، گەدىنىڭنى قاشلىما،


نامازسىزمۇ كىيگەن بىز، كىرگۈچە ياش يۈزگىچە.



دوپپا كىيسە ئۆز-ئارا مېھرى تونۇش ئۆز بۇلۇر،


ھەۋەس قىلىپ بىزلەرگە ھەممە جايدا كۆز بۇلۇر،


ئەنە ئۇيغۇر كەلدى دەپ جاراڭلىغان سۆز كىلۇر،


تونۇشمىغان كۆڭۈللەر دوپپا بىلەن ئۆز بۇلۇر،


دوپپا كۆرسە دوپپىنى تەكلىپ قىلار تۆرگىچە.



دوپپا دېگەن غۇرۇردۇر-ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرۈكى،


تاشلىۋەتسە كىم ئۇنى ئەلدىن يانار سورىقى،


شۇڭا دائىم بولىدۇ دوپپىلارنىڭ كۆرىكى،


  دوپپىلاردىن ياتلاشقان بولماس مىللەت ئۆرنىكى،


دوپپا كىيىپ ياشايلى بۇ دۇنيادىن كەتكىچە.



ئاپتور:توقسۇ ناھىيە پەيشەنبازار ئوتتۇرا مەكتەپ



ئابلاجان راخمان


13899226268


2012-يىل 3-ماي


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
mvjiza
تىللا
643
تۆھپە
169
UID
6196
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 10:42:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يىزىپسىز,بۇ بايرامنى ھەقىقەتەنمۇ ياخشى تەبرىكلەپسىز.تۇنجى قىتىملىق  يازمىڭىزكەن.بەك ياخشى چىقىپتۇ.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5671
تۆھپە
2888
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 11:19:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن مۇنبەردىكىلەردىن كىم دوپپا كىيدى؟ مەن بۈگۈن دوپپا كىيدىم، دوپپا بايرىمىنى ئەمەلىي قىلىقلىرىمىز بىلەن تەبرىكلىمىسەك،  «لاپخور مۇنبەرچى، يالغانچى ئۇيغۇر تورچىلىرى» دىن بولۇپ قالمايمىزمۇ؟


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
805
تۆھپە
509
UID
4983
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 17:34:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەتە بىر كۈن كىيىمەن .

بۇنداق دېسەم باشقىچە ئويلاپ قالماڭلار ، ھەركۈنى كىيىۋالساق ئورگانغا كىرىپ چىقىش جەريانىداچوڭ غوجاملارنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ قالىدىغان گەپ. (ياپياش تۇرۇپ نېمىگە دوپپا كىيىۋالدىڭ ، ياش 50دىن ئاشقاندا كىيسەڭمۇ ئۈلگۈرىسەن) دەپ ياپتا گەپ قىلىپ قويىدۇ . تېخى (قالۇئىننە لىلاھى ۋە ئىننە ئەلەيھى راجىئون ؛ سەۋرى قىلىڭ ئۇكام) دەيدىغانلارمۇ چىقىدۇ .
ئەتە ئەتتىگەندە شەھەرلىك ھۆكۈمەتتە يىغىن بار ئىدى ، مۇشۇ باھانىدا «دوپپامەدەنىيەت بايرىمى» مىزنى بىلمەيدىغانلارغا بىلدۈرۈپ قويارمەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ★Jackie★  تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-4 17:38  



Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر
تىللا
1313
تۆھپە
801
UID
519
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 21:00:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزلىغان شىئېر بۇلۇپتۇ.. ھارمىغايسىز قېرىندىشىم.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5671
تۆھپە
2888
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 21:26:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
★Jackie★  يوللىغان ۋاقتى  2012-5-4 17:34
مەن ئەتە بىر كۈن كىيىمەن .

بۇنداق دېسەم باشقىچە ئويلاپ  ...

مەن بۈگۈن ئىدارىدىكىلەرنى ھەيرانۇ-ھەس قالدۇردۇم، چېكىپ باقتىم ئورگاندىكىلەرنى!


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
805
تۆھپە
509
UID
4983
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 23:52:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erkman يوللىغان ۋاقتى  2012-5-4 21:26
مەن بۈگۈن ئىدارىدىكىلەرنى ھەيرانۇ-ھەس قالدۇردۇم، چېك ...

ئىنكاسى قانداق بولدى ؟
ئەتە ئۇنتۇلۇپ قالماسلىق ئۈچۈن مەن بايا دوپپامنى ئېلىپ قويدۇم .


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5671
تۆھپە
2888
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 00:15:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
★Jackie★  يوللىغان ۋاقتى  2012-5-4 23:52
ئىنكاسى قانداق بولدى ؟
ئەتە ئۇنتۇلۇپ قالماسلىق ئۈچۈن  ...

شۇ، بىز خەقلا  ھەيران  قالىدىكەنمىز، خەنزۇ يولداشلار  مۇنداقلا  قاراپ  قويۇپ  ئارتۇق گەپ قىلمىدىغۇ؟!


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 2

ئىسىمى
ئابلاجان راخمان
تىللا
85
تۆھپە
18
UID
14466
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 13:00:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرگە تەگسەڭ بايغا تەگ


ئابلاجان راخمان تىكەن


پەردازلىرىڭ جايىدا،ئەرگە تەگسەڭ بايغا تەگ.

يېتىشلىرىڭ سايىدا،ئەرگە تەگسەڭ بايغا تەگ.

  

كىيىملىرىڭ  ئۆزگىچە بويلىرىڭغا  ياراشقان،

ئالتۇنلىرىڭ كۆپ بۇلۇر ئەرگە تەگسەڭ بايغا تەگ.

  

كۈندە قازان قاينايدۇ يىيىشلىرىڭ گۆش ياغدۇر،

كۆزلىرىڭدىن نۇر ياغار ئەرگە تەگسەڭ بايغا تەگ.

  

ماڭالمايسەن پىيادە سەي ئالساڭمۇ بازاردىن،

چىقىشلىرىڭ سانتانا  ئەرگە تەگسەڭ بايغا تەگ.

  

ئابرويۇڭمۇ ھەسسىلەپ ئاشار قارغاي شېخىدەك،

تازىم قىلار ئىگىلىپ ئەرگە تەگسەڭ بايغا تەگ.

  

نامرات دىگەن نامزاتتا ئۇقۇتقۇچى مەن ئۆزەم،

مەن بەك نامرات تەگمگىن ئەرگە تەگسەڭ بايغا تەگ.


ئاپتۇر:توقسۇ ناھىيە پەيشەنبازار ئوتتۇرا مەكتەپ


ئابلاجان راخمان


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 09:06, Processed in 0.079621 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991