رۇستەم قاراسۇ
ئىجادىيەتلىرى
مىنڭ سۆزۈم
ھەق يازمىساڭ ئالما قەلەم،
سورىقى بار چۈنكى ئالەم.
بىز ئىزچىلار
بۇ يەردىكى تەۋپىق مەمتېلى ئەپەندىم شۇ
ئۇنتۇپ قالماڭ تەۋپىق ،دېگەن شۇ ئىزچىلار بىز،
ئىلىم پەندىن گۈزەل ماكان قۇرغۇچىلار بىز.
يورۇق تاڭغا تەلپۈنگەنلەر ئەۋلادىدىن بىز،
مەرىپەتكە ئاشىق بولغان ئۇيغۇرلاردىن بىز.
مەرىپەت دەپ قان تۆككەنلەر ئاز ئەمەس بىزدە،
مەمتېلىدەك تەۋپىق ئوغلان كەتتى شۇ غەمدە.
شۇ ئەجداتلار ئەۋلادى بىز قېنى بار تەندە،
ئىلىم پەندىن نۇر چاچايلى ۋەتەنگە ئەلگە.
ئىزچىلار بىز مەرىپەتكە مەھكەم يىپىشقان،
توسقانلارنى دۈشمەن بىلىپ جەڭدە چېپىشقان.
ئەجدادىمىز ئۆزگىلەردىن ئەمەس قېلىشقان،
تىرىشايلى بىزمۇ بۈگۈن قالسۇن قېيىشقان.
شائىر بولساڭ ھەقنى ياز
شائىر بولماق مۈشكۈل ئەمەس بولاي دىسىڭىز،
بىراق مۈشكۈل ھەقنى يازماق گاھى بىلسىڭىز.
ھەقنى يېزىڭ تۇتقان بولسا قەلەم قولىڭىز،
يالغاننى راس دېيىش نومۇس چۈنكى بىلسىڭىز.
يالغان يېزىپ ئەلنى ئالداپ قورساقنى توقلاپ،
شائىر دېمەڭ ئۆزىڭىزنى ئۆتكۈردەك چاغلاپ.
ئەلدىكى بار غەمنى يېزىڭ ئاۋامنى ئويلاپ،
يالغان يازماڭ قۇرۇق شۆھرەت ئىنئامنى قوغلاپ.
ئۇنتۇلمىدى كەتكەن تالاي شائىرلىرىمىز،
تىكلىنىدۇ بىزنىڭمۇ ھەم بىر كۈن قەۋرىمىز.
ھەقنى يازساق كەتسەك قالار ئەلدە نامىمىز،
يالغان يازساق ئۇنتىلىدۇ تامام ئېسمىمىز.
ياشلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ شېئىرىمنى دوستلارغا سۇندۇم
ئۆگەنگىن ياش
ئۆگەنگىن ياش كەلگۈسڭگە تىكىپ كۆزۈڭنى،
نابۇت قىلما ياشلىقىڭنى گۈلدەك چېغىڭنى.
سەن ۋەتەننىڭ كىلەچىكى ئۈمىد يۇلتۇزى،
تۆھپە قوشۇپ ئەل ۋەتەنگە گۈللەت ئېلىڭنى.
ئۇچاي دېسەڭ كۆكتە شۇنداق سەن پەرۋاز قىلىپ،
قاناتلانغىن ئىلىم پەندىن كۆپ بىلىم ئېلىپ.
ياشلىق دېگەن ئۆتكۈنچىدۇر كەتكىچە قېرىپ،
زەپەر قۇچقىن ئىگىز ئۇچقىن قالماستىن ھېرىپ.
شەيتىنى كۆپ شۇ ياشلىقنڭ قالما سەن ئېزىپ،
كەتمىگىن ھەم ھەۋەسلەرنىڭ كەينىگە كىرىپ.
قالغىنىڭدا پۇشايمانغا ھەسرەتلەر چېكىپ،
بىرەلمەيدۇ ياشلىقىڭىنى شەيتان قايتۇرۇپ.
ئىجادىيەتلىرىمنى رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ
ئەمگەككە ھۆرمەت قىلىڭ
رۇستەم قاراسۇ..........ئاتۇش