كۆرۈش: 1207|ئىنكاس: 1

يۇلغۇن چېچىكى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
744
تۆھپە
285
UID
296
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 18:23:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يۇلغۇن چېچىكى


باھاردەك شىۋىرلاپ بەردىڭ خۇشاللىق،

ھاياتنىڭ گۈلتاجى يۇلغۇن چېچىكى.

گېرەلەپ ياشايمەن سېنى داۋاملىق،

چېچەكلەر خانتاجى يۇلغۇن چېچىكى.

***

چۆللەرگە چىرايلىق ھۆسۈن قوشۇسەن،

باياۋان باغرىدا تاتلىق كۈلىسەن،

ئەركىلەپ شوخلۇقتىن ھىدلار تۆكۈسەن،

چېچەكلەر خانتاجى يۇلغۇن چېچىكى.


ئۇرغۇتار قەلبىمدە ئوتلۇق ئارمانلار،

لىۋىڭگە لەۋ بېقىپ كۆيگەن شاماللار،

گۈلگۈندۇر سەن بىلەن چۆل-باياۋانلار،

تاڭلاردەك جىلۋىگەر يۇلغۇن چېچىكى.


باغرىڭدا  لاۋۇلداپ كۆيىدۇ قۇياش،

سەن ماڭا سۈيۈملۈك گۈللەرگە ئوخشاش،

شادلىقىم ئوت يانغان جىلۋەڭگە تۇتاش،

رەسىدە قىزلاردەك يۇلغۇن چېچىكى.


پۈرەكلەپ ئېچىلغان ھۈسنۈڭ چىرايلىق،

قەلبىمنى لەرزىگە سالار داۋاملىق،

قانلىرىم كۈۋەجەپ ئاقار قىيانلىق،

ئەجداتلار كەچمىشى يۇلغۇن چېچىكى.


سەن تارىخ ، سەن قىسسە ، ھېكمەت بۇلىقى،

بولىسەن بەزىدە جاننىڭ چوغلۇقى،

بەزىدە بولىسەن تاتلىق ئوزۇقى،

ھاياتلىق ناخشىسى يۇلغۇن چېچىكى.


ئوت بولار تىنىقىم سېنى پۇرىسام،

بۇلبۇللار تەڭكەشتۇر ناخشا توۋلىسام،

مەن ناخشا توۋلامتىم شەيدا بولمىسام،

قۇياشنىڭ كۈلكىسى يۇلغۇن چېچىكى.

***

قۇياشنىڭ تىنىقى ، چوغدەك كۈلكىسى ،

تاڭلاردەك جىلۋىگەر يۇلغۇن چېچىكى.

بەزىدە كېسەلنىڭ شىپا دورىسى،

ھاياتلىق ناخشىسى يۇلغۇن چېچىكى.


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1392
تۆھپە
1136
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 11:14:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياقتۇردۇم  .............................


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 09:39, Processed in 0.069580 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991