قانداق قىزلار يىگىتىڭىزنى تارتىۋالىدۇ؟
كۆپ سانلىق ئوغۇللار تۇغما كۈڭۈلچەك كېلىدۇ، ئوغۇللارنىڭ مەشۇقى بولغان قىزلار ئېھتىياتچانراق بولۇشى كېرەكمۇ؟
قانداق قىزلارنىڭ يىگىتىڭىزنى ئاسان تارتىۋالىدىغانلىقىنى بىلگىڭىز بولسا تۆۋەندىكى ئەسكەرتىشىمىزگە قۇلاق سېلىپ قويۇڭ:
ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان قىزلار: بۇنداق قىزلار ياشلىق گۈزەللىكى جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇپ، ئىدىيەسى جانلىق، ئازاد كېلىدۇ. ئۇنداق قىزلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى «نومۇس» دېگەننى بىلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزى قېلىن بولۇپ، سىز ئۇنداقلارغا قانداقمۇ تەڭ كېلەلەيسىز، ئۇنداقلارنى قانداقمۇ يېڭەلەيسىز؟
ھېسسىياتچان قىزلار: بۇنداق قىزلار مۇھەببەتكە چىن كۆڭلىدىن بېرىلىدۇ، يىگىتىنى خۇددى ئانا بالىسىنى كۈتكەندەك كۈتىدۇ، يىگىتىنى ئۆزىنى چۈشەنگەندىنمۇ بەك چۈشىنىدۇ، يىگىتلەرنىڭ كۆڭلىنى ئاسانلا ئۇتۇۋالىدۇ. ئۇنداق قىزلار يىگىتىڭىزنى كەلتۈرۈۋالسا، سىز ئامالسىز قالىسىز.
نايناق قىزلار: بۇنداق قىزلار ساپاسىز بولسىمۇ، خۇلقى يامان كېلىدۇ، ئۇنداق قىزلار نايناقشىپ قويسىلا، يىگىتلەر ئەس - ھوشىنى يوقىتىپ قويىدۇ، قاش - كۆزىنى ئوينىتىپ قويسىلا، شەيتانمۇ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرەيدۇ. بۇنداق مېكىجىنلارنىڭ چاڭگىلىدىن يىگىتلەر قانداقمۇ ئۆزىنى قاچۇرالىسۇن؟
جەلپكارلار: بۇنداق قىزلار ئەزەلدىنلا ئەرلەرگە پىسەنت قىلمايدۇ، ئەمما ئۇلاردىكى سېھرىي كۈچ ئەرلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ، قولىغا چۈشۈپ قالغانلارنى قويۇۋەتمەيدۇ. يىگىتىڭىزنى تارتىۋالمىسۇن، تۇرمۇشىڭىزنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
دېمەك، ئىنسان ئۈچۈن ئۆز يېنىدىكىنى قەدىرلەشنى بىلىش ئەڭ زور بەختتۇر.
«ھاياتلىق» 2012 - يىللىق 2 - سانىدىن ئېلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-3 17:11