كۆرۈش: 2618|ئىنكاس: 0

ئىلتىجا مامۇت زاھىت (1996-يىل23-مارت)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
116
تۆھپە
79
UID
9320
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 10:03:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىلتىجا
مامۇت زاھىت
(1996-يىل23-مارت)

تارىمنى، جۇڭغارنى كېزىپ باق يىگىت،
ئۇندا بار زەر ئالماس، كۆمۈر، گاز - نېفىت.
ئۆزگىلەر تەلپەكتەك زېمىنى تۇرۇپ،
باي بولدى زامانىي سانائەت قۇرۇپ،
بىز قاچان قۇيىمىز ئاقلىققا چېكىت.

بىلەمسەن بۇ ئىشنىڭ سەۋەب - سىرىنى،
نادانلىق، خۇراپات، شۈكرى، يۈكۈنۈش.
قىلمىدۇق ئىززەت پەن چولپانلىرىنى،
ئالمىدۇق كەشپىيات قورغانلىرىنى،
ئاز بىزدە بۇنىڭغا پۇشايمان، ئۆكۈنۈش.

قەدرىنى بىلمىدۇق رەشىك - ھەسەت،
ياراتسا كىم پەندە تۆھپە بىر ئۈلۈش.
تەلەيدىن، ئۆزگىدىن كۈتتۈق ئىلتىپات،
قاقمىدۇق ئىلىم - پەن كۆكىدە قانات.
قوشنىلار ئېرپانغا قىلغاندا يۈرۈش.

يۇرتىمىز خەزىنە، بايلىقنىڭ كانى،
نامىمىز ئىجاتكار، ئەمگەكچان ئۇيغۇر.
زاماننىڭ پەرمانى ياڭرىغان چاغدا،
تۆھپىكار ئەجداتقا بولالماي ھەغدا.
بولامدۇ غەپلەتتە ئۆتكۈزسەك ئۆمۈر.

يۈرىمىز ئۇيالماي ماختىنىپ تېخى،
«بىز سودا، خام ئەشيا، ئۇسسۇل مىللىتى»
مېھماندوست ئاتىلىپ، مېھمان كۈتىمىز،
باشقىلار ئىشلىگەن مالنى ساتىمىز.
يامرىدى «تەييارغا شەيخ» لىق ئىللىتى.

ئەۋلادنى، مىللەتنى ئويلاش بىزدە ئاز،
مەكتەپكە بەرمەيمىز جىق ئوغۇل - قىزنى.
ئىككى نان تاپقانلار بىرنى داپ ئېتەر،
پۇل تۈگەپ، غۇلايدۇ قۇرۇق سۆلەت - لاپ،
قىلىدۇ قايتىدىن ماكان ئېتىزنى.

خامۇشلۇق ئىلكىدە چىقماقتا ئەستىن،
بوۋىلار ئۇدۇمى - جۈرئەت ئىشچانلىق.
قىلىمىز سېرىقتال كۈنگە قانائەت،
كەم بىزدە رىقابەت ئېڭى-جاسارەت،
يامرىغاچ بوشاڭلىق،يالقاۋ - مىشچانلىق.

كىشىلەر كۆچتى پەن - ئۇچۇر دەۋرىگە،
بىزدىچۇ، توي - كىيىم، قورساق ئۈچۈن غەم.
ئەۋلادنى غەپلەتكە، كەيپكە ئۆگەتتۇق،
ئاتىدىن قالغاننى چېچىپ تۈگەتتۇق،
قىلماقتا ھەشەمەت بىزنى قاق سەنەم.

ئارتىمىز ئۆزگىگە جىمى گۇناھنى،
ئىزدەيمىز سەۋەبنى تەقدىرگە باغلاپ.
ئەيپىمىز ئەيپلەنسە قاپاق تۈرىمىز،
راست سۆزلۈك دانانى يامان كۆرىمىز،
يۈرىمىز ناداننى دانىشمەن چاغلاپ.

بىلمەيمىز، بىزلەر كىم، ئورنىمىز قەيەر،
ۋە قانداق يېتىمىز ئالتۇن قەسىرگە.
ئويلىسام بېشىمدا پىرقىرار قۇيۇن،
كىرەمدۇق كۈتۈرۈپ كەتمەن ۋە خورجۇن،
بايلارنىڭ دۇنياسى يېڭى ئەسىرگە.

سال نەزەر ۋەتەنگە، باشقا ئەللەرگە،
بۈگۈن نۇر - ئېلېكتىر ئىراسى جاھان.
چاپماقتا يۇلتۇزغا زېمىن دۇلدۇلى،
ئىسلاھات، سانائەت، باي بولۇش يولى،
بولماقتا ئاقىللار ئۆز ئەركىگە خان.

ئويلايمەن گۈللىنىپ بىزدە ئېلىم - پەن،
دەۋرگە ماس بولسا مىللەتنىڭ ئېڭى.
ياتمايتى تارىم ۋە جۇڭغار چۆل بولۇپ،
ياشنايتى يۇرت گۈلزار، خەلق گۈل بولۇپ،
ئاتاتتى بىزدىمۇ ئارمانلار ئېڭى.

چۈشەنسەك زامان ۋە ئىمكان قەدىرنى،
مەيۈسلۈك، تەمەننا بولسا بىزگە ياد.
تونىساق، ئەيپلىسەك بارچە ئىللەتنى،
تۈگەتسەك ئىچتارلىق، تۆھمەت، ھەسەتنى،
كۈلەتتى تىنچ - ئىناق پاراۋان ھايات.

بۇنىڭغا ئۈمىد ۋە ئىشەنچىم كامىل،
بار ئەۋزەل شارائىت، خەلقىمىز قەيسەر.
يول تېپىپ، كۈچ تېپىپ بىزمۇ كۈنسايىن،
بولىمىز بايلىققا ئاقىل خوجايىن،
قۇرىمىز چۆللەردە زامانىۋى شەھەر.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-3 10:55  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 10:11, Processed in 0.069185 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991