ئائىلە ھايۋانلىرىنى چۈشۈنۈپ قويايلى!!!
ئاچكۆز مۈشۈك بىلەن- ئەقىللىق تاغىل مۈشۈكنىڭ بىر ئائىلىدە ياشاش جەريانى!!!
ئا-ب دەپ چۈشەنچە بىرىلدى:
ئا:بىر كۈنى سېرىق مۈشۈك «مىياۋ-مىياۋ»مىياڭلاپ ئۇھسىنىپ مۇنداق دەپتۇ:- ھەي تاغىل مۈشۈك، مەن بۇ ئۆيدىن كېتەي دىسەم، ھېچلا ساڭا تارتىشىپ كەتكۈم كەلمەيۋاتىدۇ،يەنە كېلىپ،ئايال خوجايىن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى بىزنى بەكلا ياخشى كۆرىدۇ، شۇڭا كېتىشكە كۆزۈم قىيمايۋاتىدۇ...........
ب: بۇنى ئاڭلىغان تاغىل مۈشۈك سېرىق مۈشۈكتىن سوراپتۇ:-سەن تۇرۇپلا نېمىشقا كىتىشنى ئويلاپ قالدىڭ؟
ئا: -ھەي نېمىشقا دەمسەن، دەپ گېپىنى باشلاپتۇ سېرىق مۈشۈك، ئەر خوجايىننى دېسەم بىر دەممۇ تۇرغۇم كەلمەيدۇ،چۈنكى- ئۆتكەنكى ئىش ھېلىغىچە خىيالىمدىن چىقمايدۇ.
ئۇ ۋاقىتتىغۇ دەپ گېپىنى باشلاپتۇ سېرىق مۈشۈك، مەنمۇ بەكلا ئاچ كۆزلۈك قىلىپ قويۇپتىمەن..........
-سەنمۇ بىلىسەنغۇ ئۇ كۈنى ئايال خوجايىن ھىلىقى دەستۇرخان دېگەن نەرسىسىنىڭ ئۈستىگە بىر تەخسە گۆش بېسىلغان مېززىلىك لەغمەن دېگەن تامىقىنى ئەكىلىپ يەنە ئالغىلى ماڭدىمۇ، چىقىپ كەتتى، مەن شۇ پۇرسەتتە، دەرھاللا بېرىپ گۆشكە شۇنداق چاڭگال سېلىشىمغا،ئۆينىڭ ئەر خوجايىنى كۆرۈپ قېلىپ، مېنى ئۇردى، شۇ ۋاقىتتا ئايال خوجايىن كۆرۈپ توسىۋالمىسا مېنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويىدىغان ئوخشايدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ تامىقىمۇ تەييار بولىدۇ مېنى بەكلا ئۆچ كۆرىدىغان بولۇپ قالدى، شۇڭا كېتەيمىكىن دەيمەن سەنچۇ دەپ سوراپتۇ تاغىل مۈشۈكتىن؟
ب: تاغىل مۈشۈك گېپىنى باشلاپ:- ھەي سەنمۇ شۇ قېتىم نەپسىڭنىڭ كەينىگە كىرمىسەڭ،ئەر خوجايىنمۇ ئۇنداق قىلماس بولغىيدى، سېنىڭ شۇ قېتىمقى نەپسىڭنىڭ بالاسىدىن كېيىن ئەر خوجايىن ماڭىمۇ ھۈرپىيىدىغان بولىۋالدى، لېكىن مەن بۇ ئائىلىدىن ھەرگىزمۇ كەتمەيمەن چۈنكى ئايال خوجايىن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ماڭا بەكلا ئامراق ھەم شۇنداق ياخشى كۆرىدۇ شۇڭا مەن كەتمەيمەن.
ئا: بىراق دەپ گېپىنى باشلاپتۇ سېرىق مۈشۈك:-مۇشۇ كۈنلەردە بۇ خوجايىنلار بىزگە ئازراقمۇ گۆش بەرمەيدىغان بولىۋالدى، بەك پىخسىقلىشىپ كېتىۋاتىدۇ.
ب: ئۇغۇ شۇ دەپ گەپ قىلىپتۇ تاغىل مۈشۈك:- لېكىن گۆش بەرمىگەن بىلەن باشقا تاماق قىلسا بىزگە ھېلىغىچە چايناپ بېرىپ يۈدۈرۋاتمامدۇ،شۇڭا بىزنى يەنىلا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىۋاتىدۇ. سەنمۇ نەپسانىيەتچىلىك قىلماي ئالدىڭغا كەلگەنگە شۈكرى قىلساڭ بىز يەنىلا ياخشى ياشايمىز ئەمەسمۇ تېخى، بىزنىڭ كۈنىمىز ئەمدى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، تېخى ئالدىرىماي تۇر دەپتۇ.
ئا: قانداق دەيسەن دەپ سوراپتۇ سېرىق مۈشۈكتىن؟
ب: ھازىر دەپ گېپىنى باشلاپتۇ تاغىل مۈشۈك:-ئەر خوجايىن ئۆيدە يوق، ئۇ يىراق بىر جايغا خىزمەتكە ماڭدىم دەپ كېتىۋاتىدۇ، ھەپتىدە بىر كېلىدۇ، بىزگىمۇ ئانچە دىققەت قىلمايدۇ،شۇڭا-ئايال خوجايىن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى بىزنى ياخشى كۆرىدۇ ئەمەسمۇ دەپتۇ.
ئا: بۇ دېگىنىڭمۇ راست دەپ گەپ باشلاپتۇ سىرىق مۈشۈك، بۇ خوجايىنلارنىڭ بىر گېپى بارغۇ،«تاغدا يولۋاس يوق-مايمۇن پادىشاھ» دەيتتى،شۇڭا بىزمۇ پادىشاھدەك ياشىساق بولغۇدەك ئەمسە.
ب: -ھە دەپ سۆزلەپتۇ، تاغىل مۈشۈك :- سەن يەنە نەپسىكىلىك قىلاي دەمسەن، شۇنداق قىلساڭ كىيىن مەنمۇ سىنىڭ سەۋەبىڭدىن تاياق يەپ قوغلانسام خوش بۇلىدىغان ئۇخشىمامسەن،دەپ ئاچچىقلىنىپ «مىياۋ-مىياۋ»لاپ كىتىپتۇ.
ئا: ھەي مەن مۇنداقلا دەپ قويسام ئاچچىقلاپ كەتتىڭغۇ دەپتۇ سېرىق مۈشۈك، خاتىرجەم بولغىن مەنمۇ ئەمدى بۇندىن كىيىن ھەرگىزمۇ ئاچكۆزلۈك قىلمايمەن دەپتۇ.
ب: ھە بۇ گېپىڭ توغرا بولدى دەپتۇ، تاغىل مۈشۈك، بۇنىڭدىن كېيىن ئىككىمىزنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرىشىمىز ئۈچۈن ئىككىمىزلا ئېھتىياتچانلىق بىلەن دىققەت قىلايلى، ھەم نەپسىمىزنى يىغايلى،- دەپتۇ.
ئا: سېرىق مۈشۈك:- ماقۇل شۇنداق قىلايلى بۇنىڭدىن كېيىن بەرگەننى يەپ شۈكرى قانائەت قىلىپ ئىناق ياشايلى دەپ،تاغىل مۈشۈككە كېلە ئوينايلى، دەپ ئېتىلىپتۇ ئىككىسى بىر-بىرى بىلەن چىرمىشىپ ئۆينى بىر ئاپتۇ.
«ئاچكۆزلۈك » ھەركىمنى بالاغا تىقىدۇ.
ئائىلەمدىكى بىر جۈپ مۈشۈكنىڭ ئوماقلىقى مېنىڭ قەلىمىمنى تەۋرەتتى. 2002-يىلى8-ئاينىڭ24-كۈنى يېزىلغان قول يازمامغا ئاساسەن بېسىلدى.
ئابدۇرىھىم ئىسمايىل
2012-يىلى5-ئاينىڭ2-كۈنى