كۆرۈش: 5780|ئىنكاس: 3

بۈركۈت: سۈيدۈكنىڭ رەڭگىگە قاراپ كېسەللىككە ھۆكۈم قىلىش[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئېلى بۇراۋىدىن
تىللا
1405
تۆھپە
944
UID
372
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 14:15:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سۈيدۈكنىڭ رەڭگىگە قاراپ...

  سۈيدۈكنىڭ رەڭگى سالامەتلىك بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا، سۈيدۈك رەڭگىگە قاراپ كېسەللەرگە ھۆكۈم قىلىشنى بىلىۋېلىش لازىم.

  ساغلام كىشىلەرنىڭ سۈيدۈكىنىڭ رەڭگى سۇس سېرىق رەڭدە كېلىدۇ.

  بۆرەك، دوۋساق، سۈيدۈك نەيچىسى ۋە سۈيدۈك يولى قاتارلىق ئەزالاردا كېسەللىك بولسا سۈيدۈكنىڭ رەڭگى قىزىل بولىدۇ. ئۇندىن باشقا بەدەن سىقىلىش، بېسىلىش قاتارلىق ھادىسلەرگە ئۇچرىغاندىمۇ قان سىيىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ. ئەگەر بۇنداق ئەھۋال داۋاملىشىپ بىر ھەپتىدىن ئېشىپ كەتسە، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك. بولۇپمۇ ئاغرىتمايدىغان قان سىيىش ئەھۋالىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم. چۈنكى بۇ، ئۆسمە ۋە سىل كېسىلىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

  سۈيدۈك ئاق رەڭدىمۇ كېلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان سۈيدۈك يولىنىڭ يۇقۇملىنىشى ۋە بۆرەك جامى، بۆرەك ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر بولغان ئەھۋال ئاستىدا كۆرۈلىدۇ. قىل قۇرت كېسىلى بارلاردا سۈتتەك ئاپئاق كېلىدىغان ئەھۋالمۇ بولىدۇ.

  جىگەر ياكى ئۆت خالتىسىدا كېسەل بولسا، ئاشقازان، ئۈچەي ئاجرىتىپ چىقارغان ئۆت سۇيۇقلۇقى توسالغۇغا ئۇچراپ سۈيدۈك ئارقىلىق چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا سۈيدۈك تەركىبىدىكى ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ مىقدارى كۆپىيىپ كېتىپ سۈيدۈك چاي رەڭگىدە كېلىدۇ.

  سۈيدۈكنىڭ قارا رەڭدە كېلىشى ــ قان ئېرىشچانلىق، كەم قانلىقتىن بولىدۇ. يامان سۈپەتلىك بەزگەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىمۇ  سۈيدۈك قارا قارا رەڭدە كېلىدۇ.

(«شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 1988-يىللىق 12-سانىدىن ئېلى بۇراۋىدىن بۈركۈت تەۋسىيەسى )

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۈركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-2 14:18  


شېئىر ــــ  بىر سېھىرلىك ئوت ، ئۇنىڭ ئۇچقۇنلىرى بەرگىدە سۈپسۈزۈك سۆيگۈ جەۋھەرلىرى كۈۋەجىسە ، شەپەق رەڭ يالقۇنلىرى مەۋجىدە بۇ دۇنيانىڭ ساپلىققا تويۇنغان قويۇق ھەقىقىتى گۈرۈلدەپ تۇرىدۇ ...
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 1

تىللا
24
تۆھپە
8
UID
12405
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 21:04:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە ~! قوللىرىگ\ڭىزغا دەرت بەرمىسۇن~!


Rank: 1

تىللا
24
تۆھپە
8
UID
12405
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 21:05:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1776
تۆھپە
975
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 12:25:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگەرەخمەت، ھارمىغايسىز


ھايات ـــ مەن ئۈچۈن بىر سىناق.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 07:06, Processed in 0.071994 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991