ئانا مېھرى
مەريەم ئاددىتى بويىچە تاڭ سۈزۈلۈشتىن بۇرۇن ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەلىنى ئويغىتىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭ يوتقىنىنى بىر قۇر تۇزەشتۈرۈپ يېپىپ قويغاندىن كېيىن، سۈپۈرگىسىنى ئاستا ئالدى - دە، ئۆيدىن چىقتى.
ئۇ يولدا كېتىۋېتىپ ئەلىنىڭ تۈنۈگۈن يەسلىدىن قايتقاندا «ئوتىمەن ئېلىپ بەر» دەپ جىدەل قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىدىن تاياق يېگەنلىكىنى ئويلاپ قالدى. تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغان بولسىمۇ، چوڭ يولدا ئادەم يوق، ئاپتوموبىللار، ئاندا – ساندا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. مەريەم ئۆز - ئۆزىگە پىچىرلىدى: «ئوماق قوزام! ئويغىنىپ ئاپا دەپ يىغلارسەنمۇ؟ ئىشىككە تەلمۈرۈپ ۋارقىرارسەنمۇ؟ يالغۇز قورقارسەنمۇ؟ ئوماق قوزام، مېنى كەچۈرگىن! مېنىڭ ماڭغان ھەربىر قەدىمىم، قىلغان ھەربىر سۆزۈم، يۈرىكىمنىڭ ھەربىر سوقۇشى سەن ئۈچۈن! سەن ماڭا تەسەللى، رىغبەت! سەن ماڭا ھاياتقا كۈلۈپ قاراشنى ئۆگەتتىڭ، پۈتمەس – تۈگىمەس كۈچ – قۇدرەت ئاتا قىلدىڭ! ماڭا ئانىلىق مېھىر - مۇھەببەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ۋە ھاياتنىڭ مەنىسىنى ھېس قىلدۇردۇڭ! چېچەنلىكىڭ، سەزگۈرلۈكىڭ مەجبۇرىيىتىمنىڭ قانچىلىك ئېغىر ۋە يۈكسەكلىكىنى ھېس قىلدۇردى. مېنى كەچۈرگىن، ئاخشام سېنى ئۇرۇپ قويدۇم. مەندە نەدىمۇ ئۇنچىۋالا كۆپ پۇل بولسۇن!».
مەريەم «پاكىزلىق ئەلچىسى» دەپ تەرپلىنىدىغان مۇھىت ئاسراش ئىشچىسى. ئۇنىڭ ئېرى ئەلى ۋە ئۇنىڭ 14 ياشلىق ئاكىسىنى تاشلاپ نەلەرگىدۇ غايىب بولۇپ، تېخىچە قايتىپ كەلمىدى. ئۇ ئەلىنى بىر قېتىممۇ كۆرۈپ باقمىدى. ئەلى يەسلىدىكى بالىلارنىڭ دادىسى ئۇلارنى ئالغىلى كەلگەندە، پىڭىلداپ يۈگۈرۈپ چىقىپ، تەلمۈرۈپ قاراپ قالاتتى. مەريەم چوڭ ئوغلىنى مەكتەپتە ئوقۇتالمىدى، شۇڭا ھازىر ئۇنى ھۈنەر ئۆگىنىپ كېلىش ئۈچۈن بىر تونۇشىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بەردى. ئەلىنى بولسا يەسلىگە بەردى.
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئەلىنىڭ كۆزىدىن توختىماي ياش ئاقىقىلى تۇردى. مەريەم دەسلەپتە ئۇنى زۇكام بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ دوختۇرخانىغا ئاپاردى. بىراق دوختۇر ئۇنىڭغا ئەلىنىڭ ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققان ياش خالتىسى ياللۇغى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى، ۋاقتىدا داۋالاتمىسا ئەلىنىڭ كۆزىنىڭ كۆرمەس بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ جاپاكەش ئانىنىڭ زىممىسىگە يەنە بىر يۈك ئارتىلدى. ئۇ تىنىم تاپماي ئىشلەپ تاپقان پۇللىرىنى ئەلىنىڭ كۆزىنى داۋالىتىشقا سەرپ قىلدى، كۆزى كۆرگەن، قۇلىقى ئاڭلىغانلىكى دورىنى قىلىپ كۆردى، ئۆزى يېمەي – ئىچمەي ئەلىگە قۇۋۋەت بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ يىگۇزدى.
مەريەمنىڭ چىن ئىخلاس بىلەن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ئاخىرى ئۈنۈم بېرىپ، ئەلىنىڭ كۆزى ئاستا - ئاستا ياخشىلىنىپ كەتتى. مەريەمنىڭ قەلبى چەكسىز شادلىققا چۆمدى.
ئانا مېھرى ئۇلۇغ، ئۇ ئىنتايىن غۇۋا ۋە ئاجىز ئەكس ئەتكەن تەقدىردىمۇ بالا قەلبىنى ساپلاشتۇرىدۇ، نۇرلاندۇرىدۇ. ئانا ئەجرىنىڭ بەدىلىگە ھېچ نەرسە توغرا كەلمەيدۇ.
مەنبە: ئىجادىيەت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-2 17:00