كۆرۈش: 8670|ئىنكاس: 4

ئاياللارغا چىرايلىق سەت گەپ ‹مىكرو ھىكايە›[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

ئىسىمى
ئەركىن تۇردى
تىللا
40
تۆھپە
14
UID
548
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 01:32:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاياللارغا چىرايلىق سەت گەپ


‹ ئۆزلەشتۈرگەن مىكرو ھىكايە›



    ئۇ توڭگۇز بازىرىدىن ئۇچۇپ كەلدىمۇ ،ئۆمىلەپمۇ ئەسلىيەلمىدى.ھەر قېتىم ھاراقتىن ئىسكەنجىگە ئېلىنغان نېرۋىسى قەھجىراپ ئېسىنى تاپقاندا چاپاق باسقان نۇرسىز كۆزلىرىنى يىرتىپ تۆت تامغا يۈگۈرتاتتى،چۈنكى ئۇ  ئازگالدا يېتىشنىڭ تەمى بىلەن  يولدا قىپ-يالىڭاچ يېتىپ قالغاندا،ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىغىنى ئوبدان بىلەتتى.
— مىڭ شۈكرى،ئۆزەمنىڭ ئۆيى،ئىسسىق ماكان، - ئۇ ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلەپ ھۇجرا ئۆيگە نەزەر سالدى.ھوجرا ئۆي رەتلىك ھەم پاكىز ئىدى.بىر قانىتى ئېچىپ قۇيۇلغان دەرىزىدىن باھارنىڭ قۇياشى ئىللىق نۇرىنى تۆكۈپ تۇراتتى.ئۇدۇل كەلگەن يەرگە چۆرۈپ تاشلايدىغان كىيىمى رەتلىك قاتلاپ قۇيۇلغان ئىدى.ئۇ ھەر قېتىم ھاراقتىن يېشىلىپ ئېسىنى تاپقامدا كېچىككىنە  بۇ ئۆي، بەش-ئالتە كەپسىز بالىلىرى بار ئۆيدەك ،نەرسە-كېرەكلەر ئۆينىڭ ھەممە يەرلىرىدە پۇتقا پۇتلىشىپ تۇراتتى.چېقېلدىغىنى چېقىلىپ ،ئىچەي دىسە ئىسسىق چايمۇ يوق،خوتۇنى بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كېتەتتى.ئۇ كارىۋات بېشىدىكى ئۆزى ھەر دائېم چاي ئېچىدىغان چاي قۇتىسىنى ئېلىپ چاينىڭ تېغى ئىسسىق ئىكەنلىگىنى سەزدى ھەم غۇرتلا قىلىپ ھەممىسىنى ئېچىۋەتتى ھەم غودىراپ قويدى:
— ئۆزگۈرۈپتىمەن،غىپلا كىرىپ غىپلا ئۇغلاپ قالدىممۇ نېمە ،ياق.ياق،خوتۇن دېگەن كاساپەت بۇ قېتىم بالىلارنى ماڭا تاشلاپ ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە كەلمەسكە كەتمىگەندۇر — ھە،ھەممىسى شۇ نىجىس ھاراقنىڭ ئېشى…
ئۇ تېلىۋېزور كۈرۈپ ئولتۇرغان ئوغلىنى چاقىردى.
—    ئاپاڭ قېنى؟
—    كۆكتات سېتىۋالغىلى چىقىپ كەتتى،
—    راست گەپ قىل!
—    سىزنى قانداقمۇ ئالداي دادا،چۈشتە ئوخشىتىپ پولۇ ئېتىپ بېرىمەن دەيدۇ…
—    نېمە،نېمە دىدىڭ ؟ئاخشام بىرەر ئېش بولمىغاندۇر؟
—    بۇرۇنقىدەك ۋاقىراپ-جاقىراپ مەھەللىنى بېشىڭىزغا كەيدىڭىز،يەنە بىچارە ئاپامنىڭ چېچىدىن تۇتۇۋېلىپ…
—    ئۇنداقتا ئۆي پاك-پاكىز تۇرمامدۇ
ئۇ ئوغلىنىڭ سوزىنى بۈلىۋېتىپ،ئۆزى يەشمەكچى بولغان سىرنىڭ تېگىنى بىلىشكە ئالدىراپ قالغان ئېدى.
—    يېرىم كېچىدە ئاران دىگەندە سىزنى ئاپام بىلەن مىڭ تەستە ياتقۇزدۇق،ئېشتىنىڭىزنى تارتىپ سالدۇرغاندا سىز ئاپامنى تىللاپلا كەتتىڭىز؟
—    نېمە دەپ؟
—    ھەي،بۇزۇق نېرى تۇر! مىنىڭ دېگەن خوتۇن-بالىلىرىم بار دەپ…

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 3Rank: 3

تىللا
237
تۆھپە
84
UID
404
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 14:36:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسلى يۇمۇر ئىدى ھە.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
711
تۆھپە
573
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 17:01:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىچارە  ئايالنىڭ كۆڭلىنى ئاشۇ كىچىككىنە سەت گەپ ئاۋۇندۇرۇپ، زاباي ئېرىنىڭ ھاراق ئىچىۋېلىپ قىلغان پوپاڭلىقلىرىنى ئۇنتۇلدۇرغان گەپ.


ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي!

Rank: 4

تىللا
451
تۆھپە
67
UID
49
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 18:30:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر ھالدا ۋىجدانىنى ھاراق بىلەن قوشۇپ ئىچىۋەتمەپتۇ.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
1054
تۆھپە
514
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 20:32:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاھا... بۇنىڭغا يۇمۇر نۇقتىسىدىن چىقىپ باھا بەرسەك بولىدىكەن


ئۆيگە كەتكۈم بار..
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 07:22, Processed in 0.071604 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991