كۆرۈش: 2737|ئىنكاس: 2

يەتتە نەسىھەت[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
5
تۆھپە
2
UID
14618
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 18:47:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يەتتە نەسىھەت

1.ئۆزۈڭ بىر ئوقيا،ئەگەر ئۇنى ئىگىلمىسۇن دىسەڭ،ئەگەر ئۇنى ئۆتكۈر بولسۇن دىسەڭ،ئەگەر ئۇنىڭ بىر تېلىنىمۇ زايا كەتكۈزمەي ھەممىنى تەككۈزەي دىسەڭ،ئۇنى دائىم چېنىقتۇرۇپ تۇر.

2.ھاياتنىڭ قىممىتى بىزنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىمىزگە باغلىق بولمايدۇ،دوست-بۇرادەرلىرىمىزگىمۇ باغلىق ئەمەس،بەلكى ئۆزىمىزگە باغلىقتۇر.مەڭگۈ ئېسىمىزدە بولسۇنكى،بىز ئۆزىمىزگە خاستۇرمىز!

3.مەيلى نامرات ۋەياكى باي بولايلى،مەيلى پەرىشتە ۋەياكى كۆرۈمسىز بولايلى،قەددىمىزنى رۇسلاپ يۈرسەكلا،گۈزەل ۋە سۆيۈملۈك بولالايمىز.

4.ھاياتلىقتا نۇرغۇن نەرسىلەر بولمىسىمۇ بولىۋېرىدۇ،ئەمما ئۈمىد بولمىسا بولمايدۇ.چۈنكى ئۈمىد-ئىنسانلار تۇرمۇشىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ئەڭگۈشتەر.ئۈمىد بار يەردە ھاياتلىق مەڭگۈ كۆكلەيدۇ.

5.ئۆمۈچۈك ئۇچالمايدۇ،ئەمما ئۇ ئاسمانغا تور توقۇيالايدۇ.ئۇ-تىرىشچان،سەزگۈر،جىمغۇر ئەمما ئېگىلمەس ھاشاراتتۇر.چۈنكى ئۇ تورنى گويا ئىلاھ ياردەم قىلغاندەك،شۇنچە نەپىس ۋە رەتلىك توقۇيدۇ.بۇنداق كاتتا نەتىجە كىشگە ئىختىيارسىز ھالدا كەمسۆز ۋە ئۆزىنى ئاشكارلاشنى خالىمايدىغان ئاقىللارنى ئەسلىتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇنىڭ ئۇچالمىسىمۇ بوشلۇقتا تور توقۇيالايدىغان كارامىتىگە ھەيران قالىدۇ.مۆجىزە مانا مۇشۇنداق يارىتىلىدۇ.

6.تەقدىر بىزنىڭ ئىدىيەمىزگە مەڭگۈ يوشۇرۇنغان بولىدۇ،نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ھاياتلىقنىڭ ئوخشىمىغان باسقۇچلىرىدىكى چوڭ-كىچىك كۆلەڭگۈسىدىن چىقىپ بولالماسلىقىدىكى سەۋەب ئۇلارنىڭ تۇغما شەخسىي شارائىتىنىڭ باشقىلاردىن ناچار ئىكەنلىگىدە ئەمەس،بەلكى ئۇلار بۇ كۆلەڭگۈنى بىتچىت قىلىۋېتشنى ئويلىمىغانلىقىدا شۇنىڭدەك مەلۇم بىر نىشاننى توغرا تاللاش ئۈچۈن سەۋىرچان بولالمىغانلىقىدا.كۆز ئالدىدا تا ئوچۇقچۇلۇق پەيدا بولغۇچە بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن ئالغا ئىلگىرلەش لازىم.

7.مۇۋەپپىقىيەت قىزىقىش ۋە تىرشىشتىن كېلىدۇ.پەقەت بىز مەلۇم بىر كەسىپكە قىزىقساقلا ۋە ئۇزۇنغىچە داۋاملاشتۇرساقلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايمىز.چۈنكى تەڭرى بىزگە ئاتا قىلغان ۋاقىت ۋە ئەقىل-پاراسەت مەلۇم بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشىمىزغا تولۇق يېتىدۇ.


پەيزاۋات ناھىيەلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىدىن نىجات ئىبراھىم




شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
792
تۆھپە
312
UID
7115
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 09:49:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ھىكمەتلەرمۇ  ئادەمگە روھى ئوزۇق ،رەھمەت ،ھارمىغايسىز  


Rank: 6Rank: 6

تىللا
651
تۆھپە
354
UID
2930

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 18:16:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ياخشى ھىكمەتلەركەن


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 07:08, Processed in 0.078152 second(s), 31 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991