كۆرۈش: 3893|ئىنكاس: 3

روزى ھاجى مۇھەممەد بىلەن سۆھبەت[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
175
تۆھپە
4
UID
735
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 16:40:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداشلار!
ئالدى بىلەن بارلىق تورداشلارنىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى قىزغىن قۇتلۇقلايمىز!
«ئەلداۋا ساغلاملىق ئېكرانى» پروگراممىسىنىڭ 2-سانىدا ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان تېببىي خادىملىرىنىڭ پېشۋاسى ، مۆھتەرەم ئۇستاز دوختۇر روزى ھاجى مۇھەممىدى ئاكىمىز بىلەن يۈرەك كېسەللىكلىرى، شۇنداقلا تېببىي خادىملارنىڭ  ئەخلاق-ساپاسى، خەلق ئالدىدىكى بۇرىچلىرى، ئۇستازنىڭ تېببىي پەن ئۆگىنىۋاتقان ۋە بۇ ساھەگە ئەمدىلا كىرىشكەن بوغۇنلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرى ھەققىدە مۇڭداشماقچى بولغانلىقىمىز ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەنىدۇق. مانا شۇ تاپتا، «ئەلداۋا ساغلاملىق ئېكرانى» پروگراممىسىنىڭ 2-سانىنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق.

ruzi haji.png



(يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى روزى ھاجى مۇھەممىدى)





شارائىتنىڭ چەكلىك، تەجرىبىمىزنىڭ كەمچىل بولۇشى تۈپەيلى تورداشلار بىزدىن كۈتكەن ئۈنۈم ۋە سۈپەتكە يېتەلمىگەن بولۇشىمىز ئېنىق. ئەمما، بىز بۇندىن كېيىن تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، شارائىتىمىزنى پەيدىنپەي ياخشىلاپ، «ئەلداۋا ساغلاملىق ئېكرانى» نى تورداشلارنىڭ ھەقىقى سىرداش دوستى بولۇشقا يارايدىغان، مۇنەۋۋەر تور ئىكرانى پروگراممىسى قىلىپ ئىشلەپ چىقىشقا تىرىشىمىز! سىزنىڭ قوللىشىڭىز، رېغبىتىڭىز، تەكلىپ-تەنقىدلىرىڭىز بىز ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىك، ئەلۋەتتە.

ئاخىرىدا، تورداشلارنىڭ مەزكۇر فىلىمنى ھەرقايسى مۇنبەر، مىكروبلوگلاردا كۈچىنىڭ يېتىشىچە تەشۋىق قىلىپ قويۇشىنى، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-قاياشلىرىغا تەۋسىيە قىلىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىلتىماس قىلىمىز.

ئەلداۋا ساغلاملىق تورى
2012.04.29




شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 2

تىللا
175
تۆھپە
4
UID
735
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 12:08:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روزى ھاجىكام زامانىمىزدىكى تەۋەررۈك زاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، تېببى ساھەدە پېشىۋا ھېسابلىنىدۇ. ھاجىمكام ئۆزىنىڭ 60 يىللىق كەسپىي ھاياتىغا سانسىزلىغان كىشىلەرگە ھاياتلىق ئۈمىد بېغىشلاپلا قالماستىن، تېببىي ئالىي مائارىپ ساھەسىدە ئاجايىپ زور مېھنەت سىڭدۈرگەن بولۇپ، ھاجىمكامنىڭ شاگىرتلىرى نۆۋەتتە دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى غوللۇق دوختۇر-سېسترا، تېببىي كەسپ ئەھلىلىرىگە ئايلىنىپ، خەلقىمىزنىڭ ساقلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا. بىزدە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە تۈرلۈك شەرەپلەر بىلەن تون كېيدۈرۈلدى، شەرىپىگە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلدى. ھالبۇكى، رۇزى ھاجىمكام كەبىي كەسپىي ساھەلەردە ئۈن-تىنسىز، داۋراڭسىز قان-تەر ئاقتۇرىۋاتقان مېھنەتكەشلەرگە تېخى دوپپا چاغلىق نەرسە كەيدۈرۈلگىنى يوق ...
ھاجىمكام يېشى ئاللىقچان 78 گە يەتكەن بولسىمۇ ھېلىھەم ئامبولاتورىيگە چىقىپ كېسەل كۆرۈپ كەلمەكتە. تېببىي ساھەدىكى ئىلمىي ئىزدىنىشلىرىنى توختىتىپ قويغىنى، سول قولىدىكى تېببىي تىڭشىغۇچ بىلەن، ئوڭ قولىدىكى قەلەمنى تېخى تاشلىغىنى يوق.
ئۇشبۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ھاجىمكامنىڭ شاگىرتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ زاتنىڭ تېنىگە ساقلىق، دىلىغا شادلىق، ھاياتىغا يەنىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈرلەرنى تىلەيمەن!


Rank: 4

تىللا
369
تۆھپە
109
UID
3910
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 16:43:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تېمىكەن،بىزدە مۇشۇنداق تەببى پەن ساھاسىدىكى ئالىم -مۇتەخەسسىلەرنى تونۇشتۇرۇشلار،تەشۋىق قىلىش ناھىيىتى كەمچىل،ھەممە ئېكراننى سەنئەتچىلار ئىگەللەپ كەتتى،خۇددى بىزدە شۇ سەنئەتچىلاردىن باشقا ئالىم -مۇتەخەسسىلەر يوقتەكلا!!!!ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت!!!!


Rank: 2

تىللا
164
تۆھپە
41
UID
12289
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 01:22:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 09:34, Processed in 0.076057 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991