ئالداندىم
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
ئالدانماپتىم شەيتانغا، بىر شەيتانغا ئالداندىم،
شەيتان دېسەم راست دېمەڭ، بىر ئىنسانغا ئالداندىم،
ماڭا يوچۇن–ناتونۇش بىر«مېھمان»غا ئالداندىم،
ئاقىل ساناپ ئۆزەمنى بىر نادانغا ئالداندىم،
نەخنى دېسەم قاراقوساق بىر نىمجانغا ئالداندىم.
ئاڭلاپتىمەن دەردىنى كەلسە ماڭا ھال بىلەن،
شېكەر تۆكۈپ ئاغزىدىن تۇرسا تېخى بال بىلەن،
ئۇچراشقاندەك ئېقىندا غەرق بولغان چال بىلەن،
ئون دەريادىن ئۆتكۈزۈپ جاندىن كېچىپ سال بىلەن،
يول تاپالماي يۈرگەن بىر سەرگەردانغا ئالداندىم.
تۆكسە بالا دەردىنى گەپنى باشلاپ تۇغقاندىن،
شۇنچە خۇشھال بوپتىمەن تۇغقىنىمنى ئۇققاندىن،
بالا تاشتى بىر نامەرت ماڭا شۇنداق يۇققاندىن،
ئاخىر تاپتىم ھۇشۇمنى كارنىيىمنى بوغقاندىن،
ئالداندىميۇ، بىردەملىك ھاياجانغا ئالداندىم.
«ئوقۇتقانتىم قىزىمنى چىقالمىدى خىزمەتكە،
ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي قالدى ناھەق ھەسرەتكە،
دېھقان ئادەم زادىلا چىدالمىدىم بۇ دەرتكە»،
دېسە باغرىم ئېرىپتۇ بۇخۇمسىغا-نامەرتكە،
ئادەم ئەمەس نەسلى پەس بىر ھايۋانغا ئالداندىم.
شىپە قىلىپ خۇدانى بەرسە ماڭا ۋەدىنى،
دوڭغايغاندىن ئېگىلىپ تۇرسا ئۇنىڭ گەدىنى،
قانداق قۇلاق يوپۇراي ئاڭلاپ ئۇنىڭ دەردىنى؟
ئىلىك ئالدىم بۇ ناكەس-نا ئەھلىنىڭ ئەھدىنى،
خۇداغىمۇ ئىخلاستا دەرگۇمانغا ئالداندىم.
چۈشەنگەچكە زاماننى مېڭىپتىمەن يولىنى،
تونۇش ئىزدەپ چوڭلاردىن تۇتۇپ مەھكەم قولىنى،
ئۇرۇپ ھارماي تېلېفۇن چىقارمىسا چولىنى،
پۈتتۈرگەندە ھەرەجدە ئىشنىڭ ئوڭى-سولىنى،
ۋىجدانىنى سېتىۋەتكەن بى ئىمانغا ئالداندىم.
ئىشى پۈتتى، ئۇچراشساق قولى نەدە، سالام يوق،
قۇلۇپلانغان ئېغىزى «رەھمەت» دېگەن كالام يوق،
ئويلاپ باقسام ئويىدا دەيدۇ: «ئەمدى چالام يوق،
ئەمدى خىزمەت ئىشى يوق، ئەمدى مېنىڭ بالام يوق»،
بىر نومۇسسىز-شەرمەندە بەد زۇۋانغا ئالداندىم.
باردىم ئاخىر ئامال يوق ئۆزۈم ئاڭا ھال ئېيتىپ،
ئىش پۈتتۈرگەن چوڭلىرىم تۇرغاچ كۈندە گال ئېيتىپ،
يالۋۇرۇشتىن قوللىرىم تالدى تولا شال ئېيتىپ،
«رەمدە شۇنداق!» دېدى ئۇ، مانا ئەمدى پال ئېيتىپ،
چۆنتەك ئۆرۈپ مىڭ پاتمان پۇشايمانغا ئالداندىم.
شاخلار قۇرۇق بېغىمدا، ئەمدى قۇرۇق باغ قالدى،
قورۇمىلار يېيىلىپ دۇغى بىلەن ياغ قالدى،
كەكلىك، ئۇلا، بۇغا يوق، ماڭا ئەشۇ تاغ قالدى،
ئاللدىنىشتىن يۈرەكتە ئازاب قالدى-داغ قالدى،
ئادەمىيلىك-ئەرلىكتە بىر گۇمرانغا ئالداندىم!!!!