كۆرۈش: 2516|ئىنكاس: 6

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت: ئالداندىم[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
تىللا
232
تۆھپە
62
UID
8876
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 00:52:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئالداندىم


ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت


ئالدانماپتىم شەيتانغا، بىر شەيتانغا ئالداندىم،

شەيتان دېسەم راست دېمەڭ، بىر ئىنسانغا ئالداندىم،

ماڭا يوچۇن–ناتونۇش بىر«مېھمان»غا ئالداندىم،

ئاقىل ساناپ ئۆزەمنى بىر نادانغا ئالداندىم،

نەخنى دېسەم قاراقوساق بىر نىمجانغا ئالداندىم.

ئاڭلاپتىمەن دەردىنى كەلسە ماڭا ھال بىلەن،

شېكەر تۆكۈپ ئاغزىدىن تۇرسا تېخى بال بىلەن،

ئۇچراشقاندەك ئېقىندا غەرق بولغان چال بىلەن،

ئون دەريادىن ئۆتكۈزۈپ جاندىن كېچىپ سال بىلەن،

يول تاپالماي يۈرگەن بىر سەرگەردانغا ئالداندىم.

تۆكسە بالا دەردىنى گەپنى باشلاپ تۇغقاندىن،

شۇنچە خۇشھال بوپتىمەن تۇغقىنىمنى ئۇققاندىن،

بالا تاشتى بىر نامەرت ماڭا شۇنداق يۇققاندىن،

ئاخىر تاپتىم ھۇشۇمنى كارنىيىمنى بوغقاندىن،

ئالداندىميۇ، بىردەملىك ھاياجانغا ئالداندىم.

«ئوقۇتقانتىم قىزىمنى چىقالمىدى خىزمەتكە،

ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي قالدى ناھەق ھەسرەتكە،

دېھقان ئادەم زادىلا چىدالمىدىم بۇ دەرتكە»،

دېسە باغرىم ئېرىپتۇ بۇخۇمسىغا-نامەرتكە،

ئادەم ئەمەس نەسلى پەس بىر ھايۋانغا ئالداندىم.

شىپە قىلىپ خۇدانى بەرسە ماڭا ۋەدىنى،

دوڭغايغاندىن ئېگىلىپ تۇرسا ئۇنىڭ گەدىنى،

قانداق قۇلاق يوپۇراي ئاڭلاپ ئۇنىڭ دەردىنى؟

ئىلىك ئالدىم بۇ ناكەس-نا ئەھلىنىڭ ئەھدىنى،

خۇداغىمۇ ئىخلاستا دەرگۇمانغا ئالداندىم.

چۈشەنگەچكە زاماننى مېڭىپتىمەن يولىنى،

تونۇش ئىزدەپ چوڭلاردىن تۇتۇپ مەھكەم قولىنى،

ئۇرۇپ ھارماي تېلېفۇن چىقارمىسا چولىنى،

پۈتتۈرگەندە ھەرەجدە ئىشنىڭ ئوڭى-سولىنى،

ۋىجدانىنى سېتىۋەتكەن بى ئىمانغا ئالداندىم.

ئىشى پۈتتى، ئۇچراشساق قولى نەدە، سالام يوق،

قۇلۇپلانغان ئېغىزى «رەھمەت» دېگەن كالام يوق،

ئويلاپ باقسام ئويىدا دەيدۇ: «ئەمدى چالام يوق،

ئەمدى خىزمەت ئىشى يوق، ئەمدى مېنىڭ بالام يوق»،

بىر نومۇسسىز-شەرمەندە بەد زۇۋانغا ئالداندىم.

باردىم ئاخىر ئامال يوق ئۆزۈم ئاڭا ھال ئېيتىپ،

ئىش پۈتتۈرگەن چوڭلىرىم تۇرغاچ كۈندە گال ئېيتىپ،

يالۋۇرۇشتىن قوللىرىم تالدى تولا شال ئېيتىپ،

«رەمدە شۇنداق!» دېدى ئۇ، مانا ئەمدى پال ئېيتىپ،

چۆنتەك ئۆرۈپ مىڭ پاتمان پۇشايمانغا ئالداندىم.

شاخلار قۇرۇق بېغىمدا، ئەمدى قۇرۇق باغ قالدى،

قورۇمىلار يېيىلىپ دۇغى بىلەن ياغ قالدى،

كەكلىك، ئۇلا، بۇغا يوق، ماڭا ئەشۇ تاغ قالدى،

ئاللدىنىشتىن يۈرەكتە ئازاب قالدى-داغ قالدى،

ئادەمىيلىك-ئەرلىكتە بىر  گۇمرانغا ئالداندىم!!!!



شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
768
تۆھپە
305
UID
7115
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 19:59:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ،  ئالدامچى ساختىپەز ئادەملەر ھامان بىر كۈنى ۋىجدان ئازابى تارتماي قالمايدۇ. شۇنداق ئادەملەرمۇ بار ،ياخشىلىققا يامانلىق  دىگەندەك بىر ئىش بوپتۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   diし__SiЯi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-30 20:01  



Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
1804
تۆھپە
1101
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 03:32:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ،  ئالدامچى ساختىپەز ئادەملەر ھامان بىر كۈنى ۋىجدان ئازابى تارتماي قالمايدۇ


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1735
تۆھپە
959
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 16:01:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئوتنە جاھان ، ئاللاھنىڭ ئاغامچىسى ئۇزۇن ، ئۇنىمۇ قويىدىغان ئادەم چىقىدۇ


ھايات ـــ مەن ئۈچۈن بىر سىناق.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
768
تۆھپە
305
UID
7115
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 18:13:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tuman يوللىغان ۋاقتى  2012-5-1 03:32
كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ،  ئالدامچى ساختىپەز ئادەملەر ھامان  ...

نىمانداق مايمۇننىڭ رەسمىنى يوللاپ قويدىڭىز


Rank: 4

ئىسىمى
ئابلەتجان
تىللا
516
تۆھپە
109
UID
927
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 20:48:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەزەل تولىمۇ مەنىلىك ھەم ياخشى يېزىلىپتۇ، ئاپتورنىڭ ئىجادىيتىگە تەشەككۈر.


مەن بۈگۈننى قانداق ئۆتكۈزدۈم؟ بۇ مەن ھەركۈنى ئۆزۈمگە قويىدىغان سۇئال

Rank: 4

ئىسىمى
ئوت ماكانى
تىللا
755
تۆھپە
57
UID
11818
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aldandim-1副本.jpg
aldandim-2副本.jpg


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-31 09:51, Processed in 0.080556 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991