كۆرۈش: 782|ئىنكاس: 0

تورداشلاردىن مەسىھەت سورايمەن...[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرېھىمجان ئاتاۋۇللا
تىللا
499
تۆھپە
197
UID
4607
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 00:08:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەسسالام تورداشلار، سىلەردىن بىر ئىش توغىرىلىق مەسلىھەت سورىماقچى: بۇ ئىش بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە بەك زىل،سەزگۈر  مەسىلە بولۇپ ھىساپلىنىشى مومكىن، لىكىن مەن ئۇنداق قارىمىدىم ،ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭمۇ تېمامنى تەستىقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى تەڭرىتاغ مۇنبىرى ھۆكۈمىتىمىز باشقۇرۇشىدىكى مۇنبەر،(ئەگەر باشقا مۇنبەرلەرگە يوللىسام بەزىلەر تېمامنى خاتا چۈشىنىۋىلىپ، تېمىنىڭ مەنىسى ۋە مەقسىتى ئۆزگىرىپ كىتىدىكەن) مەنچە بولغاندا پۇقرالارنىڭ تەلەپ-پىكىرلىرىنى توردا قانۇنىي،توغرا يوللار بىلەن بايان قىلىنىشىغا يول قويۇلىدۇ دەپ ئويلايمەن، گەپنىڭ ئاساسىي تېمىسىغا قايتىپ كىلەيلى،  كەمىنە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇيمەن، ھەممەيلەنگە مەلۇم؛ ئنىستىتۇتىمىز ۋەتىنىمىزنىڭ ئەڭ غەربىگە جايلاشقان ئالىي بىلىم يۇرتى،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەڭ قويۇق ئەزىزانە قەشقەرگە جايلاشقان،جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامى مەشھۇر بىلىم ئوچىقى.
             مەن دەسلەپ بۇ ئىنىستىتۇتقا كەلگەندە ئۆزۈمنىڭ مۇشۇنداق ياخشى بىلىم يۇرتىغا ئوقۇشقا كەلگنلىكىمدىن بەكلا پەخىرلەنگەنتىم، لىكىن ۋاقىت ئۇزارغانسىرى مەكتەپتىكى بەزى ئشلار پەقەتلا كاللامدىن ئۆتمىدى، نىمىشقا دىسىڭىز، مەكتەپتىكى بىنالارنىڭ نامى، تام گىزىتى، ھەرخىل ئۇقتۇرۇش،مەكتەپ ئىچىدىكى ھەرخىل كۆرسەتمە تاختىلار،ئىشقىلىپ يىزىق بىلەن كۆرسىتىلىدىغان كۆرسەتمىلەرنىڭ ھەممىسىلا خەنزۇچە،ھەتتا پائالىيەت-مۇسابىقىلەرنىڭ رىياسەتچىلىك-چۈشەندۈرۈلمىلىرمۇ خەنزۇچە، پەقەت مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىدىلا  ئۇيغۇرچە مەكتەپ نامى بار، مەن دەسلەپ بۇلارنى كۆرۈپ بۇ بەلكىم يۇقىرىنىڭ بەلگىلىمىسى ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم،كىيىن مەكتىپىمىزگە يۇقىرىدىن نەچچە قىتىم تەكشۈرۈش ئۆمىكى كەلدى، شۇندىلا مەكتىپىمىزدە  ئۇيغۇرچە يىزىقتىكى ھەرخىل تام گىزىتلىرى پەيدا بولدى، فاكۇلىتتلارغىمۇ ئۇيغۇر-خەنزۇ ئىككى خىل يىزىقتا ئالىقانداق مۇراجەتنامىلەر چاپلاندى،ياتاق بىنالىرىغىمۇ ھەم كىتاپ ئئېانە قىلىش تۇغىرىسىدىكى مۇراجەتنامىلەر چاپلاندى، مەكتەپ رادىئو ئۇزىلىدىمۇ كۈن بويى ئۇيغۇرچە ناخشىلار ياڭراپ تۇردى،تاس قالدى خەنزۇچە ئاڭلاتمىغىلى، بۇلارنى كۆرۈپ،ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا خەنزۇچىلا ئشلىتىش ھەرگىزمۇ يۇقىرىنىڭ بەلگىلىمىسى  ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدىم،مىللىي تىرىتورىيلىك ئاپتونومىيە قانۇنىدىكى مىللىي تىل-يىزىققا ئائىت مەزمۇنلارنى (ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدا ئاساسلىق تىل-يىزىق ھەم ھۆكۈمەت قوللىنىدىغان تىل-يىزىق ئۇيغۇر تىل-يىزىقى  بولىدۇ ، باشقا تىللارنى ئھتىياجغا ئاساسەن ئشلىتىپ قويسا بولىدۇ،ئۇيغۇر يىزىقى ئاپتۇنۇم رايۇندىكى ھەرقانداق ئورۇننىڭ ۋىۋىسكىسىغا توغرا،ئۆلچەملىك ھەم ئۈستىگە يىزىلىشى كىرەك،ئاپتۇنۇم رايۇن تەۋەسىدىكى ئىدارە-ئورگاندىن تارتىپ،شەخسىي ئورگانلارغىچەتولۇق بولىشى كىرەك، بۇنداق بولمىغاندا جاۋاپكارلىق ئىغىر دەرىجىدە سۈرىشتە قىلىنىدۇ،مەزكۇر نىزام باشقا بەش ئوبلاسىتتىمۇ كۈچكە ئىگە قىلىنىدۇ) كۆرۈپ ھەم<<تىل ۋە تەرجىمە>> ژۇرنىلىدىن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تىل-يىزىق كومتىتىنىڭ مەلۇم بىر رەھبىرىنىڭ ئۆمەك باشلاپ تۆۋەنگە چۈشۈپ،مىللىي تىل -يىزىق ئشلىرىنى تەكشۈرگەنلىكنى كۆرۈپ    بۇنى يەنىمۇ چۇڭقۇر ھىس قىلدىم،  بۇلارنى ئوقۇپ بەلكىم مىنى سىڭگەن نىنىنى يەپ، ئوقۇشىنى ئوقىسا بولمامدىغاندۇ؟ دەپ ئويلاپمۇ قالارسىز، لىكىن بۇ كىچىك مەسىلە بولماستىن، بەلكى بىزنىڭ قانۇنىي ھوقوق مەنپەتىمىز بىلەن چىتىشلىق، ھەر بىر ۋىجدان ئگىسى ئويلىنىپ بىقىشقا تىگىشلىك مەسىلە،دۆلىتىمىز قانۇنىنىڭ مۇكەممەلىششىگە ئەگىشىپ، جەمىيەتتتىكى باشقا جايلاردىغۇ مىللىي تىل-يىزىق بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئۆز رولىنى جارىي قىلدۇرۇشقا  باشلىدى،لىكىن دۆلەت مىللىيچە خاسلىققا ئىگە غەرپتىكى شىنجىن قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز دەپ تىرىشىۋاتقان قەشقەردەك جايدا،بولۇپمۇ مۇشۇنداق جايدىكى ئالىي بىلىم يۇرتىدا مىللىي تىل-يىزىقنىڭ يوقاپ كىتىشى نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ؟ئەجىبا مەكتەپ رەھبەرلىرى مەكتىپمىزدىكى 70%تىن كۆپرەك مىللىي ئوقوغۇچىلارنى ئويلىمامدىغاندۇ؟خەنزۇچە ئۈگىنىش ياخشى ئىش، خەنزۇ تىلى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تىلى، ھەمدە دەۋرنىڭ تەلىپى، لىكىن مەكتىپىمىزدەك مىللىي ئوقوغۇچىلار كۆپ بىلىم يۇرتلىرىدا، مىللىي  تىل-يىزىقىمىزنى كاپالەتلەندۈرۈپ بىرىشى كىرەكتە.
                  شۇڭا تورداشلاردىن سورايدىغان مەسلىھەتىم: مەن يۇقاردا دىيىلگەندەك مەسىللىلەرنى قايسى ئۇسسۇل ئارقىلىق ، قايسى ئورگان ئارقىلىق ھەل قىلىمىز؟
            (ئاخىردا تورداشلارنىڭ بۇ تېمىنى سوغۇققانلىق بىلەن تەھلىل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى توغرا،ئىلمىي ئۇسسۇلدا ئوتتۇرغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.)


چاقچاققا ئىزاھات بەرمەڭ، شىئرنى چۈشەندۈرمەڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 07:05, Processed in 0.068955 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991