كۆرۈش: 303|ئىنكاس: 3

iPhone5 نىڭ قېلىنلىقى ۋە بازارغا كىرىش ۋاقتى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
6
تۆھپە
4
UID
14388
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 17:23:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

iPhone5 نىڭ قېلىنلىقى ۋە بازارغا كىرىش ۋاقتى



      كېيىنكى ئەۋلاد iPhone بەلكىم 10 - ئايدا ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن بولۇپ، يېڭى لاھىيە قوللىنىدىكەن، قېلىنلىقى 8mmدىن ھالقىپ 7.9mm غا يېتىدىكەن، يەنە تېخىمۇ تېز بولغان سىمسىز تور سەپلىنىدىكەن.


      كۆپلىگەن خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى ئەۋلاد iPhone نىڭ سىرتقى شەكلى iPhone 4/4S بىلەن ئوخشىمايدىكەن. كورىيەدىكى بىر ئاخبارات ۋاسىتىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كېيىنكى ئەۋلاد iPhone تېخىمۇ نېپىز بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىدىكى بېسلىشقا چىدامچانلىق ئىقتىدارى بار ئىكەن. خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، iPhone5 كە سۇيۇق ھالەتتىكى مېتال - زىركونىي، تىتان، نىكېل، مىس قاتارلىق بىرىكمە مېتال ئىشلىتىلىدىكەن، سۇيۇقلۇققا ئوخشاش پارقىراقلىققا ئىگە ئىكەن.


      بۇنىڭدىن باشقا، بەزى خەۋەرلەردە كېيىنكى ئەۋلاد iPhone غا شارىپ ۋە توشىبانىڭ in-Cell سېزىمچان ئېكرانى ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، يەنە تېخىمۇ نېپىز بولغان باتارېيە ئىشلىتىلىپ يانفون گەۋدىسىنى ئىنتايىن نېپىز قىلىدىكەن. KGI Securities ئاكسىيە شىركىتىنىڭ تەھلىلچىسى Ming-Chi Kuo نىڭ ئىپادىلىشىچە، ئەگەر بۇ راست بولىدىغان بولسا كېيىنكى ئەۋلاد iPhone نىڭ قېلىنلىقى 7.9mm غا يېتىپ iPhone4S دىن %15 نېپىز بولىدىكەن.





      ئامېرىكا  مەبلەغ سېلىش بانكىسى Piper Jaffray نىڭ تەھلىلچىسى Gene Munster بىر دوكلاتتا يېزىلىشىچە، ئۆزەك ياساش شىركىتى ئامېرىكا گاۋتوڭ شىركىتى تەلەپنى قاندۇرالمىغانلىق سەۋەبىدىن ئالما شىركىتى 10 - ئايدا كېيىنكى ئەۋلاد iPhone نى بازارغا سېلىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، گاۋتوڭنىڭ سىمسىز تور ئۆزىكى يەنە كېيىنكى ئەۋلاد iPhone دا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، تورغا ئۇلىنىش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز ئىكەن.






مەنبەسى: http://nurdiyar.com


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-29 14:55  

Rank: 2

تىللا
125
تۆھپە
50
UID
6655
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭ باھاسى يەنە قانچىلىك ئۆسەر؟

Rank: 6Rank: 6

تىللا
856
تۆھپە
422
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nokiaچىقىپ كىتەلمەي ئۆتۈپ كەتتىمغۇ
ئاسان ئەمەس ئادەمدەك يۈرمەك...

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
قۇربان غۇپۇر ئۇلباس
تىللا
163
تۆھپە
62
UID
2099
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايفون بولسا ئەقلىي يانتېلفۇنلارنىڭ سەركىسى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-6 01:03, Processed in 0.068586 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991