كۆرۈش: 6052|ئىنكاس: 5

iPhone5 نىڭ قېلىنلىقى ۋە بازارغا كىرىش ۋاقتى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
6
تۆھپە
4
UID
14388
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 17:23:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

iPhone5 نىڭ قېلىنلىقى ۋە بازارغا كىرىش ۋاقتى



      كېيىنكى ئەۋلاد iPhone بەلكىم 10 - ئايدا ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن بولۇپ، يېڭى لاھىيە قوللىنىدىكەن، قېلىنلىقى 8mmدىن ھالقىپ 7.9mm غا يېتىدىكەن، يەنە تېخىمۇ تېز بولغان سىمسىز تور سەپلىنىدىكەن.


      كۆپلىگەن خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى ئەۋلاد iPhone نىڭ سىرتقى شەكلى iPhone 4/4S بىلەن ئوخشىمايدىكەن. كورىيەدىكى بىر ئاخبارات ۋاسىتىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كېيىنكى ئەۋلاد iPhone تېخىمۇ نېپىز بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىدىكى بېسلىشقا چىدامچانلىق ئىقتىدارى بار ئىكەن. خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، iPhone5 كە سۇيۇق ھالەتتىكى مېتال - زىركونىي، تىتان، نىكېل، مىس قاتارلىق بىرىكمە مېتال ئىشلىتىلىدىكەن، سۇيۇقلۇققا ئوخشاش پارقىراقلىققا ئىگە ئىكەن.


      بۇنىڭدىن باشقا، بەزى خەۋەرلەردە كېيىنكى ئەۋلاد iPhone غا شارىپ ۋە توشىبانىڭ in-Cell سېزىمچان ئېكرانى ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، يەنە تېخىمۇ نېپىز بولغان باتارېيە ئىشلىتىلىپ يانفون گەۋدىسىنى ئىنتايىن نېپىز قىلىدىكەن. KGI Securities ئاكسىيە شىركىتىنىڭ تەھلىلچىسى Ming-Chi Kuo نىڭ ئىپادىلىشىچە، ئەگەر بۇ راست بولىدىغان بولسا كېيىنكى ئەۋلاد iPhone نىڭ قېلىنلىقى 7.9mm غا يېتىپ iPhone4S دىن %15 نېپىز بولىدىكەن.





      ئامېرىكا  مەبلەغ سېلىش بانكىسى Piper Jaffray نىڭ تەھلىلچىسى Gene Munster بىر دوكلاتتا يېزىلىشىچە، ئۆزەك ياساش شىركىتى ئامېرىكا گاۋتوڭ شىركىتى تەلەپنى قاندۇرالمىغانلىق سەۋەبىدىن ئالما شىركىتى 10 - ئايدا كېيىنكى ئەۋلاد iPhone نى بازارغا سېلىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، گاۋتوڭنىڭ سىمسىز تور ئۆزىكى يەنە كېيىنكى ئەۋلاد iPhone دا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، تورغا ئۇلىنىش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز ئىكەن.






مەنبەسى: http://nurdiyar.com


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-29 14:55  

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 2

تىللا
132
تۆھپە
51
UID
6655
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 08:09:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭ باھاسى يەنە قانچىلىك ئۆسەر؟

Rank: 6Rank: 6

تىللا
1018
تۆھپە
488
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 13:01:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nokiaچىقىپ كىتەلمەي ئۆتۈپ كەتتىمغۇ
ئۆيگە كەتكۈم بار..

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
قۇربان غۇپۇر ئۇلباس
تىللا
184
تۆھپە
69
UID
2099
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 15:52:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايفون بولسا ئەقلىي يانتېلفۇنلارنىڭ سەركىسى.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
1804
تۆھپە
1101
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 17:39:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا باھاسى بەكلا يۇقىرى بولمسا ياخشى بۇلاتتى~! مەنمۇ بىرنى ئشلىتىپ باقاي~!
قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
1804
تۆھپە
1101
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 17:41:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىمدىكى ھازىرقىiPhone4S تىلفۇنى  بەكلا ئۆچ بولدۇم~!
قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-31 09:31, Processed in 0.072928 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991