بىللىدۇر
مۇھەممەتجان راشىدىن
ياخشى جۈپلەر بىر ئۆمۈر مەنزىل قاراردا بىللىدۇر،
رىزقى ھەم بىر بۇردا نان، بىر تال ئاناردا بىللىدۇر.
تەڭ تۇرۇپ تاغنى كۆتۈرمەككە يەنە تەييار ئۇلار،
بىر ئوچاقنى تەڭ ياساپ، ئوتنى قالاردا بىللىدۇر.
جەندە كىيگەندە قەدىردان، بىر كېپىشنى تەڭ سۆرەپ،
ياخشى جۈپلەر ياخشى كۈن، دۇردۇن-تاۋاردا بىللىدۇر.
يوق ئۇلاردا كەمبەغەللىك باسسىمۇ ئاسىي كۆڭۈل،
تاپقىنى تەڭ ئۆلگۈچە، دوللار ساناردا بىللىدۇر.
ئاتىلار ئۇندا ئەبەد، چۈشمەس ئەزىزلىك تەختىدىن،
كەتسە دۇنيادىن بىرى، يىغلاپ ماڭاردا بىللىدۇر.
ئانىلار ئاندىن قەدىرلىك ياخشى جۈپلەر قەلبىدە،
ياغ يىسە تەڭ يەپ، ياغلىق تاڭاردا بىللىدۇر.
ئەر دېگەن شەيتان تۈپەيلى، بىۋاپالىق قىلمىسا،
يېنىدا مەھبۇبىسى خامان ئالاردا بىللىدۇر.
كەچمىسە مەھبۇبىلەر ئەسلا ساداقەت باغىدىن،
ئەرلىرى قايناپ قازان، ئاشنى سالاردا بىللىدۇر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-28 22:02