كۆرۈش: 1496|ئىنكاس: 1

بىللىدۇر[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
ئەزمەت
تىللا
285
تۆھپە
163
UID
10822
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 10:44:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىللىدۇر

مۇھەممەتجان راشىدىن

ياخشى جۈپلەر بىر ئۆمۈر مەنزىل قاراردا بىللىدۇر،
رىزقى ھەم بىر بۇردا نان، بىر تال ئاناردا بىللىدۇر.

تەڭ تۇرۇپ تاغنى كۆتۈرمەككە يەنە تەييار ئۇلار،
بىر ئوچاقنى تەڭ ياساپ، ئوتنى قالاردا بىللىدۇر.

جەندە كىيگەندە قەدىردان، بىر كېپىشنى تەڭ سۆرەپ،
ياخشى جۈپلەر ياخشى كۈن، دۇردۇن-تاۋاردا بىللىدۇر.

يوق ئۇلاردا كەمبەغەللىك باسسىمۇ ئاسىي كۆڭۈل،
تاپقىنى تەڭ ئۆلگۈچە، دوللار ساناردا بىللىدۇر.

ئاتىلار ئۇندا ئەبەد،  چۈشمەس ئەزىزلىك تەختىدىن،
كەتسە دۇنيادىن بىرى، يىغلاپ ماڭاردا بىللىدۇر.

ئانىلار ئاندىن قەدىرلىك ياخشى جۈپلەر قەلبىدە،
ياغ يىسە تەڭ يەپ، ياغلىق تاڭاردا بىللىدۇر.

ئەر دېگەن شەيتان تۈپەيلى، بىۋاپالىق قىلمىسا،
يېنىدا مەھبۇبىسى خامان ئالاردا بىللىدۇر.

كەچمىسە مەھبۇبىلەر ئەسلا ساداقەت باغىدىن،
ئەرلىرى قايناپ قازان، ئاشنى سالاردا بىللىدۇر.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-28 22:02  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 2

ئىسىمى
شەيدا
تىللا
54
تۆھپە
26
UID
6041
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 22:36:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ياخشى يېزىلىپتۇ.   ئۇتۇق  تىلەيمەن !


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-31 09:13, Processed in 0.070646 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991