يۇلغۇن : رۇبائىلار
نامەردلەر ئاجىزنى بوزەك تاپىدۇ،
كۈچلۈككە يولۇقسا بەدەر قاچىدۇ.
يامانلىق ياندۇرار ياخشىلىق قىلساڭ،
ئېشىنى يەپ بولۇپ تاۋاق چاقىدۇ.
يۇرتداش بىز يىلتىزداش، تومۇرداش، سىرداش،
ئۇدۇمدۇر بىز ئۈچۈن ئۆملۈكنى ساقلاش.
ئارىغا ئۆچمەنلىك، نىزا تېرىغان،
ئەل ئۈچۈن ئاپەتتۇر بولماس پىكىرداش.
بىلىملىك ئادەمدىن بەخت كەتمەيدۇ،
ئەخلاقلىق ئادەملەر ھەسرەت چەكمەيدۇ.
بىلىمسىز، ئەخلاقسىز زەپەر قۇچالماس،
كۆڭلىدە قارالىق مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.
ناداندا بولمايدۇ ئەقىل – پاراسەت،
نادانلىق ئەڭ يامان ئېغىر جاراھەت.
توخۇلار بۈركۈتتەك ئۇچقان نەدە بار؟
تۈلكىنىڭ قۇترىشى ئەلگە نادامەت.
بىلىملىك ئادەملەر كامال تاپىدۇ،
مۈشكۈلگە يولۇقسا ئامال تاپىدۇ.
ھەسەتخور، نادانلار كۆرەلمەسلىكتىن،
نىشانغا يەتمەيدۇ، زاۋال تاپىدۇ.
بىلىملىك ئادەمنىڭ تۆت پەسلى بوستان،
بىلىمسىز كىشىنىڭ تۆت پەسلى خازان.
ئاقىلدىن ئەل –يۇرتقا قۇت - ئامەت ياغسا،
نادانلار ئاقىلغا تىلەيدۇ بوران.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-27 16:13