كۆرۈش: 1428|ئىنكاس: 2

يۇلغۇن : رۇبائىلار[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
733
تۆھپە
283
UID
296
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 08:58:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يۇلغۇن : رۇبائىلار


نامەردلەر ئاجىزنى بوزەك تاپىدۇ،

كۈچلۈككە يولۇقسا بەدەر قاچىدۇ.

يامانلىق ياندۇرار ياخشىلىق قىلساڭ،

ئېشىنى يەپ بولۇپ تاۋاق چاقىدۇ.



يۇرتداش بىز  يىلتىزداش، تومۇرداش، سىرداش،

ئۇدۇمدۇر بىز ئۈچۈن ئۆملۈكنى ساقلاش.

ئارىغا ئۆچمەنلىك، نىزا تېرىغان،

ئەل ئۈچۈن ئاپەتتۇر بولماس پىكىرداش.



بىلىملىك ئادەمدىن بەخت كەتمەيدۇ،

ئەخلاقلىق ئادەملەر ھەسرەت چەكمەيدۇ.

بىلىمسىز، ئەخلاقسىز زەپەر قۇچالماس،

كۆڭلىدە قارالىق مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.


ناداندا بولمايدۇ ئەقىل – پاراسەت،

نادانلىق ئەڭ يامان ئېغىر جاراھەت.

توخۇلار بۈركۈتتەك ئۇچقان نەدە بار؟

تۈلكىنىڭ قۇترىشى ئەلگە نادامەت.



بىلىملىك ئادەملەر كامال تاپىدۇ،

مۈشكۈلگە يولۇقسا ئامال تاپىدۇ.

ھەسەتخور، نادانلار كۆرەلمەسلىكتىن،

نىشانغا يەتمەيدۇ، زاۋال تاپىدۇ.



بىلىملىك ئادەمنىڭ تۆت پەسلى بوستان،

بىلىمسىز كىشىنىڭ تۆت پەسلى خازان.

ئاقىلدىن ئەل –يۇرتقا قۇت - ئامەت ياغسا،

نادانلار ئاقىلغا تىلەيدۇ بوران.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-27 16:13  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
768
تۆھپە
305
UID
7115
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 23:32:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇنى چوڭقۇركەن،ئەجرىڭىزگە رەھمەت  


Rank: 2

ئىسىمى
ئەمەتجان زۇنۇن
تىللا
142
تۆھپە
36
UID
4528
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 03:48:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلھام ، تەپەككۇر ، ئىزلىنىشلەر تېخمۇ يۈكسەكلىككە يەتكەي.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-31 08:37, Processed in 0.069018 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991