كۆرۈش: 24021|ئىنكاس: 18

بوكس ماھىرى مەمەتتۇرسۇن چوڭ ھەققىدە يىڭى خەۋەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سابىرجان سىيىت
تىللا
682
تۆھپە
420
UID
3338
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 21:19:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈرەتلىك خەۋەر

بوكس ماھىرى مەمەتتۇرسۇن چوڭ ھەققىدە يىڭى خەۋەر



      قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە بوكىس ماھىرى مەمەتتۇرسۇن چوڭنىڭ لوندون ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
      قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە ئۆسۈپ چوڭ بولغان بوكىس ماھىرى مەمەتتۇرسۇن چوڭ يېقىندا قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا لەۋھە تالىشىشى بوكس مۇسابىقىسىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە فىلىپپىن، قىرغىزىستان ۋە ئىران ماھىرلىرىنى يېڭىپ، لوندون 30 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلىكى بۇ ناھىيەدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ھاياجانغا سالدى.
      4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتە مەمەتتۇرسۇن چوڭنىڭ لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، پائالىيەتتە مەمەتتۇرسۇن چوڭ ئۆزىنىڭ پارتىيە – ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا ئۆسۈپ يېتىلىش، تەربىيەلىنىش ئەھۋالىنى تۇنۇشتۇردى. 3 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم قاتناشقان مۇراسىمدا مەكتەپ مەسئۇللىرى مەمەتتۇرسۇن چوڭنىڭ ئېرىشكەن شان - شەرەپلىرى ۋە نەتىجىلىرىنى تۇنۇشتۇردى. مەكتەپ مەسئۇللىرى، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ئۇنىڭغا گۈل تەقدىم قىلدى ۋە ئۇنىڭ لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنىدا تېخىمۇ  زور شان – شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بەردى.
      مەمەتتۇرسۇن چوڭ قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ باغچا يېزا 12 - كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ھازىر دۆلەتلىك بوكس كوماندىسىنىڭ ئەزاسى، خەلقئارا دەرىجىلىك تەنھەرىكەت ماھىرى، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ ئەزاسى، ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ بوكسىيورلۇققا ھەۋەس قىلىپ، جاپالىق مەشىق قىلىش ۋە تەربىيەلىنىش نەتىجىسىدە 2002 - يىلى ئاپتونۇم رايوننىڭ يىللىق مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ بوكىسچىلار كوماندىسىغا تاللانغان.2004-يىلى ئاسىيا ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 2 - بولغان. 2007 - يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە 5 - بولغان. 2004 - يىلى11 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بوكس تۈرىدە 64 كىلوگىراملىقلار تۈرىدە چىمپىيون بولغان. 2008 - يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. 2011 - يىلى ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان.
      ئىگىلىنىشىچە، ئۇ ئىككى نۆۋەت ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ بوكس مۇسابىقىسىگە قاتناشقان تۇنجى ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچى ھېسابلىنىدىكەن. بۇ كۈنى مەمەتتۇرسۇن چوڭ ناھىيەلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بوكس كوماندىسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى بىر قېتىم ئەمەلىي مەشىقلەندۈردى ۋە بوكس ماھارىتى كۆرسىتىپ بەردى.
      ناھىيەلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بوكس كوماندىسىدىكى ئوقۇغۇچىسى نۇرئەخمەت مۇنداق دېدى: ئولىمپىك ئوغلانى مەمەتتۇرسۇن چوڭ ئاكىمىز بۈگۈن مەكتىپىمىزگە كېلىپ ئۆزىنىڭ قانداق تىرىشىپ ئۆگەنگەنلىكى، قانداق نەتىجىلەرگە ئىرىشكەنلىكىنى سۆزلەپ، بىزنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. مەن تىرىشىپ ئۆگىنىپ ۋەتەن، خەلققە ياراملىق ئىز باسارلاردىن بولىمەن.
      سۈرەتتە: 1. مەمەتتۇرسۇن چوڭ ئوقۇغۇچىلاغا ماھارەت ئۆگەتمەكتە.
                  2. مەكتەپ مۇدىرى ئەسقەر ئابلەت گۈل تەقدىم قىلماقتا.
      سابىرجان سىيىت
      ماھىرە قاسىم، دىلخۇمار ئەنۋەر
      قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەلىك رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى

DSC_2717.JPG




DSC_2709.JPG



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-27 11:23  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
690
تۆھپە
390
UID
1303

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 12:39:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ مەھەللىدە بىر قوشنىمىز بۇلۇپ مەھەللىدىكىلەر ئۇنى چوڭام دەپ ئاتىشاتتۇق ،بۇ ئادەمنىڭ يەتتە ئوغلى بۇلۇپ ھەممىسى شۇنداق بىر-بىرىدىن قاۋۇل ئەزىمەتلەر ئىدى، ئاجىز يىتىملارغا ، ياردەم بەرسە ،ئۆكتەملەرنى ئەدەبلەيتى، شۇڭا بىزنىڭ كوچىغا بىرەر ئەسكى ئادەم، ياكى ئوغرىلارمۇ ئاسانلىقچە كىرىشكە جۈرئەت قىلالمايتى. كىيىن نىمە سەۋەبتىنكىن تاڭ بۇ ئائىلىدىكىلەر قانۇن ئورۇنلىرى تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىندى ئاڭلىساق «يەرئاستى جامباز» مەشىق ئورنى قۇرۇپتىدەكمىش .......ئەگەر ئۇلار مۇھەممەت تۇرسۇندەك مۇنتىزىم مەشىق قىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشكەن بولسا بەلكىم دۆلىتىمىز جۈملىدىن مىللتىمىز بوكىسچىلىق ساھەسىگە شەرەپ كەلتۈرگەن بۇلاتتى


Rank: 4

تىللا
244
تۆھپە
169
UID
7217
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 15:48:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىيارىمىزنىڭ پەخرىنى تونۇشتۇرۇپ كىتاپ چىقارمامسىز ،سابىرجان ئاكا؟؟!!
باشلىق،مۇدىر،سىكىرتار،ساتىراچلارنى ماختاپ ئۇچۇرۇپ كىتاپ سىتىۋەرمەي.........


Rank: 4

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
323
تۆھپە
154
UID
5645
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 17:34:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىش بوپتۇ، ئەلنىڭ دۇئاسىدا يىگىت كۇكلەيدۇ.

مۇبارەك بولسۇن !!!!


Rank: 2

تىللا
46
تۆھپە
18
UID
11100
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 18:08:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىش بوپتۇ، ئەلنىڭ دۇئاسىدا يىگىت كۇكلەيدۇ


Rank: 6Rank: 6

تىللا
651
تۆھپە
354
UID
2930

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 18:31:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەخرىمىزنىڭ ئەجرىگە ئاپرىن بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يۈكسەك ئۇتۇققا ئىرىشىشىنى تىلەيمەن.


Rank: 4

ئىسىمى
ئابدۇمىجىت
تىللا
326
تۆھپە
75
UID
2903
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 18:37:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەخىرلىنىمىز  ،سەندىن مۇھەممەتتۇرسۇن ،نەتىجە ساڭا مەنسۇپ بولسۇن  


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نىفىت
تىللا
467
تۆھپە
279
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 23:14:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ، خۇش بولدۇم !!


Rank: 4

ئىسىمى
قۇربانجان
تىللا
288
تۆھپە
155
UID
4954
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 23:59:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك   بولسۇن  ئۇتۇق  تىلەيمەن


Rank: 1

تىللا
55
تۆھپە
13
UID
13148
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 00:09:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەت تۇرسۇن چوڭ دەك نۇرغۇن ئوغلانلارنىڭ چىقىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن ،..............


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 04:14, Processed in 0.083318 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991