رۇستەم قاراسۇ
ئىجادىيەتلىرى
مۇختەر بوغراسەنئەت كېچلىكىگە ئاتاپ
ئاتۇش خەلقىنڭ سالىمى
ئېلىپ كەلدىم سالامنى ئاتۇش خەلقىمدىن،
سېنى بېقىپ ئۆستۈرگەن گۆزەل يۇرتۇڭدىن.
تاشلىق زېمىن كۈلمەكتە ئەنجۈرلۈك باغلار،
بوۋام بوغرا روھىنى كۆرگەچ سېنىڭدىن.
قىران دەريا ياقسىدا ئۆتكەن بالىلىقىڭ،
ئاق بوز تاغنىڭ باغرىدا ئۆتكەن ياشلىقىڭ.
بۈگۈن كۈلدى ئارزۇيۇڭ سەن بىلەن بىرگە،
كۈلدى ئاتۇش خەلقىممۇ ھەمدە دوستلىرىڭ.
ئالقىشلارغا لايىق سەن پەخىرلىك ئوغلان،
ئۇلۇغلانى ئەسلىتەر يوللىرىڭ ماڭغان.
سەنئەت بىلەن باشلانغان سېنىڭ ھاياتىڭ،
ھەربىر كۈيۈڭ ئويلانسا ھىكمەتكە تولغان.
سەندە بىر ئوخشايدۇ خۇددىي ۋولقانغا،
ۋولقان كەبى چاچرايدۇ ھەممە ئەتراپقا.
ۋولقان ئەمەس ئۇ لېكىن بىلىم شەربىتى،
ئارتۇق كەتمەس ئوخشاتسام نۇرلۇق چىراققا.
ئۆمرۈڭ ئۆتتى ئەل ئۈچۈن خەلقىم دەردى دەپ،
بولالماسمەن ئەجرىڭنى بىر ئۈمۈر سۆزلەپ.
ماختاشلاردىن يىراق مەن خەلقىمگە ئايان،
دېيەلەيمەن ئەل سۆيگەن ئەلنىڭ ئوغلى دەپ.
ئەل سۆيگەننى سۆيىدۇ خەلقىممۇ شۇنداق،
مەدھىيلىمەي تۇرايلى سېنى بىز قانداق.
ياشا ئاكا ئەجرىڭگە خەلقىمدىن رەھمەت،
ئەل خەلقىمنىڭ دۇئاسى سەن بىلەن ھەر ۋاق.
ساخاۋەتچى چاقچاقچى ھېبىكامغا
غۇلجا دېگەن گۈزەل يۇرت، چاقچاقچىلار ماكانى،
چاقچاقچىلار ئارسىدىن كۈيلەپ يازدىم ھەبىنى.
چاقچاق قىلىپ پۇل تاپقان بەكمۇ كۆپكەن قارىسام،
ھېبىكامدەك ئوغلاننى ئارتۇق كەتمەس ماختىسام.
چاقچاق قىلىپ پۇل تاپتى ھەشەمەتكە چاچمىدى،
ئەلدىن ئېلىپ ھەم ئەلگە سېخىيلارچە خەجلىدى.
يېتىم قالغان بالىلارغا مەكتەپ سالدى تاپقانغا،
نۇر تايلاردەك يۈز تاپتى شۇڭا بىزنىڭ شىنجاڭدا.
ساراي سالماي ئۆزىگە يەتتى ئەلنىڭ دەردىگە،
ھەشەمەتكە قىزىقماي شۈكۈر قىلدى كەپىگە.
بالام دېدى يېتىمنى ئۆزى بويتاق بولسىمۇ،
چىداپ كەلدى ئارقىدىن دۈشمەنلەر گەپ تاپسىمۇ.
باقالمايدۇ بەزىلەر پەرزەنتىنى ئاچ قويۇپ،
لېكىن باقتى ھېبىكام نەچچە يۈزگە ئاش بېرىپ.
بايۋەتچىدەك يۈرسىمۇ يۈرەر ئىدى ئەسلىدە،
راۋا كۆرمەي ئەل دېدى گەر قالسىمۇ پىيادە.
ئاسان ئەمەس سېنىڭدەك يېتىم – يىسىر باقماقمۇ،
چاقچاق قىلىپ پۇل تېپىپ سەندەك مەكتەپ ئاچماقمۇ.
مىڭ كۈيلىسەم ئاجىزدۇر قىلغىنىڭنىڭ ئالدىدا،
ئاجىز كەلدى قەلىمىم ھۆرمىتىم چوڭ ھېبىكا.
خەلق ئۈچۈن ياشىغان ئوغلانلارنىڭ سەركىسى،
ساڭا خەلقىم ھېبىكا قوشلاپ دۇئا قىلغۇسى.
ئامان بولغىن ھېبىكا روناق تاپسۇن ئىشلىرىڭ،
ۋەتەن ئۈچۈن، يۇرت ئۈچۈن سەندەك كۆيسۈن بالىلىرىڭ.
دېھقان شائىر روزى سايىت ئاكامغا
سەن قولۇڭغا ئالساڭ قەلەم دېھقان خۇش ئىدى،
يازار ئىدىڭ دىھقانلارنىڭ چۈنكى دەردىنى.
سەن قولۇڭغا ئالساڭ قەلەم كۆيگەن خۇش ئىدى،
يازار ئىدىڭ ئاشىقلارنىڭ ئىشقى دەردىنى.
ياش تۇرۇپلا كەتتىڭ ھەجەپ پانى دۇنيادىن،
سېنىڭ ئۈچۈن يىغلىغاننىڭ كۆپى دېھقاندىن.
قايسى شائىر سەندەك بولۇر دېھقانغا يېقىن،
بارچە دېھقان ھاردۇق ئالار ئىدى شېئىرىڭدىن.
سەندەك شائىر ئازتى بىزچە ئەلەم كەتكىنىڭ،
سېنىڭ ئۈچۈن يېشى ئاقار سايرام تەلكىنىڭ.
تەكلىماكان تەڭرىتاغدا بىر چولپان ئىدىڭ،
بىز ئۇيغۇرغا ئەلەم بولدى ئاردىن كەتكىنىڭ.
نەچچە يىللار ئۆتتى سەندەك شائىر كۆرمىدۇق،
شۇڭا نامىڭ ئەل قەلبىدە ئۇنتۇپ قالمىدۇق.
دىھقان شائىر دېگەن ناممۇ ئەل بەرگەن تارتۇق،
سەن كەتسەڭمۇ تۆھپىكار دەپ ئالقىش ياغدۇردۇق.
ئارىمىزدىن سەندەك شائىر چىقمىقى بەك تەس،
گەر چىقسىمۇ سەندەك شېئىر يازمىقى بەك تەس.
يازغانلىرىڭ ھەقىقەتتۇر خىيالىڭ ئەمەس،
دېھقان ئەمەس روزى سايىت بولماقمۇ بەك تەس.
رۇستەم قاراسۇ ...ئاتۇش
ئالاتاۋدا يېزىلدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-27 11:06