كۆرۈش: 1547|ئىنكاس: 1

پاك ياشا (مەخمۇت ئاۋۇت)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
مەخمۇت ئاۋۇت
تىللا
146
تۆھپە
60
UID
11967
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 10:58:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پاك ياشا

مەخمۇت ئاۋۇت

(مۇزاتى)


رەھبەر بولۇپ ئاتالدىڭ،

بۇلغانمىغىن، پاك ياشا،

ئەلگە ياقسۇن ھەر ئىشىڭ،

بۇلغانمىغىن، پاك ياشا.



تەرك ئېتىپ مەنپەئەتنى،

قىلىپ دۇرۇس نىيەتنى،

تۇتۇپ ئادىل مەنسەپنى،

بۇلغانمىغىن، پاك ياشا.



ئاۋام سېنى سايلىدى،

باشپاناھى چاغلىدى،  
ساڭا ئۈمىد باغلىدى،

بۇلغانمىغىن، پاك ياشا.

  
بولغىن ئەلگە خۇش - سىلىق،

چىقارمىغىن خۇي - قىلىق،  
ئاۋام سۇدۇر سەن بېلىق،

بۇلغانمىغىن، پاك ياشا.



باشچىسەن ئەل قەلبىدە،

تەقدىرىڭ ئەل ئىلكىدە،

يۈرمە نەپسىڭ كەينىدە،

بۇلغانمىغىن، پاك ياشا.


رەھبەرسەن - ئەل چاكىرى،

يۈتسۇن ئەمەل كىبىرى،

چۈنكى سەن ئەلنىڭ بىرى،

بۇلغانمىغىن، پاك ياشا.  



شېئىرنىڭ ئاپتورى: باي ناھىيەسىدىن مەخمۇت ئاۋۇت (مۇزاتى)   
بۇ شېئىر «ئاقسۇ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-26 11:08  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 2

تىللا
58
تۆھپە
44
UID
16875
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 01:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشچىسەن ئەل قەلبىدە،

تەقدىرىڭ ئەل ئىلكىدە،

يۈرمە نەپسىڭ كەينىدە،

بۇلغانمىغىن، پاك ياشا.



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 03:18, Processed in 0.070940 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991