كۆرۈش: 8211|ئىنكاس: 5

ئۆي تۇتۇش ماھارىتىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈڭ[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
218
تۆھپە
150
UID
9313
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 13:24:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا جەمىيەتتە ساھىپجامال كېسەل كۆپىسى لىن دەييۈنى خۇتۇن قىلىشقا رايىڭلار بارمۇ ياكى ساغلام ، تولغان ساھىپجامال باۋ چەينىمۇ دىگەن مۇنازىرە بولغاندا ، نۇرغۇن ئەرلەر لىن دەييۈدىن ھۇزۇرلىنىشقىلا بولىدىغانلىقىنى ، لېكىن ساغلام باۋچەينى خۇتۇن قىلىپ تاللايدىغانلىقىنى ئېيتقان .
  كورىيە كۆپ قىسىملىق تىلۋىزىيە تىياتىرى <يەنە بىر كۆرسەم >دىكى يۇنجۇ خانقىزنىڭ ئۆي تۇتۇش ،تاماق ئىتىش ، ئىرى ۋە چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش .....تەك پەزىلەتلىرى ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدۇ .ئەرلەرنىڭ ھەممىسى خۇتۇن دىگەن كۇمجۇدەك ساھىپجامال بولسا، يۇنجۇدەك ئىش بىلەر بولسا نىمىدىگەن بەخىت دەپ ئويلىغان بۇلىشى مۇمكىن . ئەگەر ھازىر جەمىيەتتە يەنە ساھىپجامال ،قولىدىن ھىچ ئىش كەلمەيدىغان كۇمجۇنى ئېلىشنى خالامسىلەر ياكى يېقىملىق ،ئىشچان ،ئەقىللىق ،ئىدىتلىق ،خۇشخۇي ،ئىشچان ،ساغلام ....يۇنجۇنىمۇ دىگەن مەسىلە مۇنازىرە قىلىنىپ قالسا مىنىڭچە ئەرلەر چۇقۇم يۇنجۇنى خۇتۇنلۇققا تاللايدۇ ،ئەگەر مەنمۇ ئەر بۇلۇپ قالسام يۇنجۇنى خۇتۇنلۇققا ئالاتتىم .
   سىزنىڭمۇ ئېرىڭىزگە ياخشى كۆرىنىدىغان <مەخپى قورال>لىڭىز بارمۇ ؟
   ئازراق باغۋەنچىلىك بىلىملىرى، ئۇۋۇلاش تېخنىكىلىرى، تاماق ئىتىش ماھارەتلىرىنى ....پەقەت ئېرىڭىزنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشەلەيدىغانلا بولسىڭىز، ئۆي تۇتۇشقا كېرەكلىكلا بولسا ئۆگىنىپ قويغىنىڭىزنىڭ زىيىنى يوق .
   <ئايال خوجايىن >لارنىڭ خىزمىتى ئىنتايىن كۆپ،بالا باققۇچى ، كىرچى خۇتۇن ، ئاشپەز ئۇستام ، سېستىرالار باشلىقى ،مىھمان كۈتكۈچى ، ئۇششاق-تۈششەك ئىشلار مۇتەخەسسىسى ، قۇشۇمچە شوپۇر ، كاتىپ ۋە ھىساپچى ، مال سېتىۋالغۇچى مۇتەخەسسىس ،ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى ، ئايال خوجايىن ،كادىرلار باشقۇرغۇچى ،مەسلىھەتچى ،غودۇڭشىشنىڭ ئوبىكتى ،باش دىرىكتۇر ۋە ۋە ئاساسى باشقۇرغۇچى ....بۇلىشى كېرەك .
   مانا مۇشۇنداق چاچتىن تولا ئىشلارنى مۇۋاپىق ، رەتلىك ،ئىدىتلىق ،ئورۇنلاشقا ماھارەت كېتىدۇ .ئۇنىڭدىن سىرىت ،ئېرىڭىزنىڭ نەزىرىدە چاقناپ تۇرغان نۇر ئىكەنلىكىڭىزنى ساقلاپ قالماقچى بولسىڭىز،يەنە ئۆزىڭىزنىڭ سىھرى كۈچىڭىزنى ساقلاپ قېلىشىڭىز كېرەك .  
    <ئۆز ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىنى تۈرلۈك ئوخشىمىغان شەكىللەر بىلەن ئىپادىلەپ ،ئۇلارنى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان قىياپەتكە كىرگۈزىدۇ > .   
                                                      تاگور
    باغۋەن ئىش پېيىدا بولمىسا بەزەن ،
   باسىدۇ شۇ ھامان ئەتراپنى تىكەن .
                                             خۇسراۋ دېھلىۋى
         خۇتۇنلارغا 101تەكلىپ دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى .
   ئەگەر تورداشلارغا ئانچىكىم نەپ بىرەلىسە ئۆزۈمنى بەخىتلىك ھىس قىلغان بولاتتىم .


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
218
تۆھپە
150
UID
9313
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 13:29:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەڭ تورداش دوستلىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ،بۇلۇپمۇ ئاياللارنىڭ ئۆزىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ يۇقرى ساپا ھازىرلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن .


Rank: 3Rank: 3

تىللا
176
تۆھپە
89
UID
2786
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 00:25:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە ،  توغرا  ئۆي تۇتۇشمۇ ئاياللار ئۈچۈن بىرخىل ماھارەت،  مەيلى يولدىشىمىز بولسۇن ۋە ياكى چوڭلار بولسۇن ئالدى بىلەن بىرنىڭ ئۆي تۇتۇشىمىزغا قاراپلا بىزگە باھا بېرەلەيدۇ، شۇڭا چوقۇم ئۆزىمىزنى
تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ يۇقرى ساپا ھازىرلىشىمىز لازىم..




Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
1804
تۆھپە
1101
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 16:58:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلسا ئەر-ئاياللار ئۆينى تەڭ يۇيسا ياخشى بۇلىدۇ ~!


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى

Rank: 4

تىللا
218
تۆھپە
150
UID
9313
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 13:52:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلۋەتتە ئۆينى ئەر -ئايال تەڭ تۇتىدۇ ، بىراق ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا ئۆي تۇتۇش جەھەتتە كۆپرەك بەدەل تۆلەيدىكەنمىز . بىراق ئايال بولغۇچى مەن بەك چارچاپ كەتتىم دەپ قاقشىماستىن ھەر جەھەتتىن پىشقان ، مۇكەممەل ئايال بۇلۇش ئۈچۈن ئۆزلۈكسىز تىرىشىشىمىز كېرەك .ئەگەر بىر ئايال ئۆز ئەسئۇلىيتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسا ئۇ جەمىيەت ،ئائىلە ،پەرزەنىت ،ئەڭ مۇھىمى ئېرىنىڭ ئالدىدا جاۋاپكار ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ .


Rank: 1

تىللا
5
تۆھپە
1
UID
14827
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 10:58:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دانالار:  ئاقىل ھەم تەدبىرلىك بولسا گەر ئايال،
          قولىدىكى يىڭنىسى يا ئوقى مىسال.      
          دىگەن ئىكەن. چىچەن تەدبىرلىك ئايال ئەرنىڭ، بالىلارنىڭ، ئاتا-ئانىنىڭ،ئائىلىنىڭ جۇملىدىن جەمئىيەتنىڭ بەخت سائادىتى.شۇڭا،ئەقىللىق ،ئەخلاقلىق ،ئىشچان قىزلارنى بايىقاش،ئۇلارنى قەدىرلەش، ئۇلارنى قوللاش ساپالىق جەمئىيەتنىڭ، ساپالىق ئادەملەرنىڭ روشەن ئىپادىسى.يۇقارقى تېمىدىن بۇنى كورىۋالغىلى بولىدۇ.لەيلى كوپ ئەجىر قىپتۇ ئەجرىگە رەخمەت!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 09:23, Processed in 0.071407 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991