كۆرۈش: 31280|ئىنكاس: 22

ئېرىمنى ئۆيلەپ قويىمەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
58
تۆھپە
26
UID
11835
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 05:49:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                                           ئېرىمنى ئۆيلەپ قويىمەن

تۈنۈگۈندىن بۇيان كارۋاتتىن چۈشمەي يىتىۋاتىمەن ، كاللام قوپ-قۇرۇق،تاماققا كۈڭلۈم تاتمايدۇ .. يا ئۇيقۇم كەلمەيدۇ،،، كومپىيۇتېرنى مەيدەمگە قويىۋىلىپ تور بەتلەنى مەقسەتسىزلا كېزىمەن ،، بىچارە ئۈسكۈنە ئەگەر ئاغزى بولغان بولسا چۇقۇم ماڭا بىردەم بولسىمۇ ئارام ئالغىسى بارلىغىنى دەر بۇلغىيتتى،، ئەپسۇس ئۇ دىيەلمىگەچكە ئارام ئىلىش نىسىپ بۇلمايۋاتىدۇ،،
] ئاخىرى تور بەتلەدىن زېرىكتىم ،، كۆزلىرىمنى مەقسەتسىزلا ئاسما چىراققا تىكتىم ،، يا ئاللا نىمە دىگەن مەينەت ،، توۋا قىلدىم خۇدايىم ،، تېخى قۇربان ھىيتنىڭ ئالدىدا سۈرتكەندەك قىلغانىدىم نەدىن كەلگەن چاڭ توزاندۇ بۇ ،، كىيىم ئىشكاپلىرى ،، تېلۋىزورنىڭ ئەينەكلىرى ،، ھەتتا ئا كىيىم ئاسقۇچنىڭ ئىلمەكلىرىگىچە توپا قۇنۇپ كىتىپتۇ ،، ھەممە يەردە قالايماققان تاشلانغان كىيىم كىچەكلەر ،، نىرۋام يەنە چېچىلغاندەك بۇلدى،،كۆزىمنى چىڭ يۇمۇپ يېتىپ باقتىم ،، يەنە بولمىدى بايىقى كۆرىنىشلەر يەنىلا مېنى ئوراپ تۇراتتى،،
ئىشىك ئاستا ئىچىلىپ ئارقىدىن بىر قاچىدا ئاش بىر پىيالە چەينەكلەنى كۆتەرگەن يۇلدىشىم كىرىپ كەلدى،، ئۇ ئۈن تۈنسىز قولىدىكىنى كارۋات يىنىدىكى تومپۇچكىغا قويۇپ كەينىگە بۇرۇلغانتى ،، قاچىنى يەرگە قانداق ئاتقىنىمنى ئۇزەممۇ سەزمەي قالدىم ،
- ھەي ،، تاماقتا نىمە گۇنا ،، يىمىسەڭ قويساڭ بۇلمامدۇ؟
-يۇقىلە ماڭ!!!!
-نەگە ؟
- مەن دەپ بېرەيما؟
- ياق بۇلدى ،، خاپا بۇلمىغىنە ،، مەن كۆزىڭگە كۆرۇنمىسەملا بۇلدىغۇ!سېنى تاماق يەۋالسۇن دەپ بىر مۇنچە ئىشىمنى قۇيۇپ كەپتىمەن ،
-يۇغان ئىش قىپسەن،،
- ھەي بەك ئاشۇرىۋەتمە ھە ! كەچۇرۇم سورىدىمغۇ . يەنە قانداق قىلسام بۇلىدۇ،، نىمە دىسەڭ شۇنى قىلىپ بېرەي دىدىم ،، كۆڭلۈڭ خالىغان يەرگە ئاپىرىپ ئوينىتاي دىدىم ،، تولا يالۋۇرۇپ ئاغزىمنىڭ تېرىسى چۈشۈپمۇ كەتتى مانا ،، سەن يەنە جاھىللىق قىلىۋاتىسەن ،، مېنى دىمىسەڭمۇ بالىلانىڭ يۈزىنى قىلساڭ بۇلاتتى، !
- سوزلىمە ،، ئاڭلىغىم يوق،، بار ئاۋازىم بىلەن ۋارقىرىدىم مەن ،، چىقىپ كەت ئارامىمدا قوي،، سېنى كۆرسەملا ئەقلىمدىن ئېزىۋاتىمەن ،، يوقال!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
-بەلكىم غەزەپلەنگەن تۇرقۇم بەكمۇ قورقۇنىچلىق بۇلۇپ كەتكەن بولسا كېرەك،، ئۇ چۆچۈپ كەتتى ،،،
- ماقۇل ،، ماقۇل مەن كۆزۈڭگە كۆرۈنمەي،، ۋارقىرىما ،، كانىيىڭ يېرتىلىپ كەتمىسۇن يەنە ،،
-ئۇ چىقىپ كەتتى،، سىرتنىڭ ئىشىكى جاڭڭىدە يىپىلىشى بىلەن ئۆي يەنە جىملىققا چۆمدى، مېنىڭ .ئەسلى يەنە نىمىلەنىدۇ دەپ ۋاقىراپ جاقىرىغۇم ،، ئۇنىڭ بىلەن بىر قەپەز سوقۇشۇپ ئىچىمنى بوشاتقۇم بارتتى . ئەپسۇس ئۇز خائىشىمغا خىلاپ ھالدا ئۇنى قۇغلىۋىتىپ تېخىمۇ بۇلۇقتۇرمىچىلىققا چۆكۈپ كەتتىم ......
ھەي نىمىسىنى دەي،، بەلكىم ئۆزىمدىمۇ باردۇ،، مىجەزىم شۇنداق ئوسال،، ئاۋازىم نەق كاناينىڭ ئۆزى ،، ئۆزەمنىڭلا راست دەيمەن ،، ئۇنىڭغا ئازىراقمۇ يول قويمايمەن .خىيالىمغا كەلگەننى قىلىمەن ،، ئاغزىمدىن ھەممە گەپ بۇيرۇق تەلەپپۇزۇدا چىقىدۇ ،،،ھەممە گۈناھ ئۆزەمدە تۇرۇپ ،قاپ كۆتۈرۈپ نەگە باراي دىگەندەك ،،، ئىش بۇ يەرگە يەتكەندە كىمدىنمۇ يامانلاي ئەمدى،، مانا بايامقى بىر ئوبدان ئاشنى يەرگە ئاتقىنىمنىڭ ئۇزىمۇ ئۇساللىقىمنىڭ ئىسپاتتى ئەمەسمۇ ؟
خىيالىم شۇ يەرگە يەتكەندە گىلەم تۆپدە چېچىلىپ ياتقان نارىنغا قاراپ سەل ئاشۇرىۋەتكەنلىكىمنى ھىس قىلىپ قالدىم .يىقىن ئەتىراپتا بۇنداق تاماق قىلىدىغان ئاشخانا يوق،، بەلكىم بۇ ئۇنى كونسۇل كوچىسىدىكى بىرەر تىز تاماقخانىدىن قىلدۇرۇپ كەلگەن بولسا كېرەك،، مەن نارىنغا ئامراق بۇلغاچقا مۇشۇنىڭ بىلەن ئاچچىقىمنى ياندۇراي دىگەندۇ،،
مۇشۇ سوغاقتا ئۇنىڭ ئاشنى ئسسىق ئەكىلىمەن دەپ ئالدىراۋاتقان ھالىتى كۆز ئالدىمغا كېلىپ كۆڭلۈم ئېرىپ قالغاندەك بولدى
بىز ئاياللار ئاشۇنداق ئۆچكە يېغى كىلىمىزكەن ، كىچىكىنە بىرەر ئىشمۇ بىزنى ياغدەك ئېرىۋىتەلەيدۇ تىخى تۆنۈگۈنلا يۇز بەرگەن ئىشلا ھازىر كىچىكىنە بىر قاچا ئاشنىڭ ئالدىدا ئۇنتۇلۇپ قۋلىنغىلىۋاتىدۇ ،، ئۇرنۇمدىن تۇرۇپ گىلەمدە چېچىلىپ ياتقان چوپلەنى تازلىۋەتمەكچى بولدۇم ،، لىكىن ئۇنى تازلاۋىتىپ ئاشنى ئېتىشىمدىكى سەۋەپ كۇز ئالدىمغا كىلىۋىلىپ يەنە جەھلىم قاتتى ،،
-نۇمۇس قىلمايدىغان ،، داۋاتقان گپىنى ،، (سېنىڭ ئاغزىڭ ئىتتىك ،، مىجەزىڭ قەرەلسىز بومبىغىلا ئوخشايدۇ ،، ئۇيدىن رايىم يىنىپ كەتتى ،، شۇڭا ئىزىپتىمەن ) دەيدا ،، تۇغرا ئۇنى بىزار قىلغىدەك مىجەزىمدىن باشقا كۆڭلىنى ئالغىدەك يەرلىرىم يۇقمىكىنا ،، كىمنىڭ ئازدۇر كۆپتۇر نۇقسانلىرى بۇلمايدۇ ، ئەجىبا ئۇنىڭ مەن سەسكەنگىدەك يەرلىرى يۇقمىدۇ ؟ ئاشنىنى ئۇزى تۇتۇپ يەنە گۇنانى ماڭا ئارتىدىيا ؟ ئۇ نىمىشقا مىجەزىنى ئىتتىك قىلىدۇ ؟،، نىمىگە بۇنچە چېچىلىدۇ ، مەن قانچىلىك ؟ دىگەندەك سۇئاللانى ئۆزىدىن سوراپ باقمايدۇ ؟
قېنى ئۇنىڭ نۇقسانلىرىنى بارماق پۈكۈپ ساناپ باقايچۇ ؟ بەلكىم ئىككى قولۇمنىڭ يەتمەي ،، باشقىلانىڭكىنىمۇ ئارىيەت ئالارمەن ،،
ئويلىغانسىرى تېخمۇ تېرىكىپ كەتتىم ،، تۇرمۇشنىڭ قىيىن ئۇتكەللىرىدە ھەجەپ بىلىنمەپتىكىنا ئاشۇ ئۇسال مىجەزىم ،، ئەمدى ئازىراق خاتىرجەم بۇلغاندەك قىلىۋىدۇق ، بىرسى ئىككى بۇلۇپ كۆرۈنگىلى تۇردىغۇ ،،،، توۋا ،، باياتىن مىھرى مۇھەببەتنىڭ سىموۋۇلىدەك تۇيۇلغان ئاش ئەمدى مەسنىڭ قۇسقىدەك كۆرۈنگىلى تۇردى،، چاققان -چاققان يىغۇشتۇرۇپلا ئەخلەت سىۋىتىگە تۆكىۋەتتىم ،،،
مەن بىلەن ئاجراشماسمىش ،، بالىلاننى تىرىك يىتىم قىلغۇسى يوقمىش ،، ئەمما مىنىڭ ئۆكتەملىكىمگە چىدىماپتىمىش .. خۇش قانداق ئوساللىق قىلدىم ؟، قانداق ئۆكتەملىك قىلدىم ؟
مىنىڭ ئاشۇ كاناي ئاۋازىم ،، ئۇسال مىجەزىم ،، ئۆكتەملىكىمدىن باشقا نۇقسانلىرىمنى ساناپ بىرەلەرسەنمۇ ؟ سەندىن سۇراپ باقاي !
ئاسماننىڭ قەرىدە ئۇچۇپ يۈرگەن كەپتەرگە قاراپ تۇمۇقۇڭ چۇشۇپ قالغاندىن خەۋەرسىز سائەت -سائەتلەپ تۇرساڭ ،، مەن ئۇساللىق قىلماي كىم ئۇساللىق قىلسۇن ؟
ئا شەدە مال باركەن ما شەدە مال باركەن دەپ يۇرتمۇ يۇرت ئەسلى -ۋەسلىڭنى ئۇنتۇپ مەيدەڭگە مۇشلاپ
تۆت ھۇشۇقنى قۇغلاپ چىپىپ يۈرسەڭ ،،، مەن ئۆكتەملىك قىلماي كىم ئۆكتەملىك قىلسۇن ؟
بىزگە بۇ ئۆي لازىم ئەمەسما ،، ئۇ قىلغانلىرىڭ يەتمىگەندەك ئەمدى تۇيۇقسىزلا جەمىيئەت داشقىلىدىن بىرلا مۇللاق ئېتىپ چوڭقۇر تەسەللىگە مۇھتاج قەلبى يارىدار ئائىلە مىھرىگە تەشنا زىيالىغا ئايلىنىۋاپسەن ،، توۋا مۇشۇ ئابدۇكېرەم ئابلىزنى ئوبراز يارىتىشقا ئۇستا دەيدۇ ، لىكىن سىنىڭ قۇلۇڭغا سۇ قۇيۇپ بىرەلمەيدۇ جۇما !

ئويلىغانسىرى چاچلىرىم تىكلىشىپ ،، ئۆزەمنى ئىچىمگە سىغدۇرالمىغىلى تۇردۇم ،،
قېرىشقاندەك قورساق كاكىراپ ئاچقىلى تۇردى،، توڭلاتقۇنى ئاچسام يىگىدەك بىرەر نەرسىمۇ قالماپتۇ، قاچانلادىن بۇنچە قۇرۇپ كەتتىكىنا ،، تازلىق ئۆيىگە كىرىپ يۈزۈمنى ئۇزۇندىن ئۇزۇن سوپۇنلاپ يۇدۇم ، مۈزدەك سۇ تۆنۈگۈندىن بېرى كومپىيۇتورنىڭ تەسىرىدە مايلىشىپ چارچاپ كەتكەن تېرىلىرىمگە بىر خىل ھۇزۇر بىغىشلىدى ،، ئالدىرىماي يۈزۈمنى يۇيۇپ بولۇپ ،، تۇيۇقسىز تازا بىر يۇيۇنۇش نىيىتىگە كىلىپ قالدىم ،، ۋانىغا سۇنى توشقۇزۇپ ،، ئەلەمدىن پۇچىلىنىۋاتقان جىسمىمنى سۇغا چىلاپ،، كۆزلىرىمنى يۇمدىم ، قانچىلىك ياتقىنىمنى بىلمەيمەن ،، ئىش قىلىپ نۇرغۇن خىياللانى قىلدىم ، ئۇزەمنىڭ ئايال بۇلۇپ تۆرۈلۈپ قالغىنىمدىن شۇنداق .ئۆكۈندۇم ،
شۇنداق ئامالسىزمەن ،، قۇلۇمدىن ھىچ ئىش كەلمەيدۇ ،، بىشىمنى ئېلىپلا چىقىپ كىتەي دىسەم مەسۇم سەبى كۆزلىرىنى مۆلدۇرلىتىپ قاراپ تۇرغان ئىككى پەرزەنىتىمگە چىدىمايمەن،، ئۇلانى تاشلاپ قۇيغىلى تىخى بۇلمىسا ،، ئەپ كىتەي دىسەم دادىسىز بويۇن قىسقان ھالىتنى كۆرگىنىمدىن ئۆلگۈنىم ياخشى ، يا ئايرىلىپ چىدىمىسام ، يا ئېلىپ كىتىپ چىدىمىسام .
ھەمىگە چىداپ بالام دەپلا ياشاي دىسەم بۇ جاھان تىخى ئۇزۇن، غورورىمنىڭ دەپسەندە بۇلىشىغا يەنە قاچانغىچە چىدىيالايمەن ،، بۇنى بىلمەيمەن ،،
ئىچكى ھىسىياتىم شۇنچە مۇرەككەپ ،، ئۆز -ئۆزەمگە غوتۇلداپ نۇرغۇن غەيۋەتلەنى قىلدىم ، بىر چاغدا مۇزلاۋاتقىنىمنى سەزگەندەك بۇلدۇم ، سۇ سۇۋۇپ كىتىپتۇ ،، ئۇزەممۇ خىلى سەگىپ قالغاندەك قىلىمەن ،، سۇدىن چىقىپ قاتتىق نەچچىنى چۈشكۈرىۋەتتىم ،،
قاتتىق سىلكىنىپ چۈشكۈرۈشتىن ئەسلىمگە كەلدىم كۇز ئالدىم پاللىدە يورىغاندەك بۇلدى ،، مۇنچىدا باللىلىرىمنىڭ ساپما كەش، يۇيۇنۇش سۇيۇقلىقى دىگەندەك نەرسىلىرى چېچىلىپ تۇراتتى ،،
توۋا مەنمۇ ئانىمۇ ؟ دادا ئېزىپ ئەقلى دۇمبىسىگە ئۇتكەن ۋاقىتتا ،، مەن ئانا بۇلغۇچى چىدىمىدىم دەپلا ئاشۇ نارسىدىلەنى يىتىملىق گىرداۋىغا ئىتەرسەم توغرىمۇ ؟
ئۇلار گۇناھسىز ،،، لىكىن بىزنىڭ سادىر قىلغان خاتالىقلىرىمىزغا پوتكۈل باللىلقىنى قۇربان قىلىپ ئانا ،،، ياكى دادا مىھرىدىن مەھرۇم بۇلۇپ تۇرۇپ بەدەل تۆلىسۇنمۇ ؟
ئۇلانىڭ بۇ دۇنيادا بىزدىن باشقا نىمىسى بار ،،
بىچارىلەر ئىككىمىزنىڭ جىدىلىدىن قورقۇپ بىر بىرسىنى چىڭ قۇچاقلاپ بىر بۇلۇڭدا زار زار يىغلىغىدەك نىمە گۇنا قىلغان بۇلغىيتتى ،،
تىخى يىقىندىلا تۇغۇلغان كۇنۇمدە ئوغلۇم ئۇز قۇلى بىلەن تەييارلىغان ئاتكىرىتكىنى ماڭا سوغا قىلغانغۇ ،، يۇمران قۇللىرى بىلەن 60 بېسلىق ئاكاردىئوننى تىللىرىنى راۋان بىسىپ يىقىملىق مۇزىكىلانى ئورۇنلاپ بەرگەنغۇ،، قىزىم چۈچۈك تىللىرى بىلەن ناخشا ئىيتىپ ،، ئۇسسۇل ئويناپ دادىسسى تىلغىۋەتكەن كۆڭلۈمنى ئالغانغۇ ..
ئۇ تۇغۇلغان كۈنۈم ھارپىسىدا شۇنچە ئالدىراش كىرىپ ئالىدىغىنىڭ مۇشۇمۇ دىگەندەك قىلىپ بىر تۇتام پۇلنى ئالدىمغا تاشلاپ بېرىپ ،، قانداقتۇ چۇشۇنىكسىز تىجارەت باھانىسىنى ئىزىپ ئىچكۇزىۋىتىپ ئالدى ئارقىغا قارىماي چىقىپ كەتكەندە ،، مۇشۇلار ماڭا خۇشاللىق ئاتا قىلىپ ئۆزەمنى بەخىت قۇچىغىدا ھىس قىلدۇرغانغۇ.
ئەگەر قەتئى ئاجىرشىمەن دىسەم ،، بەك شەخسىيەتچى بۇلۇپ قالغىدەكمەن ، باللىلىرىمنىڭ يۈرىكى سۇ مۇشۇ تاپتا ،، ئاخشام ئۇغلۇم ئاپامغا ،،
-ئانا ،، ئاپامنىڭ مىجەزى يوق ،، بىزنىڭ قۇسىقىمىز ئىچىپ كەتتى ،،، تاماق ئەتتىڭىزمۇ ،،،
دەپ ئاستا ئوغۇرلىقچە تېلفۇن قىلغاندا نىمە ئۈچۈن ئاڭلاپ تۇرۇپ ئۆز ھالىم بىلەن ياتتىم ،،
ئىنىم بالىلانى ئالغىلى كىلىپ ئۇيدىكى قالايمىقانچىلىقنى كۆرۈپ ھەممىنى چۈشەنگەندەك بولدى بولغاي ؛
- ئاچا ،، ما ئىككىسىنى مەن ئەكەتتىم ئەمسە .. سەن ئوبدان ئارام ئىلىۋال ..
دەپ قويۇپلا ماڭغاندا نىمە ئۈچۈن زۇۋان سۈرمىدىم .. ئۇلادىن شۇنچە بىزار بۇلغانمىدىم يا ،،،
ياق ئەقلىم توشماپتۇ ،، ئۇزەمنىلا ئويلاپتىمەن ،
ئۆي ئىچى بەئەينى ئېشەك ئېغىلىنىڭ ئۆزى ،شۇنچە مەرى سوغاق ،\
مەن نىمە بۇلۇپ قالدىم ،، ئادەم تۇغۇلغان ئىكەن ھەممىنى كۆرىدۇ، كۈندىن كۈنگە يىشىم چوڭىيىپ، تەنتەكلىكىم ياراشماس بۇلۇپ قىلىۋاتىدۇ،، ئۇزەمنى دەڭسەپ ئۆمۈر بويى ۋىجدان ئازاۋى تارتىدىغان ئىشنى قىلماسلىقىم كىرەك،بىر ئۇزەمنلا ئۇيلاپ قارار چىقارسام قەتئى بۇلمايدۇ ،
لىكىن قاراپ تۇرۇپ دەپسەندە بۇلۇش مېنىڭ خاراكتىرىمگە يات ئىش ،،
ئايىقى چىقماس خىياللار مىنى شۇنچە چارچاتتى،، نۇرغۇن ئىشلانى ئويلىدىم ، نۇرغۇن پىلانلانى تۇزدۇم ،، ھەممىسى ئەھمىيەتسىز تۇيۇلۇپ خۇددى تۇماندەك تارقاپ كەتتى.
لىكىن بىر نۇقتا شۇنچە ئىنىق قىلچە مۇرەسسە تەلەپ قىلمايدۇ ، ئۇ بۇلسىمۇ بالىلارنى يىتىم قىلىش مۇمكىن ئەمەس ،،
قانداق قىلىمەن ، قانداق قىلىشىم كىرەك ،، تۇيۇقسىز ئالدىنقى ۋاقىتلادا ئۇچۇر تورىدا تەنھا ئەرنىڭ قوزغىغان مۇنازىرىسى ئىسىمگە كەلدى ،،
توغرا .. قوش نىكاھلىنىش ،،،،،
ئۇنداق قازىنىغا مۇنداق چۈمۈش ، بۇمۇ بۇلىدىغان ئامالمۇ نىمە ؟.. يولدىشىم مەن بىلەن ئاجراشمىسا ،، يا سىرتتىن مېھرىنى ئۈزەلمىسە ،، مەنمۇ بالىلانى يىتىم قىلماسلىقنىڭ ئويىدا ،، ماڭا بۇ پىلان بارغانسىرى بۇلىدىغاندەك تۇيۇلغىلى تۇردى ،،
ئىسلام ئەقىدىسىدە بىر ئەرگە تۆت خۇتۇن راۋاكەنغۇ ،، چوڭ خوتۇن رازى بۇلسىلا ما خوتۇنغا تويمىغان خوتۇنپۇرۇچلا خالىغىنىنى قىلسا بۇلىدىكەن ،، يىقىندىن بۇيان جەمىيئەتتە بۇنداق ئىشلار ئاۋۇپ قالدى ،، بەزىلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەنمۇ كۆردۇم ،،
ئۆرۈك ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بوپتۇ دىگەندەك ، خۇددى مايمۇن بىر نەرسىنى دورىغاندەك ، ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ قالدى ، لىكىن ماڭا بۇنۇڭدىن باشقا تاللاش يۇلى قالمىغاندەك قىلىدۇ ،، سىناپ باقاي ،،
ئۆيلەنى كۆڭۈل قويۇپ تۈجۈبلەپ تازلىدىم ،، بالىلار ئاپامنىڭ ئۆيىدە ، ھازىرچە قايتۇرۇپ كىلىش خىيالىم يوق، يولدىشىم بەلكىم بۈگۈنمۇ قايتمايدۇ ، يالغۇز جىنىمغا قازان ئىسىپ يۈرمەي ،، تاماقنى سىرتىنلا يىدىم ،، قايتىپ كىرىپ كومپىيۇتورنى ئىچىپ قۇيدۇم ،، مۇشۇ مەزگىللەردە بۇ مېنىڭ بىردىن بىر كۆڭۈل خوشۇم بۇلۇپ قالغان ئىدى ،، مۇنبەرلانى كۆرسەم بەزىدە مۇڭداشقۇلارنى ئىچىۋىلىپ مەۋھۇم بىر دۇنيادا كۆڭۈلسىز رىئال تۇرمىشىمنى بىردەم بۇلسىمۇ ئۇنتۇيمەن .. شۇنداق قىلىپ بۇ سىرداش دوستۇم بىلەن ھەپىلىشىپ كېچىنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكىنىنى بىلمەيلا قاپتىمەن ،، تاڭ سۈزۈلۇپ ،، ئۆي ئىچىگە يۇرۇقلۇق ئاستا سىڭىپ كىردى ،، يەنە بىر كۈن باشلاندى ،،
ئەمدى كومپىيۇتېرنى ئۆچىرەي دەپ تۈرسام تېلفۇن سايراپ قالدى ئالسام ئۇكەن ،،
-سەن ئۇيدە بارما ؟
توۋا يوق بۇلۇپ نەگە كەتسەم بۇلاتىكىن ،،
- ھە مەن بار،،،
ئىمكان بار ئاۋازىمنى سىلىق چىقاردىم ،،
-نەدە سەن ؟ يەنە كەلمىدىڭغۇ ؟
- مېنى كۆرۈپ يەنە چېچىلىپ قالمىسۇن دەپ بىر ئاغىنەمنىڭ ئۇيىدە قۇنۇپ قالدىم ،،
بۇ گەپ راستەك قىلاتتى ،، چۈنكى ئۇ ئۇيۇن تاماشادا بۇلسا ھەرگىز بۇنچە بالدۇر تەشەبۇسكارلىق بىلەن ئۆيگە تېلىفۇن قىلمايدۇ ، مەن توختىماي ئىزدەپ ،، قايتا -قايتا تېلفۇن قىلغاندىن كىيىن ،، ئاران دىگەندە بىرەر قىتىم ئۇچۇرىنى بىرىپ قۇيۇپلا يۇقايدۇ ،، قاچان بىكار بۇلۇپ سورۇنى تۈگىگەندە ئاندىن يانىدۇ ،،
-ھە .. قايتىپ كىلەمسەن ؟
- مەن كېلپ بۇلدۇم ،، ناشتىلىق ئەكىرەيما ؟
-ئىختىيار !!
- بىلدىم ،، سەل تۇرۇپ كىرىمەن ،، چاي قاينىتىپ قوي،،
-ماقۇل ،،
ناشتىنى جىملا ئولتۇرۇپ قىلدۇق ،، ناشتىدىن كىيىن قارىسا بىر چىرايلىق كىيىملىرىنى يۆتكەپ يەنە سىرتقا چىقماقچى بۇلۇپ جابدۇندى ،
-نەگە ؟
-قىلىدىغان ئازىراق ئىشىم بارتتى ،
- باشقا ئىشىڭنى قوي، ساڭا دەيدىغان گەپ بار ،
- يەنە شۇ جىدەلنى باشلاي دەمسەن ،، گىپىم بىر ،، ئاجراشمايمەن ،
-كىم سەن بىلەن ئاجىرىشىمەن دەپتۇ ؟ئەمدى سەن ئاجراشماقچى بۇلساڭمۇ مەن ئۇنىمايمەن ،،
- ئەمسە يەنە نىمە گەپ،،
-ئولتارغىن ، گەپ دىگەن تولا ..
- ماقۇل ،، دىگىنە ئاڭلاپ باقاي ،،
ئۇزەمنى قاتتىق بىسىۋالدىم ،، يىغلاپ -قاقشىماسلىقىم ،، ۋاقىراپ جاقىرىماسلىقىم كىرەك ،، بۇ سۆھبەتتە چۇقۇم مۇتلەق ئۇستۇنلىكنى ئىگەلىشىم شەرىت ، -
- ئاخشامدىن جىق ئويلاندىم ،، سەن نىمە ئويلىساڭ مەن ئۈچۈن بەرىبىر ،، ئاجراشمايمەن دەيدىكەنسەن چوقۇم مېنىڭ دىگىنىم ھىساپ ،، شەرتسىز بوي سۇنىسەن ،، ئۇ جىممىدە تۇراتتى ،، ئەلپازىدىن گەپلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى ،،
نەچچە ۋاقىتتىن جىدىلىمىز بىسىقمىدى ،، يا سەن ئۇڭشالمىدىڭ يا مەن يول قويمۇدۇم ،،، بۇنداق كىتىۋەسەك ئىككىمىزلا تۈگۈشىمىز ، بىزغۇ مەيلى ،، لىكىن بالىلارغا ئۇۋال بۇلدى ، مەن چىدىمىدىم ،، بۇلدى سەن يەڭدىڭ ،، مەن ساڭا يول قۇيىمەن ،،خالىغىنىڭنى قىل ،، ساڭا توسالغۇ بۇلمايمەن ،، لىكىن بىر شەرتىم بار چوقۇم قۇشىلىسەن !
-قانداق شەرتكەن ئۇ؟
- مېنى سەن ئارلىشىۋاتقان ئايالنىڭ ئالدىغا ئاپىرىسەن ،،
يۇق گەپنى قىلمىغىنە ،،
-خاتىرجەم بۇل ، جىدەل چىقارمايمەن ،، چىرايلىق سۇزلىشىمەن ،ئۇيلىغىنىم بار ،،
-نىمىنى ئويلىدىڭ ؟
- ئاپاساڭ دەيمەن ،،
-ئاپامىسامچۇ ؟
-ئاپىرىسەن ، چۇقۇم ئاپىرىسەن بۇلمىسا مالانى ۋاختىدا تاقىتىسەن ،،
ئۇنىڭ ئالدىغا ئاخشامدىن تەييارلاپ قۇيغان بىر تۇتام نەزىر باغىقىنى ئاتتىم ،،
-نىمەڭ بۇ ..
باغاق .
ساراڭ ،، بارامسەن زادى ،،
- بارىمەن ،،
ماڭە .ئەمسە تەييارلىنپ چىق ،، نىمە خىيال قىلىدىغانسەن،، قىنى قانداق ئۇيۇن ئوينايسەن بىر كۆرۈپ باقاي ،،
يۇلدا گەپمۇ قىلمىدىم ، بىر چاغدا كۇندىشىمنىڭ جەلىپكار كۈلبىسىگە يىتىپ كەلدۇق ،

مەنبە_مىھرىئاي مۇنبىرى شەكلا يازمىسى



شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 1

تىللا
9
تۆھپە
3
UID
14144
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 20:24:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرنى ھىلىغىچە يوللىۋىتىڭ ھە .بولدىكەن ما ھىكايە


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
بىغەمزات
تىللا
409
تۆھپە
222
UID
388
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 22:17:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى بارمۇ قانداق ؟ داۋامىنى كۈتىمەن.


باشقىلار سىنى چوڭ كۆرگەندە، ئۆزەڭنى كەمتەر تۇتۇشنى بىل!
باشقىلار سىنى پەس كۆرگەندە، ئۆزۈڭنىڭ قەدرىنى قىلىشنى بىل!

Rank: 1

تىللا
55
تۆھپە
13
UID
13148
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 23:46:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىنى كۇتىمەن ،،،


Rank: 1

تىللا
55
تۆھپە
13
UID
13148
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 23:47:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1776
تۆھپە
975
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 11:48:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز  داۋامى باردۇر


ھايات ـــ مەن ئۈچۈن بىر سىناق.

Rank: 2

تىللا
170
تۆھپە
8
UID
6057
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 14:36:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى ساقلاپ كۆزۈم تۆت بولدى


Rank: 2

تىللا
67
تۆھپە
32
UID
3840
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 16:45:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
، تىزرەك  كۆرسەك بولاتتى داۋامىنى


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
1804
تۆھپە
1101
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 17:41:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرنى ھىلىغىچە يوللىۋىتىڭ ھە .بولدىكەن ما ھىكايە


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
737
تۆھپە
384
UID
1140

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 18:23:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى قانداق بولار ھە؟ خېلى كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇۋاتاتتىم.........


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 03:18, Processed in 0.088345 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991