كۆرۈش: 3162|ئىنكاس: 0

مۇۋەپپىقىيەت قارزانغان ئاتا-ئانىلارنىڭ 40تۈرلۈك ئالاھىدىلىكى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
ئەزمەت
تىللا
296
تۆھپە
167
UID
10822
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 16:41:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

(تەرجىمە ئەسەر)


1. بالىلارنىڭ سوئاللىرىغا ئەستايىدىل جاۋاپ بېرىش؛
2. بالىلارنىڭ سوئالىدىكى مەسىلىلەر ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلىنىش؛
3. بالىلارغا ئۇتۇق قازىنىش ئىمكانىيىتى ھازىرلاپ بېرىش؛
4. مۇبادا بالىلار قىلىپ بولالمىغان ئىجادى ئىش، مەسىلەن، ماي بوياق رەسىم، ھەيكەل قاتارلىق ئىشلارغا سەۋرىچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ئارىلىشىۋالماسلىق؛
5. بىرەر ھوجرىنى قىزلارغا مەخسۇس ئاجرىتىپ بېرىش؛
6. بالىلارغا نەتىجىسىنى ئەمەس ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش؛
7. بالىلارنىڭ ھەركىتىگە مەسئۇل بولۇش؛
8. بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە پائالىيەت پىلانلىرىنى تۈزۈشكە ياردەم بېرىش؛
9. بالىلارنى داڭلىق مەنزىرىلىك جايلارغا ئاپىرىپ ساياھەت قىلدۇرۇش؛
10. بالىلارنى ئۆز ئىشلىرىنى قانداق قىلىش ھەققىدە تەربىيە بېرىش؛
11. بالىلارنى ئوخشىمىغان مۇھىتتا چوڭ بولغان بالىلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش؛
12. بالىلارغا مۇۋاپىق پائالىيەت قائىدىسى بەلگىلەپ بېرىپ نازارەت قىلىش؛
13. بالىلارنى باشقا بالىلار بىلەن سېلىشتۇرماسلىق؛
14. بالىلارغا دەشنەم بېرىپ ئەيىپلىمەسلىك؛
15. بالىلارغا ئۇلار ياخشى كۆرىدىغان كىتاپلارنى تەۋسىيە قىلىش؛
16. بالىلارنى ئوبىكتىپ پىكىر يۈرگۈزۈشكە ئىلھاملاندۇرۇش؛
17. بالىلارغا كىتاپ ئوقۇپ بېرىش؛
18. بالىلاردا كىتاپ ئوقۇش ئادىتى شەكىللەندۈرۈش؛
19. بالىلارنى ھىكايە توقۇش ۋە خىيال سۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇش؛
20. ھەر بىر بالىنىڭ ئىنتىلىشى ۋە ئارزۇسىنى ئەستايىدىل ئويلىشىش؛
21. ھەر كۈنى بالىلار بىلەن ئايرىم پاراڭلىشىش؛
22. بالىلارغا ئائىلە ئىشلىرى ھەققىدە پىكىر قىلىشقا پۇرسەت بېرىش؛
23. بالىلار سەۋەنلىك ئۆتكۈزسە مەسخىرە قىلماسلىق؛
24. بالىلارنى ھىكايە سۆزلەش ۋە شېئىر دىكلىماتسىيە قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش؛
25. بالىلارنى چوڭلار بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە ئىلھاملاندۇرۇش؛
26. تەجرىبە ئارقىلىق شەيئىلەرنىڭ قانۇنىيىتىنى تېپىشقا ياردەم بېرىش؛
27. بالىلارنى كېرەكسىز نەرسىلەردىن ئويۇنچۇق ياساشقا رىغبەتلەندۈرۈش؛
28. بالىلارنى ئىزدىنىش ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش؛
29. بالىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بايقاپ ماختاش؛
30. قۇرۇقتىن-قۇرۇق ماختىماسلىق؛
31. بالىلارغا سەمىمى بولۇپ، خۇشاللىقى ۋە خاپىلىقىنى يوشۇرماسلىق؛
32. ئىشلارنى بالىلار بىلەن مەسلىھەتلىشىش؛
33. بالىلارنىڭ بىلىش دائىرىسىدە ئۇلارغا قارار قىلىش ھوقۇقى بېرىش؛
34. بالىلارنىڭ مۇستەقىل ئادەم بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ھەممە ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالماسلىق؛
35. بالىلار كۆرىدىغان تېلىۋېزىيە نومۇرلىرىنى تاللىشىغا ياردەم بېرىش؛
36. بالىلارنى قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئەمما رايىش تەربىيىلىمەسلىك؛
37. بالىلار ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا، مەنمۇ شۇنداق بولۇپ باققان دىگەندەك گەپلەر بىلەن مەغلۇبىيەتكە توغرا مۇئامىلە قىلىشقا يېتەكلەش؛
38. بالىلارنى چوڭلاردەك مۇستەقىل ھالدا ئۆزىگە ئىگە بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش؛
39. بالىلارغا ئىشىنىش؛
40. بالىلار ئۆزىنىڭ سەۋەنلىكى بىلەن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا ئىشىنى قىلىپ بەرمەي، ئۇلارنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئوڭشىشىغا ياردەم بېرىش؛

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 07:16, Processed in 0.068695 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991