كۆرۈش: 68102|ئىنكاس: 33

ساخاۋەتچى ئاتىلار پەخرىيەنى مۇكاپاتلىدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5568
تۆھپە
2456
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-3 18:05:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

001c25c5791b0f85fc6a19.jpg


  ئۆز مۇخبىرىمىز نىجات نىياز خەۋىرى ، فوتوسى : 9 -ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ، ئۈرۈمچى خەير– ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكتىپىنىڭ ئەزالىرى 2011–يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ ماتېماتىكا پەن تۈرىدە تولۇق نومۇر ئالغان ــ پەخرىيە ئەشرەپنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ، پەخرىيەنىڭ يۇقىرى نومۇر ئالغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى .
    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى مىجىت ناسىر پەخرىيەگە گۈل تەغدىم قىلدى ، ھەمدە ئۆزى يازغان ‹‹ شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت تەبىئىي پەن تۆھپىكارلىرى ›› ناملىق كىتابىنى پەخرىيەگە سوۋغا قىلىپ ، مۇنداق دېدى : 26-ئىيۇن ، سىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 711 نومۇر ، ماتېماتېكىدا تولۇق نومۇر ئالغانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم ، ئىچ -ئىچىمدىن سۆيۈندۈم . بۇ مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ يازغان كىتابىم ، ئىچىگە يەنە نۇرغۇن تىلەك سۆزلىرىنى يېزىپ قويدۇم ، سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى ئوقۇپ ، ھەر تەرەپتىن تەڭ يېتىلىپ ، ئۇنىۋېرسال ساپالىق ، دۆلەتكە ، مىللەتكە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .
    ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكتىپىنىڭ مەسئۇلى ھەسەنجان ئابدۇراخمان بارلىق ساخاۋەتچى ئاتىلارغا ۋاكالىتەن 5000 يۈەن پۇلنى پەخرىيەگە بېرىپ ، بۇ پۇل گەرچە ئاز بولسىمۇ ساخاۋەتچى ئاتىلارنىڭ كۆڭلى ئىكەنلىكىنى ، پەخرىيەنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئۇققان ساخاۋەتچى ئاتىلارنىڭ ناھايىتى خۇشال بولغانلىقىنى ھەمدە سۆيۈملۈك قىز پەخرىيەنى مۇكاپاتلاش ئويىدا بولغانلىقىنى ، پەخرىيەنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . ئارقىدىن ئۈرۈمچى ‹‹ مۇئەللىم ›› ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتىدىكىلەر پەخرىيەگە ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئىلغار ‹‹ مۇئەللىم ›› ئېلېكتىرون لۇغىتىدىن بىرنى سوۋغا قىلدى ۋە پەخرىيەنىڭ ئىشلىرىغا تېخىمۇ ئۇتۇق تىلىدى .

001c25c5791b0f85fc7e1b.jpg



001c25c5791b0f85fc8f1d.jpg


001c25c5791b0f85fc881c.jpg


001c25c5791b0f85fc971e.jpg


001c25c5791b0f85fc6118.jpg



مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
99
تۆھپە
27
UID
11
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-3 18:11:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قىزگە بەكمۇ مەسلىكىم كەلدى


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
1717
تۆھپە
1082
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 22:21:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز


بارلىق تورداشلارغا نورۇزلۇق ئوتلۇق سالام ...

Rank: 1

تىللا
38
تۆھپە
6
UID
25
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-5 00:04:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قىزنىڭ نەتىجىسى ھەممىمىزنى سۆيۈندۈرىدۇ.


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تىللا
1361
تۆھپە
712
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-5 10:39:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى بوپتۇ


Rank: 1

تىللا
30
تۆھپە
1
UID
27
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-5 10:48:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا ، نەتىجە تىرىشقانلارغا مەنسۇپ


Rank: 1

تىللا
59
تۆھپە
8
UID
30
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-5 12:06:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىت مۇشۇنداق لاياقەتلىك ئوقوغۇچى  ئىجدىمائىي پەندە ئوقۇغان بولسا بەكلا ئۆتكۈر ئادەم بولاتتىكەن .  ئەمما مىڭ ئاپرىن.


Rank: 1

تىللا
18
تۆھپە
0
UID
31
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-5 12:28:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى بوپتۇ !


Rank: 1

تىللا
9
تۆھپە
0
UID
23
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-5 14:25:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامان جانلىق قىز بالىكەن جۇما


Rank: 1

تىللا
22
تۆھپە
2
UID
17
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-6 04:44:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قىزنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى يارتىپ ، بۇندىن كېيىنكىلەرگە ئۈلگە بۇلۇپ مۇۋاپىقىيەت يۇلىغا قەدەم قۇيشىنى ئۈمىد قىلىمەن !


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 06:56, Processed in 0.093560 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991