يوشۇرۇن ئۇرۇقدان كېسلىنى بالدۇر بايقاش
يۇشۇرۇن ئۇرۇقدان كېسىلىنى بالدۇر بايقاش ۋە بالدۇر دىياگنوز قويۇپ داۋالاش
ئاتۇش شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدىن
مەمەتئېلى سەلەي
يوشۇرۇن ئۇرۇقدان كېسلى(cryptorchidism)كۆپ ئۇچرايدىغان تۇغما خاراكتېردىكى ئۇرۇقدان ئورنىنىڭ نورمال بولماسلىقى ياكى جايلىشىشىنىڭ غەيرىي بولۇشىدىن ئىبارەت تۇغما غەيرىلىك كېسەللىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلاردا يۈز بېرىش نىسبىتى %30، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا يۈز بېرىش نىسبىتى %4، بىر ياشتىكى بالىلاردا يۈز بېرىش نىسبىتى %0.66،چوڭلاردا يۈز بېرىش نىسبىتى %0.3بولۇپ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ يۈز بېرىش نىسبىتى تەدرىجىي ئازلايدۇ. ئادەتتە ئالتە ئايلىقتىن كېيىن ئۇرۇقداننىڭ ئورنىغا چۈشۈش پۇرسىتى ئانچە چوڭ بولمايدۇ.ئومۇمەن بۇ كېسەللىكنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى يۇقىرى.
ساغلاملىق ئېڭى تۆۋەن بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار ھەمىشە بالىلىرىنى داۋالىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ.بىلىۋېلىش كېرەككى، يوشۇرۇن ئۇرۇقدان كېسلى پەرزەنت كۆرەلمەسلىكنى ۋە ئۇرۇقداننىڭ يامان خاراكتېرگە ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۇپ چىقىرىدۇ؛ شۇڭا، بىر ياشتىن كىيىن ئىچكى ئاجراتما جەھەتتىكى داۋالاش ئارقىلىق ئۇرۇقدان جايىغا چۈشمىسە تېزدىن ئوپىراتسىيە قىلىپ داۋالاش زۆرۈر.ئوپېراتسىيە قىلغاندىن كېيىن تېزلا ئەسلىگە كېلىدۇ، يەنە كېلىپ بالنىستدا ئۇزاق ۋاقىت يېتىش كەتمەيدۇ.چات يېرىقىنىڭ يۇقىرىسىغا جايلاشقان يوشۇرۇن ئۇرۇقدان كېسىلىنى ئوپىراتسىيە قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى ئەگەشمە كېسىللىكلىرى بىر قەدەر كۆپ، شۇڭا بۇ خىل كېسەللىكنى بالدۇر بايقاپ، بالدۇر دىياگنوز قويۇپ داۋالاش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
يوشۇرۇن ئۇرۇقدان كېسىلىنىڭ كىلىنكىدىكى ئاساسلىق ئىپادىسى:
ئۇرۇقدان غەيرى ئورۇنغا جايلىشىدۇ ياكى يوشۇرۇن بولىدۇ ۋەياكى تولۇق ساڭگىلمايدۇ. غەيرى ئورۇندىكى ئۇرۇقدان دېگىنىمىز، ئۇرۇقداق بولسا چات يېرىق نەيچىسىنىڭ سىرتقى ھالقىسى بار يەردە تۇرۇپ قالغان ئەمما ئۇرۇقدان خالتىسىغا چۈشمىگەن (قورساق دىۋارى، يوتا- چاتراق قىسمىدا تۇرۇپ قالغان ئۇرۇقداننى) ھالەتنى كۆرسىتىدۇ، بۇ خىلدىكى يوشۇرۇن ئۇرۇقداننىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، قول بىلەن يەرلىك ئورۇننى تۇتقاندا ئۇرۇقداننىڭ ھەرىكەتچانلىقى يۇقىرى بولىدۇ، بەزىدە ئوبدانراق كۆزەتسە بىمارنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ بۇنى تېزلا بايقىيالايدۇ. يوشۇرۇن ئۇرۇقدان ياكى ئۇرۇقدان تولۇق ساڭگىلماسلىق(ئۇرۇقدان ساڭگىلاش تولۇق بولماسلىق) بولسا ئۇرۇقدان قورساق پەردىسىنڭ كەينىدە، چات يېرىق نەيچىسىدە ياكى ئۇرۇقدان خالتىسىغا چۈشىدىغان ئورۇندا تۇرۇپ قېلىشنى كۆرسىتىدۇ.
يوشۇرۇن ئۇرۇقدان بىمارىنىڭ ئۇرۇقدانىدىكى پاتولوگىيەلىك ۋە فىزىيولوگىيەلىك ئۆزگىرىش:
ئۇرۇقداندىكى ئۇرۇق ئىشلىگۈچى ھۈجەيرە-توقۇلمىلار تېمپىراتۇرىغا بىرقەدەر سەزگۈر بولۇپ، نورمال ئەھۋالدا ئۇرۇق خالتىسىنىڭ ئۆزلىكىدىن كېڭىيش ۋە تارىيىش ھەرىكىتى بولغاچقا ئۇرۇق خالتىسىنىڭ تېمپىراتۇرىسى ھەرۋاقىت بەدەن تېمپىراتۇرىسىدىن 2.0~ 1.5 سېلتسىيە گىرادۇس تۆۋەن بولىدۇ، شۇڭا ئۇرۇقدان ئۆزىنىڭ نورمال ئىقتىدارىنى ساقلاپ تۇرالايدۇ، ناۋادا ئۇرۇقدان ئورنىغا (ئۇرۇقدان خالتىسغا) چۈشمىسە ئاسانلا تېمپىراتۇرا ئۆزگىرىشىنڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق ئشلىگۈچى ئېپتىلىيە(ئۈستۈنكى تېرە) قەۋىتى زىيانغا ئۇچرايدۇ، ھەتتا ئۇرۇقدان يىگىلەپ كېتىدۇ-دە، ئۇرۇقداننىڭ نورمال ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. غەيرىي ئورۇندىكى ئۇرۇقدان بىمارلىرىدا بىر ياشتىن كېيىن ئۇرۇقداندىكى ئۇرۇق ئشلىگۈچى ئېپتىلىيە توقۇلمىسىدا بىلىنە-بىلىنمەس ئۆزگىرىش(كېسەللىك ئۆزگىرىشى)پەيدا بولىدۇ، ئىككى ياش ۋاقتىدا تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرگەندە مىكروسكوپ ئاستىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشنى بايقاشقا بولىدۇ، ياشلىق دەۋرىدىن كېيىن ئۇرۇق ئشلىگۈچى ئېپتىلىيە قەۋىتى تولۇق يىگىلەشكە يۈزلىنىدۇ.
ئۇرۇقدان جايلىشىشىنىڭ غەيرىي بولۇشى بىمارنىڭ پەرزەنت كۆرىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن ھەتتا ئۇرۇقدان توقۇلمىسىنىڭ ئاسانلا راكقا ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، بولۇپمۇ قورساق پەردىسىنىڭ ئارقىسىغا جايلاشقان ئۇرۇقداننىڭ يامان سۈپەتلىك ئۆسمىگە ئۆزگىرىش نىسبىتى نەچچە ھەسسە ئارتىپ كېتىدۇ.
داۋالاش:
1.ئوپىراتسىيەسىز داۋالاش
بىمار بىر ياشتىن ئىچىدە ئۇرۇقداننىڭ خالتىسىغا چۈشۈش ئېھتىماللىقى بار، ناۋادا بىر ياشتىن كېيىنمۇ ئۇرۇقدان خالتىسىغا چۈشمىسە تېۋىتلىك پەردە جىنسى بەز ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورمون (GnRH)نى ئىشلىتىمىز،بۇ دورىنىڭ بىر باسقۇچلۇق داۋالاش مۇددىتى بەش ھەپتە بولىدۇ. بىر ھەپتىدە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا 1500U (خەلقئارا بىرلىك) مىقداردا كاسىدىن ئۇكۇل قىلىمىز،جەمئى 10قېتىم ئۇكۇل قىلىنىدۇ.
ئەمما يېقىنقى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل داۋالاش ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچى ھۈجەيرىنىڭ سانىنى ئازلىتىۋېتىدىكەن. شۇڭا كۆپ مىقداردا ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. ئەگەر ئىككى ياشتىن كېيىنمۇ ئۇرۇقدان خالتىغا چۈشمىسە ئوپىراتسىيە قىلىشنى ئويلىشىمىز.
2.ئوپىراتسىيە قىلىپ داۋالاش
ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ئوپىراتسىيە قىلىش، ئۇرۇقدان بېغىشىنى تولۇق ئاجراتقاندىن كېيىن ئۇرۇقداننى ئۆزىنىڭ خالتىسغا مۇقىملاشتۇرۇش، ناۋادا ئۇرۇقدان يىگىلەپ قالغان ياكى ئۇرۇقدان بېغىشى بەك قىسقا بولسا ھەمدە ئۇنى ئۇزارتقاندىن كېيىنمۇ خالتىغا چۈشمىسە ئۇرۇقداننى ئېلىۋېتىش ياكى ئۆزىنىڭ ئۇرۇقدىنىنى ئۆزىگە يۆتكەش ئوپىراتسىيىسىنى ئويلىشىمىز؛ ئەگەر سېرىقئەت بىللە پەيدا بولغان بولسا سېرىق ئەتنى قۇشۇپ ياماش ئوپىراتسىيەسىنى ئىشلەيمىز.
قورساق بوشلىقى ئەينىكى(لاپاروسكوپ)دە ئۇرۇقداننى مۇقىملاشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسىنى 1976-يىلى تۇنجى قېتىم cortesi قاتارلىقلار قىلغان، ھەمدە ئۇرۇقداننىڭ ئورنىنى بېكىتىشتىكى توغرىلىق نىسبىتى%85دىن ئاشقان. شۇنىڭدىن كېيىن قورساق بوشلىقىدىكى ياكى چات يېرىقى نەيچىسىدىكى يوشۇرۇن ئۇرۇقداننى بۇ خىل ئۇسۇلدا داۋالاش جەھەتتە دوختۇرلار ئومۇمىي يۈزلۈك تونۇشقا ئىگە بولدى؛ بۇ خىل ئۇسۇلدا داۋالىغاندا ئوپىراتسىيە ئورنىغا بولغان زەخمە تېخىمۇ كىچىك، سىرتقى كۆرىنىشى تېخىمۇ كۆركەم، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا، مەيلى غەيرىي ئورۇندىكى ئۇرۇقدان بولسۇن ياكى يوشۇرۇن ئۇرۇقدان بولسۇن بالدۇر بايقاش ۋە بالدۇر داۋالاش تولىمۇ زۆرۈر، مەسىلەن:ھامىلدار ئاياللار بوشانغاندا، تۇغۇت دوختۇرى بوۋاقنىڭ ئۇرۇقدان خالتىسىنى تەكشۈرۈپ بېقىشى، ئائىلىدە ئاتا-ئانىلارمۇ ئارىلاپ-ئارىلاپ كۆزۈتۈپ تۇرۇشى، ئەگەر غەيرىي ئەھۋال بايقىسا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىشى ۋە Bتىپلىق ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىلىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدا ئۇرۇقداننىڭ ئورنىنى ۋە قان ئايلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ بېقىشى، ئەھۋالنى ئېنىقلاپ دىياگنوزنى مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن شۇنىڭغا مۇناسىپ ئۈنۈملۈك داۋالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك.
دىققەت:بۇ ماقالە ساقلىق-ساقلاش ژورنىلى (2012-يىللىق4-سان)دىن ئېلىندى.ماقالىنى قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ، نەشىر ھوقۇقى پەقەت مۇشۇ ژورنالغا شۇنداقلا تەڭرىتاغ تورىغا تەۋە.