كۆرۈش: 8619|ئىنكاس: 6

بىر كۆرمىسە بولمايدىغان ھېكمەتلەر[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
ئەزمەت
تىللا
296
تۆھپە
167
UID
10822
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 10:49:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىر كۆرمىسە بولمايدىغان ھېكمەتلەر



      قويمىچى بىخود  ئادەمگە، ئوغرى بىپەرۋا ئادەمگە، بۇلاڭچى قورقۇنچاق ئادەمگە، ساختىپەز ھاماقەت ئادەمگە ئامراق كېلىدۇ.
      شۇنى ئۇنتۇشقا بولمايدۇكى، جەڭ مەيدانىدىكى ئوقيا تېگىپ ئۆلمىگەن قەھرىمان، زىياپەت ئۈستىلىگە تىزىلغان ھاراقتا ئۆلىدۇ.
      ئەخلاق ئانىلىق ئۇرۇق، ئېتىقاد ئاتىلىق ئۇرۇق. بۇ ئىككىسى بىرلەشسە ئىنسانىي كامىللىق تەۋەللۇت بولىدۇ.
      بەخت ئىچىدە ياشاۋېتىپمۇ بەخت ئىزلەش ھېس قىلمىغان ئەڭ چوڭ ھەقىقىي بەختسىزلىكتۇر. سەن ئۆزۈڭنىڭ قۇرۇق قول گادايلىقىڭدىن ھەسرەتلەنمە. سېنىڭ ئەقلى ھوشۇڭ بىلەن بەش ئەزايىڭ ھاياتلىقتىكى ھېچنەرسىگە تەڭ قىلغۇلى بولمايدىغان ئەڭ زور بايلىقىڭ.
      خورلۇقتا قالغان ۋاقىتنى ئۇنۇت. لېكىن شۇ خورلۇق قالدۇرغان ساۋاقنى ئەستىن چىقارما!
      ئەقىلنى سېتىپ پۇل تېپىش ھەقىقىي زېرەك تەدبىركار ئادەمنىڭ ئىشىدۇر .
      دۇنيادا ئادەمنى ئەڭ چارچىتىدىغان ئىش ئەھمىيەتسىز خىيالغا چۆمۈش ھەم ئۈنۈمسىز ئىش قىلىش.
      كۆزگە ئىلماسلىقنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى گەپ قىلماي تۇرۇۋېلىش.
      ھەقىقەتكە تەلپۈنگەن يۈرەك ھەقىقىي ھالدا ھەقىقەتنىڭ ساداسىنى ئاڭلىيالايدۇ.
      مۈشكۈلات ئالدىدا ئېگىلمىگەن باش ھاراق ئالدىدا ئېگىلىدۇ. قېلىچ ئالدىدا تۆكۈلمىگەن ياش مۇھەببەت ئالدىدا تۆكۈلىدۇ.
      سەن ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرغىچە قۇربانلىق بېرەلەيدىغىنى پەقەتلا ئانا.
      ئادەم ئەڭ بىزار بولغان نەرسىگە بەزىدە ئىنتايىن مۇھتاج بولىدۇ. پەقەت دوستىنلا مەدەت تىلىمەي، دۈشمىنىگە قاراپ ئالغا باسالايدىغان ھەقىقىي زېرەل ئادەمدۇر.
      رىقابەت مۇنداق ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ: بىلىم ئىقتىدار رىقابىتى، يەنە بىرى خوشامەت سوۋغا - سالام رىقابىتى، بۈگۈنكى رىقابەت دەۋرىدە بۇ ئىككىسى تەڭلا مەۋجۈت.
      قۇلدارلار، بايلار ۋەيران بولۇپ تەس كۈنگە قالغاندا، ئىككى ئىشتىن قاتتىق پۇشايمان يەيدۇ: بىرى يوقسۇللاردىن خەۋەر ئالمىغىنىغا ۋە جەمئىيەتكە تۆھپە قوشالمىغىنىغا، يەنە بىرى تازا قېنىپ ئەيىش – ئىشرەت ۋە راھەتتە ياشىيالمىغىنىغا.
      بەزىلەرنىڭ كۆزى توق، لېكىن قورسىقى ئاچ. پارىخورنىڭ بولسا قورسىقى توق، كۆزى ئاچ كېلىدۇ.
      سەن چۈشەندۈرەلمىگەنكەنسەن ئاغزىڭنى يۇم. مۇتىھەم مۆتىھەمدىن قورقىدۇ.
      ھەرقانداق شەكىلدىكى چېكىدىن ئاشقان يېقىنچىلىق ئادەمنى ناھايىتى ئاسانلا بىزار قىلىدۇ. سەن ئۆزۈڭنى بىلەلمىسەڭ باشقىلار تەرىپىدىن قاتتىق باشقۇرۇلىسەن. 
      ئارام ئېلىشنى بىلمەي دائىملا ئىشلەيدىغان ئىشۋاز بىر بولسا ئېغىر قىيىنچىلىقى بار نامرات كىشى، بىر بولسا بالدۇر ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغۇچى.
      ئاياللارنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىززىتى تىكلەنمىگەن ئائىلىدە ھەققانىيەتچى ۋە ۋىجدانلىق پەرزەنتلەر يېتىشىپ چىقالمايدۇ. ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى تۇرغۇزۇلمىغان ئائىلىلەردە ئىقتىدارلىق، جۈرئەتلىك، مەسئۇلىيەتچان پەرزەنت چىقمايدۇ.
      سېنى ھۆرمەتلەيدىغان، سۆيىدىغانلار نەدە بولسا شۇ يەردە ياشا!
      ھازىر ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى راۋانلاشتى، بىراق سالام خەت يەنىلا ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يوقاتقىنى يوق. ئۇنى يەنە خالىغان ۋاقىتتا كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇ دوستلۇق رىشتى، ھېسسىيات كۆۋرۈكى ۋە زىمىستان قىشتىكى ھارارەتلىك ئوت، تومۇز ئىسسىقتىكى مۇزدەك سۈزۈك بۇلاق سۈيى.
      ئادەتتىن تاشقىرى باغرى يۇمشاق كىشى ھېچقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ. 
      كىمكى ھاراق سورۇنىدا ياكى ئادەم ئەڭ كۆپ سورۇندا ۋىجدان، غۇرۇر ھەققىدە قۇرۇق گەپ قىلىدىكەن، سەن ئۇنىڭدىن سەگەكلىك بىلەن ئاگاھ بول!
      ئاياللارنى قەدىرلىمىگەن ئەرلەر، پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەشنى بىلمىگەن ئاياللار مەڭگۈ ھۆرمەتكە ئېرىشەلمەيدۇ.
      ئۆزىنى ھەرقانداق ۋاقىتتا تۇتۇۋېلىش ئادىمىيلىك بىلەن ھايۋاننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زور پەرقتۇر.
      كۆپ بىلىم بىلمىسىمۇ لېكىن چوڭقۇر تەپەككۇر قىلالايدىغان ئادەم ھەقىقىي ئالىم دېيىشكە مۇناسىپ.
      يۈرەك ئوڭشالمىغىچە ئادەم ئوڭشالماس، يۈرەك ساغلام بولمىسا ئادەم خاتىرجەم ياشىيالماس.
      دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى ئاياللار، بەخت – سائادىتىنى ئەرلەر يارىتىدۇ.
      جەمئىيەتنىڭ بۇزۇلۇشى قانۇننى توغرا ئىجرا قىلمىغانلىقتىن، چېكىنىشى مائارىپنى ھەقىقىي قوللىمىغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ.
      بالىلارغا قاراپ جەمئىيەتنى، ئەۋلادلارغا قاراپ ۋەتەننىڭ كەلگۈسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
      ھايۋانلارنىڭ ئەخمەقلىقى دۆتلىكىدىن كۆرۈلسە، ئادەملەرنىڭ ئەخمەقلىقى دورامچىلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ.
      دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قۇرقۇنچلۇق ۋاقىت ئادەم ئۆزىدىن زېرىككەن ۋاقىتتۇر.
      جەمئىيەتنى تۈزەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزۈڭنى ئاڭلىق تۈزەت، كېسەلنى ئۇرۇپ – سوقۇپ تۈزەتكىلى بولمىغاندەك يامان ئىللەتنى تىللاپ تۈزەتكىلى بولمايدۇ. پەقەت ئادەملەر ئاڭلىق ھالدا ئۆز - ئۆزىنى تۈزىشى كېرەك.
      ئۆزۈڭنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولساڭ ئويناپ – كۈلۈپ يايراۋاتقانلارنىڭ ئارىسىغا ئەمەس، بەلكى مۈكۈنۈپ يىغلاۋاتقانلارنىڭ ئارىسىغىمۇ بېرىپ ياشاپ باق.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-20 12:47  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
792
تۆھپە
312
UID
7115
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 12:50:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر-بىرىدىن ئىسىل ھىكمەتلەركەن،رەھمەت ،جاپا چەكتىڭىز    


Rank: 3Rank: 3

تىللا
173
تۆھپە
96
UID
11161
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 14:52:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

1.بەخت ئىچىدە ياشاۋېتىپمۇ بەخت ئىزلەش ھېس قىلمىغان ئەڭ چوڭ ھەقىقىي بەختسىزلىكتۇر. سەن ئۆزۈڭنىڭ قۇرۇق قول گادايلىقىڭدىن ھەسرەتلەنمە. سېنىڭ ئەقلى ھوشۇڭ بىلەن بەش ئەزايىڭ ھاياتلىقتىكى ھېچنەرسىگە تەڭ قىلغۇلى بولمايدىغان ئەڭ زور بايلىقىڭ.
2.دۇنيادا ئادەمنى ئەڭ چارچىتىدىغان ئىش ئەھمىيەتسىز خىيالغا چۆمۈش ھەم ئۈنۈمسىز ئىش قىلىش.
3.ھايۋانلارنىڭ ئەخمەقلىقى دۆتلىكىدىن كۆرۈلسە، ئادەملەرنىڭ ئەخمەقلىقى دورامچىلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ.
ماڭا بۇ سۆزلەر  بەكلا  ياقتى  رەھمەت چارچىمىغايسىز



ئىسىمى
阿不力克木
تىللا
315
تۆھپە
201
UID
10831
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 23:16:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1392
تۆھپە
1136
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 15:28:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەدىن تېپىۋالدىڭىز  بۇنى،،،،،


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 4

ئىسىمى
ئەزمەت
تىللا
296
تۆھپە
167
UID
10822
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 16:42:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تاپىمەن دىسەم بۇنداق نەرسىلەر كۆپقۇ


Rank: 4

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
204
تۆھپە
102
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 16:42:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىسى بىلەن مەزمۇنى  شۇنداق ماسلاشقان،راستىنلا كورمەيمۇ ئۈتۈپ كىتالمىغىدەكسىز.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 07:20, Processed in 0.075544 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991