ياراشماس
(سۆز ئويۇنى)
مۇسىبەتكە تەمبۇر ياراشماس،
زىمىستاندا يامغۇر ياراشماس.
ئەسكىگە ياخشىلىق ياراشماس،
ياخشىغا ساختىلىق ياراشماس.
كەچتە ناشتىلىق ياراشماس،
تومۇزدا پاختىلىق ياراشماس.
كېسەلگە شادلىق ياراشماس،
ئاشپەزگە ئاچلىق ياراشماس.
بىجىرىمغا يۆتەل ياراشماس،
ئەدەپلىككە جېدەل ياراشماس.
تۆگىگە ھارۋا ياراشماس،
ھۇرۇنغا چارۋا ياراشماس.
ئېشەككە شەربەت ياراشماس،
بىلىمسىزگە سۆلەت ياراشماس.
تەلۋىگە ئوڭ گەپ ياراشماس،
قەرزدارغا چوڭ گەپ ياراشماس.
قوتازغا ھالۋا ياراشماس،
پىخسىقلىق بايغا ياراشماس.
ئالدىراڭغۇلۇق تەمكىنگە ياراشماس،
خوشاللىق غەمكىنگە ياراشماس.
ھۇرۇنغا كەتمەن ياراشماس،
ساۋاتسىزغا سەمپەن ياراشماس
*******
مەنبە: ئۆزقەلىمىم.
يېزىلغان ۋاقىت:1988-يىل.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا akkani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-18 16:28