كۆرۈش: 10472|ئىنكاس: 14

ئېشەك ئەسلى ناخشىچىكەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
ئەزمەت
تىللا
296
تۆھپە
167
UID
10822
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 12:35:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


124R21496-0.jpg

ئىشەك ئىلگىرى ناخشىچى بولغانىكەن ، ئەمما ئاۋازى يېقىمسىز بولغاچقا ئاڭلىغۇچىلارغا ياقماپتۇ ھەم ھېچكىم ئۇنى ناخشائېيتىشقا تەكلىپ قىلماپتۇ . كۆپچىلىك ئۇنىڭغا : « سەندىن ئۆتۈنۈپ قالايلى ، ناخشا ئېيتمىغىن ، بىزنى ئارامىمىزدا قوي ! » دەپتۇ . قىزىق يېرى شۇكى ، بۇ ئىش ئىشەكنىڭ داڭقىنى تېخىمۇ چىقىرىپتۇ . تۈلكە : « ئىشەكنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى بار ، ئىشىم ئوڭغا تارتسا ، كۆپ پۇل تاپالايمەن دەپ ئويلاپ ، بىر پىلاستىنكا شىركىتى قۇرۇپ ئىشەكنى ناخشىچىلىققا تەكلىپ قىپتۇ . ئىشەك بۇ ئىشتىن ئىنتايىن سۈيۈنۈپتۇ .
تۈلكە كۆپ پۇل خەجلەپ ھايۋانات دۇنياسىدىكى ئۇزاق يىللىق ناخشىچى قاغىنى ئىشەكنىڭ ناخشىسىغا باھا بېرىشكە تەكلىپ قىپتۇ . قاغا : « ئىشەكنىڭ ناخشىسى خەلق سەنىتىگە تەۋە ئاممىباب ئۇسلۇپقا ئىگە ئىكەن ، ئاۋازىمۇ
تەبىئىي ئىكەن ، ئۇنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىسا ، كۆڭۈل شادلىققا تولۇپ ئىستىتىك زوق ئالغىلى مۇھىمى ساقلىقىنى
ساقلاپ ئۆمۈرنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ » دەپ باھا بېرىپتۇ . قاغىنىڭ ئىشەكنىڭ ناخشىسىغا بەرگەن باھاسى ھايۋانات
دۇنياسىدا زور تەسىر قوزغاپتۇ ، ھايۋانلار ھەرخىل پىسخىك ھالەتتە ئىشەكنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلاپتۇ .
ئىشەك گۈللۈك كىيىم كىيگەن ، تاقىر باش ھالەتتە مەيدانغا چىقىپتۇ . ئۇ ھېلى ئۇيانغا ھېلى بۇيانغا مېڭىپتۇ ، بەزىدە پۇتلىرىنى شىلتىپ قويۇپتۇ . توز ، تىيىن ، پىنگىۋىنلار ئۇنىڭ ناخشىسىغا جۆر بولۇپ ئۇسۇلغا چۈشۈپتۇ ، ئىشەكمۇ يېڭى قىياپەت بىلەن ناخشىسىنى باشلاپتۇ . تۈلكە ئىشەكنىڭ ناخشا كىچىلىكى باشلىنىشتىن ئىلگىرى چاشقان بىلەن قارا ئېيىقنى كەيپىياتنى كۆتۈرۈشكە ياللىۋالغانىكەن ، شۇڭا ئىشەك ناخشىسىنى باشلىشىغىلا ، ئۇلار : «يارايسەن ياشاپ كەت !!! » دەپ ئالقىش ياڭرىتىپتۇ . ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەيدىغان بەزى ھايۋانلارمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ چاۋاك چاپتۇ . ئىشەكنىڭ ناخشا كىچىلىكىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ھەممە يەرگە پۇر كېتىپتۇ . تۈلكە يەنە گېزىت ، ژورنال مۇخبىرلىرىنى ئىشەكنىڭ ناخشا كىچىلىكىنى ماختاپ ماقالە يېزىشقا تەكلىپ قىپتۇ ھەمدە مۇكاپاتلاش چارىسى تۈزۈپ ، ئىشەكنىڭ ناخشا كىچىلىكىنى ماختاپ ماقالە يازغان مۇخبىرلارغا نۇرغۇن كۈمۈش تەڭگە بېرىشكە ۋەدە قىپتۇ . نەتىجىدە كۆپلىگەن مۇخبىر ئەتىدىن - كەچكىچە ئىشەكنىڭ كەينىدىن چىقماي ماقالە يېزىشقا باشلاپتۇ ، ھەتتا ئىشەكنى كۈندە نەچچە قېتىم تېزەكلىگەنلىكىنىمۇ تەپسىلى خەۋەر قىلىنىپتۇ . ئاخىرىدا ئىشەك داڭلىق ناخشىچىغا ئايلىنىپتۇ . تۈلكە بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن پايدا ئاپتۇ ھەندە داڭلىق پىلاستنكىچى ، رېژىسسور بولۇپ قاپتۇ .
شۇنىڭدىن كىيىن ھايۋانات دۇنياسىدا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ چولپانلارنى يېتىشتۈرۈش
دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپتۇ . بۇ « چولپان » لارنىڭ ئورۇنلاش ماھارىتى ، مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ ئەسلى قانداقلىقى بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولماپتۇ .


                                                                                            ــــــ  شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى



شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئاتتىلا
تىللا
191
تۆھپە
64
UID
4640
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 21:49:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىزنىڭ ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى شالغۇت ناخشا ئىيتىدىغان، ئاڭلىغان كىشىنى قاتتىق بىئارام قىلىدىغان بىر قىسىم ناباب ‹‹چولپان››لارنىڭ قىلىقلىرىغا بەك ئوخشايدىكەن.


Rank: 4

ئىسىمى
ئەزمەت
تىللا
296
تۆھپە
167
UID
10822
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 22:24:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنسىنى چۈشەنگەنلكىڭزىدن خۇرسەنمەن


Rank: 4

ئىسىمى
ھەزرەت
تىللا
249
تۆھپە
195
UID
9931
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 22:33:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللى سەنئەتنى بۇزغۇچى ‹ چولپان› لار شۇمۇ نىمە بۇ ئىشەك ؟ ئاۋۇ تۈلكە پۇلنى ، مەنپەئەتنى دەپ ۋىجدانىنى ساتىدىغان ھېلقى . .. .. .  لار ئىكەن دە ! ! !


Rank: 4

ئىسىمى
قۇربانجان
تىللا
288
تۆھپە
155
UID
4954
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 22:58:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس  راس  تورداشلار توغرا دەيدۇ     ئىشەك چولپانلىرمىزمۇ بارغانسىرى كۇپىيۋاتىدۇ


Rank: 4

ئىسىمى
نۇر ئەلى
تىللا
362
تۆھپە
172
UID
5237
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 00:17:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس بۇ ئىشەك ناخشىچىلىرىمىز بەك داڭلىق ھازىر،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،


Rank: 1

ئىسىمى
مۇھەممەت ئەلې باتور
تىللا
45
تۆھپە
15
UID
12616
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 03:57:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كارامەت ئوخشۇتۇش بوپتۇ .......................


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1392
تۆھپە
1136
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 11:07:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك توغرا  دەلىلىنىپتۇ .............راست.


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ۋىسال
تىللا
488
تۆھپە
324
UID
351
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 11:39:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇچقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن دىگەن شۇ


كىمنىڭ ھاياتىدا ئىلىم بەرگۇچى ئۇستازى بولمىسا،دىمەك ئۇنىڭ ئۇستازى شەيتاندۇر

Rank: 1

تىللا
13
تۆھپە
7
UID
13410
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 12:09:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالتۇندىن ھەل بەرسىمۇ كىسەكتۇر كىسەك،
ئالتۇن تىزەكلەپ بەرسىمۇ ئىشەكتۇر ئىشەك.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kompas001 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-19 12:13  



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 09:04, Processed in 0.082861 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991