كۆرۈش: 8381|ئىنكاس: 1

ئالامەت قىزىق يۇمۇرلار[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
ئەزمەت
تىللا
296
تۆھپە
167
UID
10822
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 12:32:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                               مەچىت يۆتكىلىپ قالدىمىكىن دەپتىمەن
ئەپەندىم ئىمامەتچىلىك قىلۋاتقان مەسچىتكە يېپيېڭى گىلەم سېلىنغانىكەن، يىراق - يېقىنغا داڭقى كەتكەن بىر قىمارۋاز
ئۆيدىكى پۇل - پۈچەك ۋە مال - مۈلكىنى ئۇتتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن تەپتارتماستىن مەسچىتتىكى گىلەملەرنى ئوغرىلاپ ئۆيىگە سېلىپ قويۇپتۇ. ئەپەندىم بۇ ئىشنى ئۇقۇپ بىر كۈنى ئەتىگەن جامائەتنى باشلاپ ھېلىقى قىمارۋازنىڭ قورۇسىغا بېرىپتۇ. بۇ جامائەتنى كۆرۈپ ھودۇقۇپ كەتكەن قىمارۋاز ئەپەندىمدىن: - ئىمام ئاخۇنۇم، بامدات نامازنى مەسچىتتە ئوقۇماي بۇ يەرگە كىرگەنلىرىگە قارىغاندا، يېڭىلىپ قالدىلىمۇ، نېمە؟ - دەپ سوراپتۇ. - يوقسۇ، - دەپتۇ ئەپەندىم قىمارۋازغا چۈشەندۈرۈپ، - تۈنۈگۈن قورۇيىڭىز ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، قورۇيىڭىزغا قارىسام، ساپلا مەسچىتنىڭ گىلەملىرى سېلىقلىق تۇرىدۇ، شۇنىڭغا قاراپ مەسچىت سىزنىڭ قورۇيىڭىزغا يۆتكىلىپ قالغان ئوخشايدۇ، دەپتىمەن. قىمارۋاز بۇنى ئاڭلاپ ئۆپكىدەك قىزىرىپ كېتىپتۇ.

  2                                                 مايمۇننىڭ ئىشتاتى
بىر كۈنى، ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى ياشىنىپ قالغان قىرى يولۋاس بىلەن ئەركىن،ياش بىر يولۋاس دوست بولۇپ قاپتۇ.كۈنلەرنىڭ بىرىدە ياش يولۋاس "ياشايدىغاننى ياشىدىم، يەيدىغاننى يىدىم، ئەمدى ئوۋ كەينىدىن قوغلاپ يۈرۈشنى خالىمايمەن" دىگەن ئويغا كەپتۇ ۋە ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى قىرى يولۋاسنى تېپىپ ئۇنىڭدىن ھايۋاناتلار باغچىسى مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆزىنىمۇ ھايۋاناتلار باغچىسىغا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىپتۇ.نەتىجىدە قىرى يولۋاسنىڭ ياردىمى بىلەن ياش يولۋاس ھايۋاناتلار باغچىسىغا قوبۇل قىلىنىپتۇ.ياش يولۋاس ھايۋاناتلار باغچىسىغا كېلىپ بىرىنچى كۈنى تاماق ۋاقتىدا قىرى يولۋاسقا گوش،ياش يولۋاسقا بانان بېرىپتۇ.بۇ ئەھۋال،ئىككىنچى كۈنى ۋە ھەتتا ئون-ئونبەشىنچى كۈنگىچە ئوخشاشلا داۋام قىلىپتۇ.ئاخىردا بۇنىڭغا چىدىمىغان ياش يولۋاس جىلە بولۇپ قىرى يولۋاستىن سوراپتۇ:
-تاماق ۋاقتىدا نىمە ئۈچۈن ساڭا گوش بېرىپ ماڭا بانان بېرىدۇ؟
بۇنى ئاڭلىغان قىرى يولۋاس كۈلۈپ كېتىپتۇ ۋە دەپتۇ:
-ئىشەنسەڭ،يولۋاسلار ئۈچۈن بوش شىتات يوق ئىكەن، مەسئۇللار مىنىڭ يۈزۈمنى قىلىپ سېنى مايمۇنلارنىڭ شىتاتى بىلەن بۇ يەرگە ئالغانتى.....
3                                                قوي كالنى دوراش
شياۋكې ئامېرىكىغا ساياھەتكە چىققىنىدا بىر خۇرۇم چاپاننى ياقتۇرۇپ قالىدۇ–دە، مال ساتقۇچىدىن قانداق تېرە ماتېرىيالىدىن تىكىلگەنلىكىنى سورايدۇ. ئەمما، ئۇنىڭ ئىنگلىزچە سەۋىيەسى تولىمۇ ناچار بولغاچقا، ھەرقانچە قىلىپمۇ گېپىنى ئۇقتۇرالمايدۇ. تاقەتسىزلەنگەن شياۋكې خۇرۇم چاپاننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ قوينىڭ مەرىشىنى دورايدۇ، مال ساتقۇچى ئۇنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىپ بېشىنى چايقايدۇ. ئۇ يەنە كالىنىڭ مۆرىشىنى دورايدۇ، بۇ چاغدا مال ساتقۇچى بېشىنى لىڭشىتىدۇ. شياۋكې يېنىك بىر تىنىۋېتىپ مۇنداق دەيدۇ: ‹‹يەنىلا ھايۋان بولغان ياخشى ئىكەن، ھېچقانداق تىلنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىكەن.››




شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 3Rank: 3

تىللا
132
تۆھپە
82
UID
9404
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 20:16:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-ئىشەنسەڭ،يولۋاسلار ئۈچۈن بوش شىتات يوق ئىكەن، مەسئۇللار مىنىڭ يۈزۈمنى قىلىپ سېنى مايمۇنلارنىڭ شىتاتى بىلەن بۇ يەرگە ئالغانتى.....》》تۇرمۇشتا بۇنداق   مايمۇنلارنىڭ شىتاتىغا  كىرىپ قالغان يولۋاسلار جىققۇ    


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 09:29, Processed in 0.070323 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991