تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ماھىنۇر ئۇيغۇر
بىر يېزىلىق بىر ئېشەكنى كىرالاپ بازارغا قاراپ يولغا چىقتى. ئىشەكنىڭ ئىگىسىمۇ ئۇلار بىلەن كېلىۋاتاتتى. چىڭقى چۈش ۋاقتى، ھاۋا بەك ئىسسىپ كەتكەندە، يېزىلىق ئېشەكتىن چۈشۈپ ھايۋاننىڭ سايىسىدە ئازراق دەم ئېلىپ سۆرۈنلىمەكچى بولدى.
بۇنى كۆرگەن ئېشەكنىڭ ئىگىسى قاتتىق ئېتىراز بىلدۈردى. ئىشەك ئۆزىنىڭ بولغىنى ئۈچۈن ئېشەكنىڭ سايىسىنى ئىشلىتىش ھەققىنىڭمۇ ئۆزىگە ئائىت بولغىنىنى ئېيتتى.
يېزىلىق بولسا:
- نېمە مۇناسىۋىتى! مەن سېنىڭ ئېشىگىڭنى يول بويى كىرالىمىدىممۇ؟ ئۇنداق بولغانىكەن، ئۇنى ئىشلىتىش ھەققى ماڭا ئائىت،- دەۋاتاتتى.
ئېشەكنىڭ ئىگىسى بولسا بۇ جاۋاپقا:
- سەن ئېشەكنى كىرالىدىڭ، ئېشەكنىڭ سايىسىنى ئەمەس،- دەپ قارشىلىق بېرىۋاتاتتى. ئۇلار مۇشۇنداق ئۇرۇشۇۋاتقاندا بېشى بوش قالغان ئېشەك قېچىپ كۆزدىن غايىپ بولدى.
ھېكمەت: ئىنسانلار كۆپىنچە يوق ئىشلارغا جېدەل قىلىدۇ.