كۆرۈش: 7225|ئىنكاس: 3

ئەيدىز تەتقىقاتىدىكى تۆت يېڭى يۆنىلىش.[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
پەرھات
تىللا
298
تۆھپە
191
UID
12762
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 23:50:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيدىز تەتقىقاتىدىكى ئالىملارنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە ئەگىشىپ، ئەيدىزنىڭ مەخپىيىتى بىر – بىرلەپ ئاشكارىلىنىشقا باشلاپ، بىزگە يېڭى يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بەردى.

  ئايال ئاغرىقلاردا كېسەل «قوشلاپ كۆرۈلگەن»

  ماتېرىياللارغا قارىغاندا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئەرلەر ۋە ئاياللارغا يۇقىشىدا مۇئەييەن پەرق بولىدىكەن، ئايال ئاغرىقلارنىڭ كۆپىنچىسىدە كېسەل «قوشلاپ كۆرۈلىدىكەن» . تەتقىقاتچىلارنىڭ كېنىيىلىك 500 نەپەر ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىنى تەكشۈرۈشىدە، ئۇلارنىڭ بەدەن ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدا بىر خىل ئالاھىدە ئىرسىيەت گېنى بارلىقى بايقالغان، بۇنداق گېندىن قايسى ھۈجەيرىنىڭ ۋىرۇس ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بېكىتكىلى بولىدىكەن ھەم سىگنال ئامىللىرى ئارقىلىق بۇنداق ھۈجەيرىگە بەلگە قويغىلى بولىدىكەن. ئادەم بەدىنىدىكى T ھۈجەيرىسى ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، ۋىرۇسنىڭ يامراپ كېتىشىنى توسىدىكەن. ئەمما ئۇنىڭدا ئۆزگىرىش كۆرۈلىدىكەن، ئاياللارنىڭ بەدىنىدە نۇرغۇنلىغان T ھۈجەيرىسى بولۇپ، ئۇ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئۆزگىرىش سۈرئىتىنىڭ تېز بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. نەتىجىدە ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى بىر خىل ئەيدىز ۋىرۇسى ناھايىتى تېزلىكتە نەچچە خىلغا ئۆزگىرىدىكەن، بۇنداق ئەھۋال يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى بىرىنچى يىلى ئالاھىدە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدىكەن.

  ئەيدىزنىڭ ھۇجۇمى ئالدىدا، ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا ئاجىزراق بولىدىكەن. ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللار، بولۇپمۇ قىزلار ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقىدىغان ئەڭ خەتەرلىك توپقا ئايلىنىپ قالغان. بۇنىڭ فىزىئولوگىيىلىك سەۋەبى قىزلارنىڭ بالىياتقۇ بوينى تولۇق تەرەققىي قىلمىغان، شۇنداقلا ئۇلاردا ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش تەبىئىي توسۇقى شەكىللەنمىگەن، ئۇلارنىڭ جىنسىي يولى شىلىمشىق پەردىسىنىڭ بۇزۇلۇشى ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزا تېرىسىنىڭكىدىن كۆپ بولىدىكەن، شۇ سەۋەبتىن ئاياللاردىن ئەرلەرگە يۇقۇش پۇرسىتى ئەرلەردىن ئاياللارغا يۇقۇش پۇرسىتىدىن كۆپ بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ساغلام بولمىغان جىنسىي ئۇچرىشىش جىنسىي يولدىكى نورمال بىئولوگىيىلىك زەمبۇرۇغلار توپىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىكەن، بۇ ئالاھىدە خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. جىنسىي يول يەللىكى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە يەللىكى، تۇخۇمدان يەللىكى، داس بوشلۇقى يەللىكى قاتارلىقلار ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ھۇجۇم قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدىكەن.

  گاندون(بىخەتەرلىك قاپچۇقى) بىخەتەر ئەمەس

  گاندون ئىسپېرما بىلەن جىنسىي يول ئاجرالمىلىرىنى ئايرىپ تۇرىدۇ، ئەر – ئايال ئىككى تەرەپنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ ئۆز ئارا ئۇچرىشىشىدىن ساقلايدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئۇ جىنسىي كېسەلنىڭ تارقىلىش يولىنى بەلگىلىك دەرىجىدە توسىدۇ. ئۇنداقتا، گاندون بىخەتەرمۇ؟

  تېببىي ئالىملارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش باسقۇچىدا، گاندون توغرا ئىشلىتىلسە، ئاساسىي جەھەتتىن ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئەگەر ئۇ جىنسىي كېسەللەردىن ساقلىنىش قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلسە، ئۇنىڭ ئۈنۈمى كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك نەتىجە بېرىشى ناتايىن. توغرا ئىشلىتىش شارائىتىدا، گاندوننىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈمى نىسبەتەن يۇقىرى، لېكىن سۆزنەك، ئۆتكۈر ئېكزېما(ئۆتكۈر ھۆل تەمرەتكە) نىڭ ئالدىنى ئېلىشقا نىسبەتەن ئۇنىڭ ئۈنۈمى ئويلىغىنىمىزدەك ئەمەس. ئۇنىڭدىن ئىسپېرمىغا ئوخشاش نىسبەتەن چوڭ بولغان ھۈجەيرىلەر ئۆتەلمەيدۇ، لېكىن مىكوپلازما، خلامىدىيە، باكتېرىيە قاتارلىقلارنى ھەسسىلەپ چوڭايتقۇچى مىكروسكوپتا كۆزەتكەندە، ئىنتايىن كىچىك ۋىرۇس دانىچىلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. دېمەك، ئۇنىڭ رولى چەكلىك، مانا بۇ شەھۋانىي مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى شەھۋانىي سورۇنلارغا قاترايدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك گاندون ئىشلەتسىمۇ يەنىلا جىنسىي كېسەلدىن ساقلىنىشقا ئامالسىز قالىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى.

  «%1تەلەيلىكلەر» دە تەبىئىي ئىممۇنىتېت كۈچى بار

  ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، بەدىنىدە مەلۇم ئۆزگەرگەن گېنى بارلار ئۇزاق مەزگىل ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلسىمۇ، ئۇلارغا ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقمايدىكەن، ئۇلارنىڭ بەدىنىدە تەبىئىي ئىممۇنىتېت كۈچى بولىدىكەن.

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بەدىنىدە چوقۇم ئىككى دانە قوبۇل قىلغۇچى تەنچە بولۇشى كېرەك ئىكەن، ئۇنىڭ بىرى 5–CKR ئاقسىلى ئىكەن. تەتقىقاتچىلار ئەيدىز ئاغرىقلىرى بىلەن كۆپ قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغان، لېكىن تەلىيى كېلىپ ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ قالغان ئىككى نەپەر ئايال ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ 5–CKR ئاقسىلى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش تەبىئىي ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ « تەلەيلىك» بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىغان.

  ئۇنداقتا، ئادەملەر ئىچىدىكى بۇنداق « تەلەيلىك»لەر قانچىلىك؟ ئالىملار غەربىي ياۋروپادىكى كۆچمەنلەرنىڭ پۇشتىدىن بولغانلاردىن ئالغان قان ئەۋرىشكىلىرىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، بۇنداق « تەلەيلىك»لەرنىڭ نىسبىتى تەخمىنەن % 1 ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى، يەنى ھەر 100 نەپەر غەربىي ياۋروپالىق كۆچمەننىڭ پۇشتىدىن بولغانلار ئىچىدە بىر ئادەمدە بۇنداق ئالاھىدە ئاقسىلنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. بۇ تەلەيلىكلەرنىڭ بەدىنىدىكى 5–CKR ئاقسىلى كونترول قىلىنغاندىن كېيىن ھاسىل قىلغۇچى گېندا ئۆزگىرىش كۆرۈلىدىكەن، ئاندىن يېتەرلىك ئالاھىدە 5–CKR ئاقسىلى شەكىللىنىدىكەن.

  بۇ تەتقىقات نەتىجىسى مۇنداق ئىككى جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە: بىرى، ئەيدىزگە قارشى تۇرىدىغان تېخىمۇ ئۈنۈملۈك دورىنى تېپىش ئۈچۈن يېڭى يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى؛ يەنە بىرى، كىشىلەرگە ئەيدىز خەتىرىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ھېس قىلدۇردى. «تەلەيلىك»لەر ناھايىتى ئاز سالماقنى ئىگىلەيدىغان بولغاچقا، ئالدىنى ئېلىشنى ياخشى ئېلىپ بېرىشنىڭ يەنىلا ئاقىلانىلىك ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر كۆرسىتىپ بەردى.

  بىر نەچچە خىل خەتەرلىك ھەرىكەتنىڭ يۇقۇملاندۇرۇش ئېھتىماللىقى

  ئاياللارنىڭ ئەيدىزدىن قانچىلىك يىراقلىقى ئۇلارنىڭ خەتەرلىك ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مېدىتسىنا مۇتەخەسسىسلىرى بىر نەچچە خىل خەتەرلىك ھەرىكەتنىڭ يۇقۇملاندۇرۇش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى:

  ئەيدىزنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش يوللىرى: نورمال بولمىغان جىنسىي ئۇچرىشىش، زەھەرلىك چېكىملىك چىكىش، قان سۇيۇقلۇقى ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىش ۋە ئانىدىن بالىغا بىۋاسىتە يۇقۇش قاتارلىقلار. ئامېرىكا لوس – ئانژېلېس كۆپىيىش تېببىي تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىسىتاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەيدىزنىڭ تارقىلىش يوللىرى ئىچىدە نورمال بولمىغان جىنسىي ئۇچرىشىشتىن يۇقۇش نىسبىتى زور سالماقنى ئىگىلەيدىكەن، تەخمىنەن 70% – 80% ئەيدىز ئاغرىقى مۇشۇ سەۋەبتىن بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان، بۇ تۈردىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىچىدە يات جىنستىكىلەر بىلەن بولغان جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇش%70 تىن كۆپرەكنى، بەچچىۋازلىقتىن يۇقۇملانغانلار % 5 – %10 نى ئىگىلەيدىكەن. تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېلىپ بارغان تەھلىلدىن ئەرلەردىن ئەرلەرگە يۇقۇشنىڭ خەتەرلىك دەرىجىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى، باشقىلىرى ئەردىن ئايالغا، ئايالدىن ئەرگە، ئايالدىن ئايالغا يۇقۇش رەت تەرتىپى ھاسىل قىلىدىغانلىقى بايقالغان. جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش شەكلىدىن قارىغاندا، غەيرىي يولغا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشنىڭ خەتەرلىك دەرىجىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى، قوغدىنىشسىز جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش ۋە ئېغىز ئارقىلىق جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشنىڭ خەتەرلىك دەرىجىسى ئۇنىڭدىن كېيىن تۇرىدىغانلىقى بايقالغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇشچانلىقى يەنە يۇقۇملانغۇچىنىڭ يۇقۇملىنىش مەزگىلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدىغانلىقى، كېسەلنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى يۇقۇشچانلىقى ئەڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقى، چۈنكى بۇ مەزگىلدە يۇقۇملانغۇچىنىڭ بەدىنىدە مىكروب تەركىبى ئەڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقى بايقالغان. ئىككىنچى ئورۇندىكىسى قان ۋە قان ياسالمىلىرىنى قوبۇل قىلىشتىن يۇقۇش بولۇپ، يۇقۇش ئېھتىماللىقى %90 تىن يۇقىرى بولغان؛ شىپرسنى ئورتاق ئىشلىتىپ ياكى دېزىنفېكسىيە قىلىنىشى ياخشى بولمىغان شىپرىسنى ئىشلىتىپ ۋېنادىن زەھەرنى ئوكۇل قىلىش سەۋەبلىك ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇش ئېھتىماللىقى ئۇنىڭدىن كېيىن تۇرىدىكەن.

  بىر قىسىم كىشىلەر داۋالاش ئەسۋابلىرىنىڭ تازىلىقى ياخشى بولماسلىقتىنمۇ ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋالىدۇ، بۇ داۋالاش ئەسۋابلىرى مەنبەلىك يۇقۇش دەپ ئاتىلىدۇ، مەسىلەن: ئوكۇل سالدۇرغاندا، ئوكۇل بېشى سەۋەبلىك يۇقۇش ياكى باشقا بۇلغانغان ئەسۋابلارنىڭ تېرىنى غىدىقلىشى ياكى تېرىگە چاپلىشىشى سەۋەبلىك يۇقۇش ئېھتىماللىقى تەخمىنەن %0.5 – % 0.3 نى تەشكىل قىلىدۇ. تۆت يېڭى يۆنىلىش.

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

ئىسىمى
پەرھات
تىللا
298
تۆھپە
191
UID
12762
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 23:56:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يۈرەكنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى ئېنىقلاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى.

يۈرەكنىڭ ساغلام  دوختۇرلار كېسەل كۆرگەندە، ھەمىشە بەزىلەرنىڭ ئاللىقاچان ئېغىر يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى، ھەتتا يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى، ئەمما ئاغرىقنىڭ ئۆزىنىڭ كېسەل بولۇپ قالغانلىقىنى تېخىچە بىلمەيدىغانلىقىنى بايقايدۇ ياكى بەزىلەر كېسىلىگە ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان چاغدا ئاندىن ئىلگىرى ئۆزىدە كېسەل ئالامىتى ياكى بېشارىتىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا ئېرەڭ قىلىپ كەتمىگەنلىكىنى ئېسىگە ئالىدۇ. شۇڭا كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يۈرەكنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى ھەر دائىم كۆزىتىپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىش لازىم. يۈرەكنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى ئۆزى كۆزىتىپ ئېنىقلاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلىنى ئىگىلىۋالسا، يۈرەكنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى ھەردائىم چۈشىنىپ تۇرۇشقا، ھوشيارلىقنى ئاشۇرۇپ، يۈرەكتە كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى بالدۇر بايقاشقا ياردىمى بولىدۇ.
   1. تومۇر سوقۇشقا ئاساسەن ئېنىقلاش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن، بەش مىنۇت جىم ئولتۇرۇپ، ئاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ھەر مىنۇتتىكى تومۇر سوقۇش قېتىم سانى ئۆلچەپ چىقىلىدۇ، ئاندىن كېيىن 30 قېتىم زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش ھەرىكىتى قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھەر مىنۇتتىكى تومۇر سوقۇش قېتىم سانى ئۆلچەپ چىقىلىدۇ، ئاندىن كېيىن بىر سائەت جىم ئولتۇرغاندىن كېيىن يەنە ئۆزىنىڭ ھەر مىنۇتتىكى تومۇر سوقۇش قېتىم سانى ئۆلچەپ چىقىلىدۇ. ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن ئۆلچەپ چىقىلغان تومۇر سوقۇش قېتىم سانىدىن ھەرىكەت قىلىشنىڭ ئالدى – كەينىدە ئۆلچەپ چىقىلغان ئىككى قېتىملىق تومۇر سوقۇش قېتىم سانىنىڭ ئايرىمىسىنى ئېلىۋېتىپ، چىققان ساننى ئونغا بۆلسەك، كېلىپ چىققان نەتىجە 5 ~ 1 بولسا، يۈرەك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئەگەر كېلىپ چىققان نەتىجە 10 ~ 6 بولسا، يۈرەك ئەھۋالىنىڭ ئوتتۇراھال سەۋىيىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئەگەر كېلىپ چىققان نەتىجە 16دىن چوڭ بولسا، بۇ يۈرەك ئەھۋالىنىڭ ناچارلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
   2. پەلەمپەيدىن چىقىش ئارقىلىق ئېنىقلاش ئۇسۇلى: بۇنىڭدا ئادەتتىكى تېزلىكتە بىنانىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىن تۆتىنچى قەۋىتىگە (ئەگەر بىنانىڭ قەۋىتى پاكارراق بولسا بەشىنچى قەۋىتىگە) چىقىش، ئارىلىقتا توختىماسلىق كېرەك. بۇ چاغدىكى يۈرەك سوقۇش قېتىم سانى مىنۇتىغا 100 قېتىمدىن ئاز بولسا، يۈرەك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ يۈرەك سوقۇش قېتىم سانى مىنۇتىغا 120 ~ 100  قېتىم بولسا، يۈرەك ئەھۋالىنىڭ ياخشىراق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ يۈرەك سوقۇش قېتىم سانى مىنۇتىغا 140 ~ 120  قېتىم بولسا، يۈرەك ئەھۋالىنىڭ ئوتتۇرا ھال دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ؛  يۈرەك سوقۇش قېتىم سانى مىنۇتىغا 140 قېتىمدىن كۆپ بولسا، يۈرەك ئەھۋالىنىڭ  ناچارراق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. لىق ئەھۋالىنى ئېنىقلاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tarkan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-17 23:56  



Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
1804
تۆھپە
1101
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 18:57:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيدىزنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش يوللىرى: نورمال بولمىغان جىنسىي ئۇچرىشىش، زەھەرلىك چېكىملىك چىكىش، قان سۇيۇقلۇقى ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىش ۋە ئانىدىن بالىغا بىۋاسىتە يۇقۇش قاتارلىقلار. ئامېرىكا لوس – ئانژېلېس كۆپىيىش تېببىي تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىسىتاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەيدىزنىڭ تارقىلىش يوللىرى ئىچىدە نورمال بولمىغان جىنسىي ئۇچرىشىشتىن يۇقۇش نىسبىتى زور سالماقنى ئىگىلەيدىكەن، تەخمىنەن 70% – 80% ئەيدىز ئاغرىقى مۇشۇ سەۋەبتىن بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان، بۇ تۈردىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىچىدە يات جىنستىكىلەر بىلەن بولغان جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇش%70 تىن كۆپرەكنى، بەچچىۋازلىقتىن يۇقۇملانغانلار % 5 – %10 نى ئىگىلەيدىكەن. تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېلىپ بارغان تەھلىلدىن ئەرلەردىن ئەرلەرگە يۇقۇشنىڭ خەتەرلىك دەرىجىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى، باشقىلىرى ئەردىن ئايالغا، ئايالدىن ئەرگە، ئايالدىن ئايالغا يۇقۇش رەت تەرتىپى ھاسىل قىلىدىغانلىقى بايقالغان. جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش شەكلىدىن قارىغاندا، غەيرىي يولغا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشنىڭ خەتەرلىك دەرىجىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى، قوغدىنىشسىز جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش ۋە ئېغىز ئارقىلىق جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشنىڭ خەتەرلىك دەرىجىسى ئۇنىڭدىن كېيىن تۇرىدىغانلىقى بايقالغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇشچانلىقى يەنە يۇقۇملانغۇچىنىڭ يۇقۇملىنىش مەزگىلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدىغانلىقى، كېسەلنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى يۇقۇشچانلىقى ئەڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقى، چۈنكى بۇ مەزگىلدە يۇقۇملانغۇچىنىڭ بەدىنىدە مىكروب تەركىبى ئەڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقى بايقالغان. ئىككىنچى ئورۇندىكىسى قان ۋە قان ياسالمىلىرىنى قوبۇل قىلىشتىن يۇقۇش بولۇپ، يۇقۇش ئېھتىماللىقى %90 تىن يۇقىرى بولغان؛ شىپرسنى ئورتاق ئىشلىتىپ ياكى دېزىنفېكسىيە قىلىنىشى ياخشى بولمىغان شىپرىسنى ئىشلىتىپ ۋېنادىن زەھەرنى ئوكۇل قىلىش سەۋەبلىك ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇش ئېھتىماللىقى ئۇنىڭدىن كېيىن تۇرىدىكەن


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
750
تۆھپە
538
UID
504
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 16:26:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر بۇنى خولىرا، سارس ۋە تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغاندەك ئالدىنى ئالغىلى بولغان بولسا نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى ھە!


لېكىن يەنە بىر چوڭ تىپتىكى ئەخلاق كىرىزىسى چىقىپ قالارمىدىيە. . .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 07:18, Processed in 0.074980 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991