 ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم : مۇنبەر ئەزالىرى ھەم مۇنبەرنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى ، سىلەردىن شۇنداق بىر سوئالنى سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ ، مۇنبەر كەيپىياتىغا قاراپ باقسام مۇنبىرىمىز خېلى مول بىلىمگە ۋە ئەسەرلەرگە ئىگە ئىكەن ، ھەم شۇنداقلا مۇنبىرىمىزنىڭ ئەزالىرى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بارماقتا . ئەسلى گەپكە كەلسەم : سىلەر < مۇنبەر ئەزالىرى>نىڭ مۇنبەرگە ئەزا بۇلۇشتىكى مەقسىتىڭلار نىمە ؟ بۇنداق سوئال سوراپ مەن سىلەرنى سوراققا تارتماقچى ئەمەس ، پەقەر سىلەرنىڭ قىزىقىشىڭلارنى ھەم ئارزۇيۇڭلارنى بىلىپ بېقىش ئىستىكىم بار، بۇنداق بولغاندا بىز 1-دىن ئۆز-ئارا تۇنۇشالايمىز ھەم بىر-بىرىمىزنى يۈزەكى بولسىمۇ چۈشىنەلەيمىز : 2-دىن بىز ئىجادىيەت جەھەتتە مۇنبەر ئەزالىرنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىپ ئۇلارنىڭ قەلبىدىكىنى تاپالايمىز، بۇنداق بولغاندا بىزنىڭ بۇ تەڭرىتاغ مۇنبىرىنىڭ تەرەققىياتى ھەم مۇنبەرداشلارنىڭ رىشتىسى تېخىىمۇ كۈچىيىدۇ دەپ قارايمەن . سىز ئىنكاس يازغاندا ئۆز قىزىقىشىڭىزنى ھەم مۇنبەردە قانداق،قايسى مەزمۇندىكى تېمىلارنىڭ سىزنى بەكرەك جەلپ قىلىدىغانلىقىنى ، قانداق تېمىدىكى ، مەزمۇندىكى تېمىلارنى ياقتۇرمايدىغانلىقىڭىزنى قۇشۇپ يوللىسىڭىز بولىدۇ . بۇ قاراشلىرىم ئۈچۈن سىزگە مۇنداق بىر سوئالنى قوياي : ئەگەر مۇشۇ مۇنبىرىمىزدىكى مەلۇم بۇر مۇنبەرداش قىيىنچىلىققا يولۇقتى ھەم ئامال يوق سىزنىڭ يۇرتىڭىزغا بېرىپ قالدى ، بۇ چاغدا ئۇ مۇنبىرىمىز ئارقىلىق ئۆزى يولۇققان قىيىنچىلىقنى بىزگە ئېيتتى ھەم ئۆزى شۇ چاغدا تۇرۇشلۇق يۇرتتىكى مۇنبەرداشلاردىن كىچچىككىنە ياردەم تەلەپ قىلدى ( ئەلۋەتتە بۇ ياردەم پەقەت پۇلغىلا قارىتىلغان ئەمەس ، بەلكى روھىي تەسەللىگە ياكى ھالال خىزمەتكە موھتاج ، بۇ ياردەم سىزنىڭ قولىڭىزدىن كېلىدۇ.) بۇ چاغدا سىز قانداق قىلىىسىز ؟ ياردەم قىلامسىز ياكى ئۆز ئىشىڭىزنى قىلامسىز ؟ يۇقىرقىلار ھەممىسى مىنىڭ شەخسى پىكىرىم ، ئەگەر بۇ تېمىنى بىمەنە دەپ قارسىڭىز ئىنكاس يازماي چىقىپ كەتسىڭىزمۇ بولىدۇ ، رەددىيە بېرىدىغان ئىنكاسنى ئامال بار يازماڭ ، چۈنكى بۇ تېمىنى يوللاشتىن مەقسەت ھەرگىزمۇ ئىچىم پۇشۇپ قىلىدىغان ئىش تاپالماي قالغانلىقىمدىن ئەمەس بەلكى مۇنبەر رىشتىسىنىڭ قانچىلىك ھەم مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ بېقىشتىنلا ئىبارەت . شۇڭا بەك ئويلىنىپ چىن كۆڭلىڭىزدىكى گەپنى قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن . ماسلاشقىنىڭىزغا رەھمەت ! ! ! 
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا barquk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-16 22:52
|