مۇنبەردە چاۋاك بەلگىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا سايلام
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار ياخشىمۇسىلەر، يېقىندىن بۇيان مۇنبىرىمىزنىڭ ئەزا سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ مۇنبىرىمىزدىكى تېمىلار مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن موللىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. نۇرغۇنلىغان تورداشلىرىمىز ئۆزىنىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى كەڭ تورداشلارغا خالىسانە سۇنۇپ، مۇنبەرنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن بىز كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشماقتا.
ئەمدى گەپكە كەلسەك، مۇنبەردىكى كونا ئەزالار بىلىشى مۇمكىن، مەن ئىلگىرى<< مۇنبەردىكى چاۋاكخۇمارلارغا ئۇقتۇرۇش>> توغرىسىدا ماقالە ئېلان قىلغان ئىدىم. بىراق، بۇ ماقالەمنىڭمۇ ئۇنچە بەك تەسىرى بولمىدى، نۇرغۇنلىغان مۇنبەر ئەزالىرىمۇ مۇنبىرىمىزدىكى بەزىبىر چاۋاكخۇمارلارغا قالايمىقان چاۋاك بەلگىسىنى ئىشلەتمەسلىك توغرىسىدا رەددىيە بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىر مۇنبىرىمىزنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا، مۇنبەردىكى چاۋاكخۇمارلار ئازىيىش ئۇياقتا تۇرسۇن، بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلاپتۇ.
باشقىلار ئۆزىنىڭ ئەجرىنى ، ۋاقتىنى، قۇۋۋىتىنى سەرپ قىلىپ يازغان تېمىنى بىزنىڭ بەزىبىر مۇنبەر ئەزالىرى بىر نەچچە چاۋاك چېلىپ قويۇش بىلەنلا تۈگىتىپتۇ. مېنىڭچە بىر ئادەمنىڭ مېھنىتىگە نەچچە چاۋاك بىلەنلا جاۋاب قايتۇرۇش تېما ئىگىسىنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەتلىمىگەنلىك، كۆزگە ئىلمىغانلىق. بىز مۇنبەر دەسلەپتە ئېچىلغاندا چاۋاك بەلگىسىنى مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ زۆرۈر شارائىتتا ئىشلىتىشىنى كۆزدە تۇتۇپ تەسىس قىلغانىدۇق. بىراق، بەزى مۇنبەر ئەزالىرى ئۆزىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىلا مەقسەت قىلىپ، كەلسە-كەلمىسە قالايمىقان چاۋاك چېلىپ مۇنبەر ئەخلاقىغا زور دەرىجىدە خىلاپلىق قىلدى شۇنداقلا بىر تۈركۈم چاۋاكچىلارنى يىتىشتۈرۈپ چىقتى. قالايمىقان چاۋاك چالماسلىقنى كۆپ قېتىم ئەسكەرتكەن بولساقمۇ بىراق يەنىلا قىلدىغىنىنى قىلىۋەردى. شۇڭا تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىكى باشقۇرغۇچىلار مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق مۇنبەردىكى چاۋاك بەلگىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا سايلام ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدۇق.
كۆپچىلىكنىڭ بۇ سايلامغا نىسبەتەن تەكلىپ-پىكىرلىرى بولسا ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ قالدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.