كۆرۈش: 4352|ئىنكاس: 5

يېشىل مەيداندا قاناتلانغان ئارزۇ (بارى بىلەن سۆھبەت)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
17
تۆھپە
9
UID
12947
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 10:09:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


داڭق قازىنىۋاتقان پۇتبولچى بارى مۇھەممەتئېلى بىلەن سۆھبەت
   يېقىنقى بىر – ئىككى يىل مابەينىدە ، بىرقىسىم تالانتلىق شىنجاڭ پۇتبولچىلىرى پۇتبول مۇنبىرىدە كۆزگە كۆرۈنۈپ ، جۇڭگو پۇتبول ساھەسىدە « شىنجاڭ قىزغىنلىقى » نىڭ كۆتۈرلىشىگە شارائىت يارىتىپ بەردى.
  جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ خۇنەن شىياڭتاۋ كوماندىسىدا توپ تېپىپ ، خېلىلا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەكرەم ئەخمەت ، يېڭى ئەسىردىكى شىنجاڭلىق پۇتبولچىلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كەسىپلەشكەن پۇتبول كۇلۇبلىرىغا « يۈرۈش قىلىش ھەرىكىتى » نى باشلاپ بەرگەن بولسا ، مىرەخمەت ، بارى ، دىلمۇرات ، يەھيا ، ئابدۇۋەلى ، ئۆتكۈر قاتارلىقلار بۇ «ھەرىكەت » نى ئەۋجىگە كۆتۈردى .
  بارى مۇھەممەتئېلى دەل مۇشۇ « قوشۇن » دىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە پۇتبولچىدۇر .
  مول نەتىجە ، دەسلەپكى ئۇتۇقلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن 2011 – يىللىق مۇسابىقە پەسلىنى خېلىلا ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشتۇرغان بارىنى بىر پۇرسەتتە زىيارەت قىلىشقا مۇۋەپپەق بولدۇم.  
خۇشخۇي ، قىزىقچى بۇ يىگىت بىلەن ئۇنىڭ كىچىك چاغلىرىدىكى پۇتبولغا بولغان قىزىقىشلىرى ، شۇ ۋاقىتتىكى مۇسابىقىلەر ، جاپالىق ، تەسىرلىك ھېكايىلەر ، « سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپى » دىكى ئوقۇشى ، « شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيىسى » پۇتبول كوماندىسى ۋاقىتلىرى ھەمدە « خاڭجۇ لۈچېڭ » كۇلۇبىدىكى سەرگۈزەشتىلىرى ھەققىدە مۇڭداشتۇق . گاھ قاقاھلاپ كۈلدۇق ، گاھ ھەر ئىككىمىز ئېغىر خۇرسۇندۇق . قېنى ئوقۇرمەن ، يېشىل مەيدانغا ئۆزىنى ئاتىغان بۇ يىگىتنىڭ بايانىغا سىزمۇ بىر جۆر بولۇپ بېقىڭ :
مۇخبىر : پۇتبول بىلەن دەسلەپكى ئۇچراشقان چاغلىرىڭىز ھەمدە شۇ ۋاقىتتىكى شارائىتلىرىڭىزنى ئەسلىيەلەمسىز ؟
بارى : ئەلۋەتتە ئەسلىيەلەيمەن . ئۇ ھەم سۆيۈملۈك ھەم ناھايىتى جاپالىق ۋاقىتلار ئىدى . مەن باشلانغۇچ ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى فۇكاڭدا ئوقۇدۇم . پۇتبول بىلەن 6- 7 ياش ۋاقىتلىرىمدا ئۇچراشقان بولۇپ، باشقا بالىلار ئاساسەن ۋاسكېتبول ئوينايتتى.ئۇ ۋاقىتتا ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادى ناچار بولۇپ، تۈزۈك توپمۇ يوق ئىدى . ھەممە يېرىگە ياماق چۈشكەن بىر توپنى ئوينايتتىم . ئاشۇ توپنى تېپىۋەرگەچكە يەنە يىرتىلاتتى ، كەچلىرى ئولتۇرۇپ ئۆزۈم يامايتىم ،شۇڭا ياماش تېخنىكاممۇ پۇتبول تېخنىكامدىن بوش ئەمەس ئىدى .( كۈلكە )
م : ئۆيدىكىلىرىڭىز توپ تېپىشىڭىزگە قانداق قارايتتى ، قوشۇلامتى؟
  بارى : قوشۇلاتتى ، قوللايتتى . بولۇپمۇ دادام بىر پۇتبول مەستانىسى بولغاچقا مېنىڭ توپ ئوينىشىمغا قوشۇلاتتى ھەمدە ئىستىبالىمىنى نەزەردە تۇتۇپ :« توپنىمۇ مەشىق قىل ، دەرسىڭنىمۇ ياخشى تەكرار قىل » دەپ جېكىلەيتتى . يېشىمىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ پۇتبول تېخنىكامدا خېلىلا ئۆسۈش ، ئىلگىرلەش بولدى . ناھىيە بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول مۇسابىقىلىرىدىكى ئىپادەممۇ ناھايىتى ياخشى بولدى . بۇنى كۆرگەن دادام ناھايىتى خۇشال بولۇپ ، مېنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇردى . ئەينى ۋاقىتتا مەھەللىمىزدە بىر ۋاسكېتبول مەيدانى بولۇپ ، مەن كەچلىرى شۇ مەيداندا توپ تېپەتتىم. مەيداننىڭ ئەتراپىدا كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرى بولۇپ ، سەللا ئېھتىياتسىزلىق قىلسام ئۆيلەرنىڭ دېرىزە ئەينەكلىرى چېقىلىپ كېتەتتى . كىشىلەر خاپا بولۇپ دادامغا كايىيتى. ئۇلاردىن خىجىل بولغان ، لېكىن مېنىمۇ توساش نىيىتى يوق « بىچارە » دادام ئاخىرى ئۆز يېنىدىن مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل چىقىرىپ ، توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى ۋە ئادەم ياللاپ مەھەللىمىزنىڭ بۇلىڭىدىكى تاشلاندۇق يەرنى تۈزلىتىپ ، بىر چاققانغىنە پۇتبول مەيدانى ھازىرلاپ بەردى. ئۈچيۈز نەچچە كىلوگرام تۆمۈر سېتىۋىلىپ ۋاراتار ياساتتى . مىڭ يۈەن پۇل ھازىر گەرچە كىچىككىنە پۇل ھېسابلانسىمۇ ، بىراق ، ئەينى ۋاقىتقا نىسبەتەن ، بولۇپمۇ بىزنىڭ ئائىلىگە نىسبەتەن كۆپ پۇل ھېسابلىناتتى . قىسقىسى ، بۇنىڭدىن بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرنىڭ مېنى قانچىلىك قوللايدىغانلىقىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ .
م : مۇنتىزىم پۇتبول تەربىيىسىگە ئېرىشىش جەريانىڭىزمۇ بىر تەسىرلىك ھېكايىكەن، مۇشۇ ۋاقىتلارنى بىر ئەسلەپ باقامسىز ؟
بارى : بايا دەپ ئۆتكەندەك مېنىڭ پۇتبولغا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقىمنى ھەمدە شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئۆسۈۋاتقان تېخنىكامنى كۆرگەن ئۆيدىكىلىرىم مېنى مۇنتىزىم پۇتبول تەربىيىسىگە ئىگە قىلىش نىيىتىدە پۇتبول مەكتىپىگە بەرمەكچى بولدى . شۇنىڭ بىلەن 2002 – يىللىرى ئۈرۈمچىدىكى « ۋارىس » پۇتبول مەكتىپىگە كىردىم . كىم بىلسۇن ، ئەمدىلا ئوقۇپ ئۇزاق ئۆتمەي ، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ مەكتەپ تاقالدى . دەل شۇ ۋاقىتلاردا، يەنى 2002 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا « شىنجاڭ سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپى » قۇرۇلدى . شۇنىڭ بىلەن دادام مېنى مۇشۇ مەكتەپكە تىزىملاتماقچى بولدى. بۇ چاغلار ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادىدا تازا قىيىنچىلىق بولۇۋاتقان ۋاقىت بولۇپ ، ئالتە مىڭ يۈەنلىك يىللىق ئوقۇش ھەققى ۋە باشقا خىراجەتلەر بىز ئۈچۈن غايەت زور چىقىم ھېسابلىناتتى .دەل مۇشۇ ۋاقىتتا دادام ئۆزىنىڭ 24 يىللىق ئىشتاتىنى 42 مىڭ يۈەنگە سېتىپ ، مۇشۇ پۇلنىڭ ھەممىسىنى مېنىڭ قولۇمغا تۇتقۇزدى .ئەمەلىيەتتە ، قولۇمدىكىنى 42 مىڭ يۈەن پۇل دېگەندىن كۆرە پۈتۈن ئۆينىڭ ، مېنىڭ تەقدىرىم دېسەك ئاندىن توغرا بولاتتى. مەن ناھايىتى چوڭ بېسىم ۋە مەسئۇلىيەتكە يۈزلىنىشكە مەجبۇر بولدۇم . دادامنى بولسا بەزى تونۇشلار ، قۇلۇم – قوشنىلار « ساراڭ » بولۇپ قاپتۇ ، خىزمىتىنى سېتىپ پۇلنى يوق ئىشقا خەجلىدى دېسە ، يەنە بەزى كىشىلەر، مۇھەممەتئېلى بالىسىنى رونالدو قىلىدۇ ( بارى برازىلىيىلىك پۇتبول چولپىنى رونالدونى كىچىكىدىنلا ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ ، تاملىرىغا رەسىمى چاپلاقلىق ئىدى. مۇخبىر ئىلاۋىسى )، داڭلىق چولپان قىلىپ دۆلەت كوماندىسىغا باشلىق قىلىدۇ ، دەپ مەسخىرىمۇ قىلدى . لېكىن دادام يەنىلا مېنى قوللاپ بۇ مەكتەپكە ئوقۇشقا بەردى . ھەرھالدا ، ئۆيدىكىلەرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي تاللاش ئىمتىھانىلىرىدىن ئۆتۈپ بۇ مەكتەپكە كىردىم .
م : « سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپى»نى سىزنىڭ كېيىنكى كەسپىي ھاتىڭىزغا زور تەسىر كۆرسەتتى ، دېسەك بولامدۇ ؟
بارى :ئەلۋەتتە بولىدۇ . بۇ مەكتەپكە كېلىپ شۇنى ھېس قىلدىمكى، بۇرۇن مەن گەرچە پۇتبولغا قىزىقساممۇ ، خېلى تېخنىكام بولسىمۇ ،لېكىن پۇتبولغا بۇلغان تونۇشۇم بىرئاز يۈزە، تاكتىكا ۋە پۇتبول مەدەنىيىتىگە ئائىت باشقا بىلىملىرىم كەمچىل ئىكەن . بۇ مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن مۇنتىزىم ، سېستىمىلىق مەشىق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە پەرھات مۇئەللىمگە ئوخشاش مەشقاۋۇللارنىڭ تەربىيىسى ئاستىدا خېلىلا تېز ئىلگىرلىدىم . پىسخىكا ، بەدەن سۈپىتى بولۇپمۇ چىدامچانلىق جەھەتلەردە ئۆسۈش بولدى . مۇشۇ ۋاقىتتا ، بۇ مەكتەپكە كەلگىنىمنىڭ ناھايىتى توغرا بولغىنىنى ھېس قىلدىم .
م : سىزنىڭ پۇتبول ساھەسىدە دەسلەپكى قەدەمدە داڭق چىقارغان ۋاقتىلىرىڭىز قاچان ؟
بارى :   بۇمۇ ناھايىتى ئۇشتۇمتۇت، تەلەي ۋە تىرىشچانلىق ئۆزىنى تەڭلا كۆرسەتكەن بىر ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك دەڭە ( كۈلكە ). مەن شىنجاڭ كوماندىسىغا تاللىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ، مەملىكەتلىك 10 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشتىم . ئېسىمدە قېلىشىچە ئاشۇ ۋاقىت 2005 – يىلى 4- ئاينىڭ 9 – كۈنى بولۇپ ، بىز بېيجىڭدا خەينەن كوماندىسى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى بىر ساننى تالىشىپ مۇسابىقىلەشكەنىدۇق. مەن ئۇ چاغدا تېخى 17 گىمۇ كىرمىگەن بولۇپ ، بىر ئاز جىددىيلىشىش بار ئىدى. مۇسابىقە باشلىنىپ 20 نەچچە مىنۇتقۇ دەيمەن ، قارشى تەرەپ ۋاراتارىغا تەخمىنەن 30 مېتىر كېلىدىغان ئارىلىقتىن كۈچەپ بىر تېپىۋىدىم ، توپ كىرىپ كەتتى . سەپداشلىرىم، تىرېنېرلىرىم ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملار بەك خۇش بولۇپ كەتتى. شۇ توپ بىلەن خەينەن كوماندىسىنى 1 دە 0 ئۇتۇپ مەملىكەتلىك  10 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتۇق. بۇ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 46 يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم بۇ سالاھىيەتكە ئېرىشىشى بولۇپ ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئاپتونۇم رايونلۇق پۇتبولچىلار جەمئىيتىنىڭ باش كاتىپى ئىلھام نەسىردىن مېنى ئۇزاققىچە قۇچاقلاپ ، ھاياجانلانغىنىدىن يىغلاپ كەتكەنىدى. مۇشۇ مۇسابىقە ئارقىلىق خېلى كۆپ كىشىلەر مېنى تونىدى ، ئۆزۈمدىمۇ ئىشەنچ پەيدا بولدى .  
م : شۇ نۆۋەتلىك ، يەنى مەملىكەتلىك 10 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ نەتىجىسى بىرقەدەر ئېچىنىشلىق بولدى ، شۇ ۋاقىتتا سىز نېمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز ؟
   بارى : دەرۋەقە ، شۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە بىز بىرقەدەر كۈچلۈك كوماندىلار بىلەن بىر گورۇپپىغا تىزىلغان بولۇپ ، (بۇ گورۇپپىدا شىنجاڭدىن باشقا يەنە شەندۇڭ ، جياڭسۇ ، تيەنجىن قاتارلىق ئۈچ كوماندا بار ئىدى . مۇخبىر ئىلاۋىسى ) باشقا كوماندىدىكى ماھىرلارنىڭ سەۋىيەسى ، تەجرىبىسى بىزدىن خېلىلا يۇقىرى ئىدى. شۇڭا ئۆز ئىقتىدارىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرالماي گورۇپپىدىن چىقالمىدۇق. باشتا خېلىلا ئازابلاندىم . بىراق ، ئويلاپ باقسام ، رىقابەت تەنتەربىيىسىدە ، بولۇپمۇ پۇتبولدىن ئىبارەت بۇ كەسكىن تەنھەرىكەتتە ئۇتۇش – ئۇتتۇرۇش دېگەن نورمال ئىش ھېسابلىنىدىكەن . بۇ مۇسابىقىلەر ئارقىلىق كۆزۈم ئېچىلدى، يېتەرسىزلىك ، كەمچىللىكلەرنى بايقىدىم . ئاشۇ كوماندىدىكى ماھىرلارنىڭ ئىنتىزامچان ، تاكتىكىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان روھىنى ئۆگىنىشكە تىرىشتىم . دېمەك ، بۇ قېتىملىق مەغلۇبىيەت ماڭا نۇرغۇن قىممەتلىك نەرسىلەرنى ئۆگەتتى .
م :2006 - يىلى « شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيىسى » پۇتبول كوماندىسىغا كىرىپ ، مەملىكەتلىك ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشتىڭىز ، ئىپادىڭىز ئىزچىل ياخشى بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئەپسۇس ، بۇ كوماندا كېيىن تارقىتىۋىتىلدى . سىز ئاشۇ ۋاقىتتا بۇنىڭغا قانداق پوزىتسىيەدە بولغان ؟
  بارى : مەملىكەتلىك 10 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىن ، مەن يېڭىدىن قۇرۇلغان « شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيىسى » پۇتبول كوماندىسىغا كىرىپ ، ئۆزۈمنىڭ شىنجاڭدىكى پۇتبول كۇلۇبىغا ئەزا بولۇشتەك ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم. بولۇپمۇ 2007 – يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە كوماندىمىزنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولۇپ ،شىمالىي رايون بويىچە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەنىدۇق . شىنجاڭلىق پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ قوللىشىمۇ بىزنى تەسىرلەندۈرەتتى . ئەپسۇس ، 2009 – يىلىغا كەلگەندە بۇ كۇلۇب تارقىتىۋىتىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى مەملىكەتلىك 11 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرەلمىدى. شىنجاڭ كوماندىسىمۇ قىيىن ئەھۋالدا قالدى. بۇ ۋاقىتتا ، مېنىڭ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولۇپ ، پۇتبولچىلىق ھاياتىمنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قېلىۋاتاتتىم . شىنجاڭدىمۇ پۇتبولنىڭ كەسپىيلىشىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم . لېكىن مۇمكىن ئەمەس ئىدى .بەختىمگە يارىشا ، خاڭجۇ كوماندىسىنىڭ تېرىنىرى ۋۇجىنگۈي مېنىڭ مەملىكەتلىك 11 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىدىكى ھەمدە « شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيىسى » پۇتبول كوماندىسىدىكى ئىپادەمنى كۆرۈپ ياقتۇرۇپ قېلىپ ،مېنى «خاڭجۇ لۈچېڭ » كوماندىسىغا قوبۇل قىلدى،ھەمدە مېنىڭ پۇتبول ھاياتىمنىڭ داۋاملىشىشغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى .
م : «خاڭجۇ لۈچېڭ » كوماندىسى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى بىر قەدەر كۈچلۈك كوماندا ، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ سەۋىيىسى سىز توپ تېپىپ باققان ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى ۋە ئۆلكىلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول مۇسابىقىسىغا قارىغاندا خېلىلا يۇقىرى . ئۇنىڭ ئۈستىگە خاڭجۇ شەھىرىدەك ناھايىتى يىراق ، جۇغراپىيىسى ، ھاۋا كىلىماتى رايونىمىز بىلەن كۆپ پەرقلىنىدىغان جايغا ماسلىشىش سىز ئۈچۈن چوقۇم بىر مەيدان سىناق بولدىغۇ دەيمەن .
بارى : توغرا دەيسىز . مەملىكەتلىك ب دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە توپ تېپىۋىتىپ تۇيۇقسىزلا مەملىكەتلىك دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە چىقىش مېنى بىرمەھەل گاڭگىرتىپ قويدى . دەسلەپكى ۋاقىتلاردا مەيلى مەشىقتە بولسۇن ياكى مۇسابىقىلەردە بولسۇن ئىزچىل جىددىيلىشىش كەيپىياتى ئىچىدە تۇردۇم . مەيدانغا چىقسام سەل ھودۇقاتتىم ، چۈنكى مۇسابىقە رىتىمى ئويلىغىنىمدىن تېز بولۇپ ، پۇتۇمدىكى توپنى قارشى تەرەپكە تارتقۇزۇپ قوياتتىم . بۇنداق ۋاقىتلاردا تېرىنىر ۋۇجىنگۈي ماڭا يول كۆرسىتەتتى . ھودۇقماسلىقىمنى ، ئۆزۈمگە ئىشىنىشىمنى ، خۇددى شىنجاڭدىكى چاغدىكىدەكلا ئەركىن – ئازادە توپ تېپىشىمنى جېكىلەپ ، مەدەت بېرىپ تۇردى. شۇنىڭ بىلەن مەشىقتىكى ئىپادەممۇ ،مۇسابىقىدىكى كەيپىياتىممۇ ياخشىلاندى.
  خاڭجۇدىكى تۇرمۇشۇمغا كەلسەك ، « لۈچېڭ » كۇلۇبى ماڭا بەك كۆڭۈل بۆلدى. ياتاق ، تاماق، ۋە باشقا جەھەتلەردە مېنىڭ مىللىي ئۆرپ – ئادىتىمگە ھۆرمەت قىلىپ ، مېنىڭ خۇشال – خۇرام ، خاتىرجەم مۇسابىقە ئوينىشىمغا شارائىت يارىتىپ بەردى. كوماندىدىكى سەپداشلىرىمغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك شۇيەردە ئائىلىسى ۋە باشقا ئىشلىرى بولغاچقا مۇسابىقە بىلەن مەشىقتىن باشقا ۋاقىتلاردا تازا كۆپ بىرگە بولالمايمىز. بىراق ، مۇناسىۋىتىمىز يەنىلا ياخشى . مېنىڭ تۇرمۇشۇممۇ بىر خىل قانۇنىيەتتە بولۇپ، ئاساسەن ، مەشىق قىلىش، ئۇخلاش ، تاماق يېيىش ۋە تورغا چىقىش قاتارلىق ئىشلار بىلەنلا شۇغۇللىنىمەن . ئويلاپ باقسام ، بۇخىل قانۇنىيەت ئاخىرقى ھېسابتا مېنىڭ دىققىتىمنى يىغىپ مۇسابىقە ئوينىشىمغا پايدىلىق ئىكەن .
م : نۇرغۇن پۇتبول مەستانىلىرى سىزنى ، بۇ يىل 3- ئاينىڭ 1 – كۈنى ئاسىيا كۇلۇبلىرىنىڭ چىمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ياپونىيەنىڭ ناگويا كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىسىدە كىرگۈزگەن ھېلىقى چىرايلىق توپىڭىز ئارقىلىق تونۇدى. سىز ئاشۇ مەيدان مۇسابىقىگە قانداق قارايسىز ؟
بارى : ئۇ مەيدان مۇسابىقىنى مېنىڭ تارىخىمدا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغان بىر مەيدان مۇسابىقە دېيىشكە بولىدۇ . كېيىنىكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپلا تېرىنېر ۋۇجىنگۈي مېنى بەدەن قىزىتىپ ، مەيدانغا چىقىشقا تەييارلىق قىلىشقا بۇيرۇدى. بەدەن قىزىتىپ بولۇپ مەيدانغا چىقىش ئالدىدا ، پاقالچاقنىڭ ئالدىغا تاقايدىغان ئاسرىغۇچۇمنى تاپالمىدىم . (كۈلكە ) بەك مۇھىم مۇسابىقە بولغاچمىكىن ، بىر ئاز جىددىيلىشىپ قالغان ئىكەنمەن . ئاخىرى باشقا سەپدىشىمنىڭكىنى تاقاپ مەيدانغا چۈشتۈم . باشتا توپنى ئوتتۇرىغا پاس بېرىپ رامېرىسنىڭ نومۇر ئېلىشىغا تۆھپە قوشتۇم . 87 مىنۇت بولغاندا يان تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ بىر توپ كىرگۈزدۈم . نۇرغۇن كىشىلەر مۇسابىقىدىن كېيىن بۇ توپ توغرىسىدا نۇرغۇن دەتالاش قىلدى. راست گەپنى قىلسام ، ئاشۇ ۋاقىتتا كۆزۈم بىر ئاز قاراڭغۇلاشقان بولۇپ، يەنە ئازراق كېچىككەن بولسام توپنى تارتقۇزۇپ قويۇشۇم مۇمكىن ئىدى. شۇڭا توپنى پۇتۇمدىن چىقىرۋىتىش مەقسىتىدە تېپىۋەتكەن . ئەلۋەتتە ، بۇتوپتا تېخنىكىلىق ئامىل ۋە تەلەي ئامىلى تەڭ مەۋجۇد. چۈنكى يىراقتى توپ ئۇرۇش مېنىڭ ئارتۇقچىلىقىم ئىدى .
م : دۆلەتلىك ئولىمپىك كوماندىسىغا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن ، رولىڭىزنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ كەلدىڭىز . گەرچە ئومان كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە غەلىبە قازىنالماي 2012 – يىللىق لوندون ئولىمپىك مۇساپىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن بولساڭلارمۇ لېكىن ، دۆلىتىمىزدىكى بارلىق پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتىڭلار . بولۇپمۇ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىپادىڭىز ناھايىتى ياخشى بولۇپ داڭلىق پۇتبول مۇلاھىزىچىسى ليۇ جيەنخۇڭ ( مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەنتەربىيە قانىلى پۇتبول پروگراممىلىرىنىڭ رىياسەتچىسى ) تەرىپىدىن :« جۇڭگو ئولىمپىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى ، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى پۇتبولچىلىقىدىكى ئەڭ ئۈمىدلىك چولپانلىرىنىڭ بىرى » دەپ تەرىپلەندىڭىز . بۇ پىكىرلەر سىزنىڭچە ...
   بارى : ( كۈلكە ) رەھمەت . بۇ مەدھىيىلەر سەل ئېشىپ كېتىپتۇ . مەن تېخى كىچىك ، تەجرىبەم دېگەندەك كۆپ ئەمەس . مۇشۇ مەيدان مۇسابىقىنى مىسال قىلىدىغان بولساق، ئەگەر 59- مىنۇتتا كەلگەن ھېلىقى پۇرسەتنى تۇتۇۋېلىپ ، نومۇر ئالالىغان بولسام بەلكىم كوماندىمىزنىڭ تەقدىرى باشقىچە بولۇپ ، 2012 – يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەر بولغۇيتۇق. يەنە كېلىپ تېرىنېرىمىز بلازېۋىچ ماڭا بەك ئامراق ئىدى . ئىشىنەتتى ، قوللايتتى ، شۇڭا ئاشۇ مەيدان مۇھىم مۇسابىقىدە ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان 9- نومۇرلۇق كىيىمنى ماڭا تەقسىملىدى... بىز ئۇتتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن ئۇ كىشىمۇ بىزدىن ئايرىلىپ دۆلىتىگە قايتىپ كەتتى .( سۈكۈت ) . خەير ، پۇرسەت دېگەن تېخى كۆپ ، تىرىشىدىغانلا بولساق يەنە تېخى نۇرغۇن مۇسابىقىلەر ، شان – شەرەپلەر ئالدىمىزدا .
م : يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان سىزدەك ، ئەكرەمدەك ، مىرەخمەتتەك پۇتبولچىلار مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پۇتبول كۇلۇبلىرىدا توپ تېپىپ ، جۇڭگو پۇتبول مۇنبىرىدە « شىنجاڭ قىزغىنلىقى » نى قوزغىدى. سىزنىڭچە بۇ خىل كەيپىياتنىڭ ئىزدىنىش ، داۋالغۇش ئىچىدىكى شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىغا بولغان تەسىرى قانداق بولار ؟
بارى : سىز دېگەندەك يېقىنقى بىر قانچە يىل مابەينىدە ، ئەكرەم ئاكام ، مىرەخمەت ، شېنجىن كوماندىسىدىكى دىلمۇرات ، يەھيا ، ئابدۇۋەلى ، دۆلەت ياشلار كوماندىسىدىكى ئۆتكۈر قاتارلىق پۇتبولچىلار ئىچكىرى ئۆلكىلەردە  « شىنجاڭ قىزغىنلىقى » نى قوزغىدى.بۇ خىل قىزغىنلىقنىڭ تەسىرىدە مەملىكەتنىڭ پۇتبول ئىزباسارلىرىنى بايقاش ، يېتىشتۈرۈش پىلانىنىڭ نەزىرى شىنجاڭغا قايتىدىن تىكىلدى . مېنىڭچە ، بۇ بىر ياخشى باشلىنىش . بىزنىڭ كۇلۇبتىكىلەر ۋە پۇتبول ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا خادىملار مېنى شىنجاڭدىكى پۇتبول ئاساسى ياخشى ياشلارنى ، ئۆسمۈرلەرنى تونۇشتۇرۇشۇمنى تەكلىپ قىلدى. بەزى ئورۇنلار شىنجاڭدا پۇتبول مەكتىپىنى كۆپرەك قۇرۇشنىڭ لازىملىقىنى تونۇپ يەتتى . بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىغا ئەلۋەتتە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. شىنجاڭدا پۇتبولنىڭ گۈللىنىش پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئۇزاق قالمىدى .
م : بۇنىڭدىن كېيىن يەنە قانداق پىلان ، ئۈمىدلىرىڭىز بار ؟
بارى : « لۈچېڭ » كوماندىسى بىلەن بولغان توختامىم كېلەر يىلى(2012- يىلى)  توشىدۇ. ئەگەر كۇلۇب توختامنى ئۇزارتىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويسا داۋاملىق مۇشۇ كوماندىدا توپ تېپىمەن . ئەگەر قويمىسا دۆلىتىمىزدىكى يەنە نۇرغۇن كۇلۇبلارنىڭ مېنى تەكلىپ قىلىش ئويى بار ، شۇلارنى ئويلىشىمەن. يەنە بىر ئويۇم، مۇمكىن بولسا چەتئەلگە چىقىپ شۇ يەردىكى پۇتبول مۇھىتى بىلەن تونۇشۇپ سەۋىيەمنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈشكە شارائىت ھازىرلايمىكىن دەيمەن .
م : شىنجاڭدا پۇتبولغا قىزىقىدىغانلار كۆپ ، ئاممىۋى ئاساسى ياخشى بولسىمۇ ، لېكىن يەنىلا ئىقتىساد بىلەن بىرىكىپ كەسىپلىشەلمەيۋاتىدۇ . شۇڭا نۇرغۇن ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئىستىقبالىدىن ئەنسىرەپ ئۇلارنىڭ پۇتبولدىن ئىبارەت بۇ « تۇيۇق يول» غا كىرىپ قىلىشىنى توسۇۋاتىدۇ . سىزنىڭ ئاتا – ئانىلارغا بۇ ھەقتە ياخشىراق تەكلىپىڭىز بارمۇ ؟
بارى : ئاتا – ئانىلارنىڭ بۇ خىل ئەندىشىسىنى خاتا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ . مەنمۇ بۇرۇن مۇشۇنداق ئەھۋالغا ، مۇشۇنداق چەكلىمىلەرگە يولۇققان . ئاتا – ئانىلارمۇ بالىلارنىڭ غېمىنى يەپ مۇشۇنداق قىلىدۇ . مېنىڭ ئاتا – ئانىلارغا بېرىدىغان تەكلىپىم بولسا ، ھازىرقى پۇتبول مۇھىتى بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ . پۇتبول ئارقىلىق ئىستىقبال تېپىش ، پۇتبول ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ھەرگىز چۈش ئەمەس . ئاتا - ئانىلار ئەگەر پەرزەنتلىرىنىڭ پۇتبول تالانتىنى ھەم پۇتبولغا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقىنى بايقىسا قوللاش بىلەن بىرگە ئۆگىنىشىنى چىڭ تۇتسا بولۇۋېرىدۇ . توپقا قىزىققان ئادەمنىڭ دەرستە ناچار بولۇپ قېلىشى ناتايىن .
م : پۇتبولخۇمار ياش – ئۆسمۈرلەرگىچۇ ، ئۇلارغا قانداق يۈرەك سۆزلىرىڭىز بار ؟
بارى : ئەمدى پۇتبولنى سۆيىدىغان ئۆسمۈرلەرگە دەيدىغىنىم : پۇتبول تۇغما تالانت ، جاپالىق مەشىق ، ئەلا بەدەن سۈپىتى ، مۇستەھكەم ئىرادە ۋە قورقماس روھنى تەلەپ قىلىدىغان بىر خىل تەنھەرىكەت . پۇتبول ھەرىكىتى ھەرگىز كىچىككىنە قىزىقىش ياكى ئازغىنە مەشىق بىلەنلا ئۇتۇق قازانغىلى بولىدىغان تۈر ئەمەس . شىنجاڭدا ياش – ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا پۇتبولغا قىزىقىدىغانلار ، پۇتبولچى بولۇشنى ئويلايدىغانلار ، پۇتبول تېخنىكىسى ياخشى بالىلار بىر قەدەر كۆپ بولسىمۇ لېكىن ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرالايدىغانلار كۆپ ئەمەس . بۇنداق ھالەتنى دەل پۇتبولنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك جەريان كېتىدىغانلىقىدەك ئالاھىدىلىكى بەلگىلىگەن . ئۇنىڭدىن باشقا ، بىزنىڭ ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ 10 ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان ۋاقىتتىكى مۇسابىقىلەردىكى ئىپادىسىنىڭ ناھايىتى ياخشى بولۇپ ، كېيىن ناچارلىشىپ كېتىشىمۇ بىرقەدەر گەۋدىلىك مەسىلىدۇر . بۇنىڭدىكى سەۋەب ،شىنجاڭدا 10 ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان مەزگىل بالىلارنىڭ ئەركىگە ۋە شەخسىي تېخنىكىسىغا قويۇپ بېرىلىپ مۇسابىقىلەشتۈردىغان دەۋر بولۇپ ، بالىلار ھەقىقىي مۇنتىزىم مەشىق ، سىستېمىلىق تاكتىكا ۋە كوللېكتىپلىق ئىدىيە بىلەن قوراللاندۇرۇلمىغان ، بۇ ئاخىرى ھېسابتا شىنجاڭدىكى تېرىنىرلىرىمىزنىڭ سەۋىيىسىنىڭ بىر قەدەر تۆۋەنلىكىگە ، ھازىرقى زامان پۇتبول ئۇقۇمىغا ماسلاشقان تېرىنىرلارنىڭ بەكلا ئاز ئىكەنلىكىدەك رەھىمسىز رېئاللىققا تۇتىشىدۇ . شۇڭا تېرىنىرلىرىمىز ۋە ئۆسمۈرلىرىمىز تېلېۋىزوردىكى ياكى ئەتراپىدىكى مۇسابىقىلەرنى كۆپرەك تەتقىق قىلىپ ، ماتېرىيال كۆرۈپ ھەر جەھەتتىن ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك . ئەڭ ئاخىرىدا دەيدىغىنىم ، ياش – ئۆسمۈرلەر بىر ياراملىق پۇتبولچى ، ھەتتا پۇتبول چولپىنى بولىمەن دەيدىكەن مەشىق بىلەن بىر ۋاقىتتا چوقۇم ئىنگلىز تىلىنى ياخشى ئۆگىنىشى كېرەك ، چۈنكى ئىنگلىز تىلىنى ماھىيەتتە ، پۇتبول تىلى دېيىشكە بولىدۇ .
بارى بىلەن بولغان سۆھبىتىم ۋاقتىنچە ئاخىرلاشتى. ئىشىنىمەنكى ئۆزىنى پۇتبولغا ، يېشىل مەيدانغا ئاتىغان بۇ يىگىتنىڭ ھېكايىسى ۋە سەرگۈزەشتى بىزنى تېخىمۇ سەرخىل ، قىزغىن سۆھبەتلەرگە باشلىغۇسى، روياپقا چىقارغۇسى.

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
mvjiza
تىللا
643
تۆھپە
169
UID
6196
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 10:20:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ئىكەن،بولسا ئىكرانى بىلەن ئەۋەتكەن بولسىڭىز تىخىمۇ ياخشى بوللاتىكىەن،ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر


Rank: 3Rank: 3

تىللا
173
تۆھپە
96
UID
11161
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 11:51:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىشچانلىق ،غەيرەتلىك ، كىشىنى ئالغا ئىلگىرلىتىدۇ . ئەجرىڭىزگە  رەھمەت


Rank: 1

ئىسىمى
قەيسەر
تىللا
4
تۆھپە
3
UID
12977
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 14:08:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەق


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
1119
تۆھپە
903
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 17:51:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىلىپتۇ،كۈپ تەشەككۈر............


سەكرا

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر
تىللا
1313
تۆھپە
801
UID
519
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 20:47:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغايسىز..


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 09:19, Processed in 0.081997 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991