كۆرۈش: 79730|ئىنكاس: 41

كىنوچىلىق تارىخىدىكى يارقىن نامايەندە ـــ تىتانىك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تىللا
1350
تۆھپە
709
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 12:52:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىنوچىلىق تارىخىدىكى يارقىن نامايەندە ـــ ‹‹تىتانىك››


ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي


     ‹‹تىتانىك›› ناملىق فىلىم دۇنيا كىنوچىلىق تارىخىدىكى بىر يارقىن نامايەندە بولۇپ، ئەينى يىلى قويۇلغاندا سانسىزلىغان كىنو مەستانىلىرىنىڭ قەلبىنى قاتتىق ھاياجانغا سالغانىدى. ‹‹تىتانىك›› ناملىق پاراخۇت چۆكۈپ كېتىپ ئارىدىن توپتوغرا 100 يىل، شۇنداقلا ‹‹تىتانىك›› ناملىق فىلىم ئىشلىنىپ ئارىدىن توپتوغرا 15 يىل ئۆتۈپ كەتكەنكى بۈگۈنكى كۈندە، بۇ فىلىم نۆۋەتتىكى ئەڭ زامانىۋى تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ، نۆۋەتتە ئەڭ قارشى ئېلىنىۋاتقان ‹‹ئۈچ دى››لاشتۇرۇش جەريانىنى باشتىن كەچۈردى. بۇ فىلىم گەرچە 15 يىل بۇرۇنقى فىلىمنى قايتا ئىشلەشتىن ئىبارەت جەرياننى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىم ئىشلەنگەن ‹‹ئۈچ دى›› نۇسخىسى كىشىگە پۈتۈنلەي يىپيېڭى تۇيغۇ ۋە كۆرۈش سېزىمى ئاتا قىلىدۇ.

titanik.jpg


    ئالدى بىلەن ‹‹تىتانىك›› ناملىق پاراخۇت ھەققىدە ئازراق توختالساق ئارتۇقلۇق قىلماس.
    1912-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى ‹‹دۇنيا سانائەت تارىخىدىكى مۆجىزە›› دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان ھەشەمەتلىك پاراخۇت تىتانىك ئۆزىنىڭ تۇنجى سەپىرىنى باشلاپ، ئەنگلىيەنىڭ ئابراھامدىن ئامېرىكىنىڭ نيو-يورك شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. مىليونېر قىز رۇسسى بىلەن ئانىسى ۋە بولغۇسى ئېرى كار قاتارلىقلار پاراخۇتنىڭ 1-دەرىجىلىك بۆلمىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ. شوخ، خۇشچاقچاق ياش رەسسام جېكمۇ پىرىستاندىكى بىر مەيدان قىماردا پاراخۇتنىڭ 1-دەرىجىلىك بۆلمىسىگە كىرىش بېلىتىنى ئۇتۇۋالىدۇ.
    فىلىمدىكى باش قەھرىمان رۇسسى تۇرمۇشتىكى رەزىللىكلەردىن، ساختىلىقلاردىن بىزار بولۇپ، كارغا ياتلىق بولۇشنى خالىماي، ئۆزىنى دېڭىزغا تاشلاپ ئۆلۈۋالماقچى بولغاندا، رەسسام جېك ئۇنى قۇتقۇزۇۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شوخ ۋە چىرايلىق رۇسسى ناھايىتى تېزلا قاملاشقان، ئوچۇق مىجەز جېك بىلەن مۇھەببەتلىشىشكە باشلايدۇ. جېك رۇسسى بىلەن پاراخۇتتا ئۆتكۈزۈلگەن كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ، پائالىيەتتە جېك رۇسسىنىڭ ئوبرازىنى سىزىپ چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن بارا-بارا سۆيگۈ-مۇھەببەت قاينىمىغا غەرق بولىدۇ.
    1912-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى يەكشەنبە كۈنى كەچتە، جاھان تولىمۇ تىپتىنچ بولۇپ، كىشىگە رومانتىك تۇيغۇ بېغىشلايتتى. ئەنە شۇ كۈنى كەچتە ‹‹تىتانىك›› ناملىق پاراخۇت دېڭىزدىكى مۇز تاغقا سوقۇلۇپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ‹‹مەڭگۈ چۆكمەيدۇ›› دەپ تەرىپلىنىدىغان تىتانىك ھايات-ماماتلىق تەقدىرگە دۇچ كېلىدۇ. پاراخۇتتىكى كىشىللەرنىڭ ھەممىسى قىيا-چىيا، ئۇپۇر-تۇپۇر بولۇپ كېتىدۇ، رۇسسى بىلەن جېكنىڭ مۇھەببىتىمۇ ھايات-ماماتلىق سىناق پەيتىگە دۇچ كېلىدۇ.
    ئەمدى بۇ فىلىمنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى بىر قىسىم ئىشلار ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتمەكچىمەن:
     داڭلىق رېژىسسور، ئوپېراتور جامىس كامېرون رېژىسسورلۇق قىلغان ‹‹تىتانىك›› ناملىق فىلىم 1998-يىلى جۇڭگودا قويۇلغاندا ئۈچ مىليون 600 مىڭ يۈەن بېلەت كىرىمى يارىتىپ، بېلەت كىرىمى جەھەتتە يۇقىرى رېكورت ياراتقان. ئارىدىن 15 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، فىلىم رېژىسسورى ۋە سىنارىستى كامېروننىڭ ئۆزى شەخسەن قول سېلىپ ئىشلىشى بىلەن ‹‹تىتانىك›› ناملىق فىلىم ‹‹ئۈچ دى››لاشتۇرۇلدى. كامېرون مۇنداق دەيدۇ: ‹‹14 ~ 15 يىللار بۇرۇن ‹تىتانىك›نى كۆرگەن كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ قېتىمقى نۇسخىسى كىشىگە تامامەن باشقىچە تۇيغۇ بېرىدۇ.››
     كامېروننىڭ بۇ فىلىمنى ‹‹ئۈچ دى›› قىلىپ ئىشلىشى ‹‹تىتانىك›› ناملىق پاراخۇتنىڭ چۆكۈپ كەتكەنلىكىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئىدى. تېخىمۇ توغرىسىنى ئېيتقاندا، مەزكۇر فىلىمنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدىكى تارقاتقۇچىسى بولغان پارامونتى كىنوچىلىق شىركىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئىدى.
    بۇ قېتىمقى ‹‹تىتانىك›› ناملىق فىلىمگە ئامېرىكا 20-ئەسىر فوكىس شىركىتى 18 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالغان ھەمدە توپتوغرا 60 ھەپتە ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، سىزنى ھەقىقەتەنمۇ كىنوچىلىق تېخنىكىسىنىڭ ئۆزگىچە دۇنياسىغا باشلاپ كىرىدۇ. كامېرون باشتا بۇ فىلىمنى ‹‹ئۈچ دى›› قىلىپ ئۆزگەرتىپ ئىشلەشكە باشتا قەتئىي قوشۇلمايدۇ. كېيىن ئۇ يەنىلا بۇ فىلىمنى ‹‹ئۈچ دى›› شەكلىدە قايتا ئىشلەشكە قوشۇلىدۇ. ئۇ، بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ‹‹بىر كىلاسسىك كىنوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنى چوقۇم يىپيېڭى شەكىلدە، يېڭى تېخنىكلار بىلەن قايتىدىن پىششىقلاپ ئىشلىيەلىسە، بۇنىڭ ئۆزىمۇ كاتتا نەتىجە ھېسابلىنىدۇ.›› ‹‹تىتانىك›› ناملىق فىلىم ‹‹ئۈچ دى››لاشتۇرۇلغاندىن كېيىن كۆرۈنۈشلىرىدە ئۆزگىرىش بولمىغان، ئەمما ‹‹تىتانىك››نىڭ مۇز تاغقا سوقۇلۇپ چۆكۈپ كېتىش جەريانى ئوخشىمايدۇ.
    كۆرۈرمەنلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ‹‹ئۈچ دى›› قىلىپ ئىشلەنگەندىن كېيىنكى ئۈنۈم مەسىلىسى. فىلىم تېخنىكىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كۆرۈرمەنلەر كامېروننىڭ ‹‹ئۈچ دى›› تېخنىكىسىغا گۇمان قىلمايدۇ. بىر كىنو مەستانىسى مۇنداق دەيدۇ: ‹‹بىز كامېروننىڭ ‹ئۈچ دى› تېخنىكىسىغا تامامەن ئىشىنىمىز، 10 نەچچە يىللار بۇرۇن كۆرگەن ‹تىتانىك› ناملىق فىلىممۇ بىزدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇرغانىدى، مېنىڭچە بۇ قېتىم ‹ئۈچ دى› قىلىپ ئىشلەنگەن نۇسخىسىدىكى ئاپەتكە يولۇققان كۆرۈنۈشلىرى تېخىمۇ تەسىرچانلىققا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىدىغىنى يەنىلا رۇسسى بىلەن جېكتىن ئىبارەت ئىككى پېرسۇناژنىڭ بىر-بىرى بىلەن قىزغىن مۇھەببەتلىشىپ، ھايات-ماماتلىق پەيتلەردە بىرگە بولۇشىدىن ئىبارەت. شۇڭا بىز پەقەت فىلىمنىڭ ‹ئۈچ دى› ئۈنۈمىدىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى فىلىمنىڭ بىزنى تېخىمۇ كۆپ ئەسلىمىلەر قوينىغا باشلاپ كىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.››
    كامېرون ‹‹ئۈچ دى›› تېخنىكىسىدا قانائەتلىنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقتىنى سەرپ قىلىدۇ. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر داڭلىق رېژىسسور، سىنارىست ۋە ئوپېراتور.
    ئەمدى ‹‹تىتانىك›› ناملىق فىلىمنىڭ رېژىسسورى، سىنارىستى كامېرون ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن:
   داڭلىق رېژىسسور، سىنارىست، ئوپېراتور جامىس كامېرون 1954-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى كانادادا تۇغۇلغان. ئۇ 1984-يىلى، يەنى 30 ياشقا كىرگەن يىلى ‹‹ئالۋاستى ئاخىرلاشتۇرغۇچى›› ناملىق فانتازىيەلىك فىلىمگە مۇستەقىل رېژىسسورلۇق قىلىپ، بىراقلا نام چىقىرىدۇ. ئۇ رېژىسسورلۇق قىلغان، 1997-يىلى ئىشلەنگەن ‹‹تىتانىك›› ناملىق فىلىم بىلەن 2009-يىلى ئىشلەنگەن ‹‹ئاۋاتار›› ناملىق فىلىم دۇنيا كىنوچىلىق تارىخىدا يۇقىرى سەۋىيە ياراتقان.
    ئۇ ھازىرغا قەدەر ‹‹ئاۋاتار››، ‹‹تىتانىك››، ‹‹ئاخىرلاشتۇرغۇچى››، ‹‹ھەقىقىي يالغانچىلىق››، ‹‹كەلگۈسىدىكى جەڭچى››، ‹‹ئاخىرلاشتۇرغۇچى: قۇتقۇزغۇچى››، ‹‹ئاخىر زاماندىكى قارا پەرىشتە››، ‹‹ئاخىر زاماندىكى ئاپەت››، ‹‹ئۆلۈم گىردابىدا››، ‹‹دېڭىز ئاستىدىكى مەنزىرە››، ‹‹ئەرۋاھ›› قاتارلىق خېلى كۆپ فىلىملەرنىڭ رېژىسسورلۇقىنى ۋە ئوپېراتورلۇقىنى، بەزى فىلىملەرنىڭ سىنارىيەسىنى يازغان.


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
622
تۆھپە
336
UID
44

جاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ تۈۋرىكىفىلمچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 13:18:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلەنگەن فېلىم ~~~   يوللغان تېمىڭىزغا رەخمەت ~~~


Rank: 6Rank: 6

تىللا
732
تۆھپە
374
UID
1011
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 13:26:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈنۈنۈگۈن دۇنيا بويچە تەڭ قويۇلدىغۇ بۇ فىلىم ...
بۇ كىنوغۇ ياخشى ، لىكىن سەل چەتنىڭ مەدىنىيتى سەل ئوچۇقراق تەسۋىرلەنگەن ...


مۇساپىر بالا : گىرمانىيە
گىرمانىيدە ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز بايرىمىمۇ شۇنداق قىزىدى ... يۇرتىكى بارلىق دوسلارغا مۇساپىر بالىدىن نورۇزلۇق سالام

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
822
تۆھپە
559
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 14:53:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن بەك ياخشى كىنو بۇ،3د قىلىپ  ئىشلىگەن بولسا تېخىمۇ ياخشى بولۇپتۇغۇ ،ئويغۇرچىگە تەرجىمە قىلىنغاندۇ _ھە؟


Rank: 6Rank: 6

تىللا
1018
تۆھپە
488
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 15:13:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېچىك ۋاقىتلىرىمدا كۆرۈپ قويىدىغان ،ھازىر مۇھەببەت فېلىملىرى خوش ياقماس بولۇپ قالدى.


ئۆيگە كەتكۈم بار..

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
mvjiza
تىللا
610
تۆھپە
166
UID
6196
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 15:55:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا ياخشى فىلىم.............


Rank: 1

تىللا
44
تۆھپە
13
UID
7097
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 16:29:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇفىلىمنى  تۇنجى قۇيۇلغاندا كۇرگەن،بەك تەسىرلىك، 3د  نۇسخىسىنى  تىخى كۇرمىدىم،مىنىڭچە چۇقۇم  تىخىمۇ ياخشى ئىشلەندى.چۇقۇم كۇرىمەن.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ۋىسال
تىللا
488
تۆھپە
324
UID
351
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 16:35:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ فىلىمنىڭ بىلەت كىرمى پۇتۇن دۇنيا مىقياسىدا 1 مىلىيارد 8 يۇز مىلىيۇن ئامېرىكا دوللىرى كىرىمى يارىتىپ دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق فىلىم بولغان.

يىڭى تىتانىكنىڭ تەشۋىق فىلىمى



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   VESAL تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-11 16:36  



كىمنىڭ ھاياتىدا ئىلىم بەرگۇچى ئۇستازى بولمىسا،دىمەك ئۇنىڭ ئۇستازى شەيتاندۇر

Rank: 6Rank: 6

تىللا
805
تۆھپە
509
UID
4983
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 21:14:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3D نۇسخىسىنى تۈنۈگۈن ئاقسۇدا قويۇپتىكەن ، ئەپسۇس كەچتە ۋاقتىم چىقماي قالدىدە .


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1293
تۆھپە
941
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 22:44:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا ياخشى ئىشلەنگەن كىنۇ بۇ


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-31 10:01, Processed in 0.085455 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991