تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت، قوللىىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن! شۇنداق تەپسىلى، ناھايىتى راۋان، چۈشىنىشلىك تەرجىمە بوپتۇ!

بۇ كىنو دۇنيا كىنوچىلىقىغا ناھايتى زور تەسىر كۆرسەتكەن كىنو دېيىشكە بولىدۇ. بەك ئېسىل ئىشلىنىپتىكەن. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا پۈتۈن ئۇنۋېرسىتىتتىكى بالىلار كۆرگىلى كىرسە ئۆزۈم يالغۇز ياتاقتا ناخشا ئاڭلىغان. ئەتسى قايتا قويغاندا بىرەيلەن مەجبۇرى ھالدا ئۆمرىڭىزدە بىر كۆرۈشكە تېگىشلىك فىلىم دەپ ئەكىرگەن. كۆرگەندىن كېيىن بەك تەسىىرلىك ھېس قىلىپ، شۇنداق ھاياجانلانغان، ئەمما ئىككىسىنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتى، فىلىمنىڭ سەلبى ئاخىرلىشىپ قالغىنىغا شۇنداق ئۆكۈنگەن ئىدىم...مانا ئارىدىن 14 يىل ئۆتۈپتۇ، قايتا ئەسلەپ ئولتۇرۇپتىمىز. ئەلۋەتتە ئەينى ۋاقىتتا بۇ كىنونى يالغۇز كۆرگەنلەر يوق بولۇشى مۇمكىن.
10-چېسلا كەچ ئۈرۈمچىدە 3d نۇسخسى قويۇلغاندا ئۈرۈمچىدە بولسامچۇ، دەپ ئويلاپ كەتتىم. ئەتسلا كۆرگەنلەردىن تەسرات ئىگەللەپتىمەن. ھېلىھەممۇ ناخشىللىرىنى ئاڭلاۋاتقىلى نەچچە كۈن بولدى...
مەڭگۈ كونىراپ قالمايدىغان، تاماشىبىنلار زىرىكمەيدىغان بىردىنبىر مۇھەببەت فىلىمى!