كۆرۈش: 4369|ئىنكاس: 3

كولومبىيەلىك رونالدو مۇرېل زەردار كۇلۇبلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

ئىسىمى
توپچى
تىللا
68
تۆھپە
9
UID
4324
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 01:40:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاڭيې تەنتەربىيسى خەۋىرى،يەكشەنبە كۈنى ئاخىرلاشقان ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 31-ئايلانمىسىدا كىشىلەر ئويلاپ باقمىغان نەتىجە كۆرۈلدى.يەنى دەرىجە ساقلاش رايۇنىدىكى رېچ كوماندىسى 4-2 نەتىجە بىلەن بۇ ئايلانمىدىكى رەقىبى رىم كوماندىسىنى يەڭدى.بۇ مەيدان مۇسابىقىدە رېچ كوماندىسىدىكى كولۇمبىيلىك پۇتبولچى مۇرېىلنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولۇپ،21 مىنۇت ۋە 49 مىنۇت بولغاندا ئارقا-ئارقىدىن ئىككى توپ كىرگۈزۈدى،ھەمدە 55 مىنۇت بولغاندا كوماندا ئۈچۈن بىر نۇقتا توپنى كىرگۈزۈپ،بۇ مەيدان مۇسابىقىدە رېچ كوماندىسىنىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپىكارىغا ئايلاندى.
  نۆۋەتتە كولۇمبىيلىك رونالدو دەپ ئاتالغان بۇ ياش پۇتبولچى مىلان،ئارسىنال،رېم قاتارلىق زەردار كۇلۇپلارنىڭ تالىشىش ئوبىكتىغا ئايلانغان بولۇپ،تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا مىلان ئۇنىڭغا 10 مىليۇن ياۋرۇلۇق باھا بىلەن مىلانغا قوشۇۋىلىش پىلانىنى تۈزگەن بولۇپ،بۇ يىل يازلىق يۆتكىلىشتە ئۇنى پاتونىڭ ئورنىغا قويماقچى بولىۋىتىپتۇ.
مۇرېىلنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش مۇساپىسى
مۇرېىل 1991-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى كولۇمبىيدە تۇغۇلغان،2001-يىلى 10 يىشىدىلا ياش-ئۆسمۈرلەر تەربىيلەش بازىسىدا سىستىمىلىق تەربىيلىنىپ،كەسپى ھاياتىنى باشلىغان.2008-يىلى 1-ئايدا كولۇمبىيە دۆلەت ئىچىدىكى كۈچلۈك كوماندا كالى تەنتەربىيە جەمئىيتى ياشلار كوماندىسىغا قوشۇلغان.بىر يىلدىن كىيىن ئۆزىنىڭ ياخشى ئىپادىسىگە تاينىپ،بىرىنچى كوماندىغا قوشۇلغان.
2009-يىلى 7-ئايدا ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن مۇرېىل كالى تەنتەربىيە كوماندىسىغا ۋاكالىتەن كولۇمبىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە تۇنجى قىتىم مەيدانغا چۈشكەن ھەمدە شۇ پەسىللىك مۇسابىقىنىڭ ئۈچۈنچى ئايلانمىسىدا بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئۈچ توپ كىرگۈزگەن.شۇ پەسىلدە ئۇ كوماندا ئۈچۈن 11 مەيدان مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقىپ توققۇز توپ كىرگۈزگەن.جەنۇبى ئامرىكىدا كۈچلۈك پۇتبۇل مايسىللىرىنى تاللاش سىسىتىمىسىغا ئىگە ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى  ئۇدنىس كۇلۇبىنىڭ ئۇنىڭغا كۆزى چۈشۈپ،2010-يىلى 6-ئايدا بىر مىليۇن 500 مىڭ ياۋرۇلۇق باھا بىلەن مۇلىېرنى كوماندىغا قوشۇۋالغان.
ئەينى ۋاقىتتا مۇرېىلنىڭ ياۋرۇپا ئىتىپاقى پاسفۇرتى بولمىغاچقا،ئۇدنىس كۇلۇبى ياۋرۇپا ئىتىپاقىدىن باشقا جايلاردىن پۇتبولچى كىرگۈزۈش نۇرمىسىنى تىجەش ئۈچۈن،ئۇنى ئىسپانىيە ب دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى گىرانادا كوماندىسىغا ئىجارىگە بەرگەن.ئۆتكەن مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ گىرانادا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئىسپانىيە ب دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدە يەتتە مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان بولسىمۇ توپ كىرگۈزەلمىگەن.يىڭىدىن كۆزگە كۆرۈنگەن بۇ ماھىرغا نىسپەتەن بۇ سەل پاسسىپ تەسىر كۆرسەتكەن.
مۇرېىل تۇۋلۇن لوڭقىسى ۋە ياشلار لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە كۆزگە كۆرۈنۈشى
  بىراق ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن توۋلۇن لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدا مۇرېىل كولۇمبىيە 20 ياشلىقلار دۆلەت كوماندىسى تەركىۋىدە مۇسابىقىگە قاتنىشىپ،ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە،ساھىپخان فىرانسىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ مۇسابىقىنىڭ چىمپىيۇنلىغىنى قولغا كەلتۈرگەن.ئۆتكەن يىلى 7-ئايدىن 8-ئايغىچە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا 20  ياشلىقلار لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە يەنە بىر قىتىم كولۇمبىيە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتنىشىپ،بەش مەيدان مۇسابىقىدە 4 توپ كىرگۈزگەن.كولۇمبىيە دۆلەت كوماندىسى سەككىز كۈچلۈك كوماندا ئىچگە كىرگەن.مۇرېىل كولۇمبىيە كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ھوجۇمچىسى بولۇپ قالغان.
  ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئىككى تۈرلۈك خەلقئارالىق مۇسابىقىدىكى ئىپادىسىگە تاينىپ،ئاخىرى ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئىرىشكەن.بۇ قىتىم ئۇدنىس ئۇنى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى ئاجىز ھىساپلانغان رېچ كوماندىسىغا ئىجارىگە بەرگەن.بۇلتۇر 10-ئايدا ئۇ ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە تۇنجى قىتىم زاپاس ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان.12-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى رېچ كوماندىسى بىلەن ناپولى كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىدە ،ئۆزىنىڭ ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى توپىنى كىرگۈزگەن.
مۇرېىلنىڭ رېچ كوماندىسىدا ئاساسلىق ئەزا بولۇپ يىتىشىپ چىقىشى
رېچ كوماندىسىنىڭ نەتىجىسى ياخشى بولمىغاچقا،كۇلۇپ تەرەپ ئۆتكەن يىلى كوماندا باش تېرىنىرنى ئالماشتۇرغاندىن كىيىن،يىڭى باش تېرىنىر مۇرېىلنىڭ ئىپادىسىگە قايىل بولۇپ،ئۇنى رېچ كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ھوجۇمچىسى قىلىپ ئىشلەتتى،مۇرىلمۇ ئۆزىنىڭ قالتېس ئىپادىسى بىلەن باش تېرىنىرنىڭ ئىشەنچىنى يەردە قويمىدى.بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدە ئۇ ھازىرغىچە كوماندىغا ۋاكالىتەن 23 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ،يەتتە توپ كىرگۈزدى،تۆت قىتىم ھوجۇم پاس بەردى،بۇ جەھەتتە كوماندىنىڭ پىشقەدەم ماھىرى كىرىدىنلا تۆۋەن تۇردى.
نۆۋەتتە ئۇنىڭغا مىلان،ئارسىنال،رېم قاتارلىق زەردار كۇلۇپلارنىڭ كۆزى چۈشكەن بولۇپ، ،تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا مىلان ئۇنىڭغا 10 مىليۇن ياۋرۇلۇق باھا بىلەن مىلانغا قوشۇۋىلىش پىلانىنى تۈزگەن،ئۆتكەن ھەپتىدىكى مۇسابىقىدە ئۇ قالپاق كىيىپ،ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئەمەلى كۈچىنى يەنە بىر قىتىم نامايەن قىلدى.ئۇنىڭ كولۇمبىيدە «كولۇمبىيلىك رونالدو» دىگەن نامى بار بولۇپ،بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كىيىن كوماندىنىڭ باش تېرىنىرى بۇ ياش توپچىسىنى ماختاپ:«ئۇنىڭ توپ كىرگۈزۈشى رونالدونىڭكىگە بەك ئوخشىشىپ كىتىدۇ،مەن ئىلگىرى نۇرغۇن مونەۋەر توپچىلارغا يىتەكچىلىك قىلىپ باققان،مۇرىلدىمۇ شۇلارغا ئوخشاش تېخنىكا ۋە تاكتىكا،بەدەن ساپاسى بار،ئەلۋەتتە ئۇنىڭ تىخى ئۈگىنىدىغان نەرسىللىرى نۇرغۇن،تاشقى پىلانىت ئادىمىگە سىلىشتۇرغاندا خىلى پەرىقلەر بار،بىراق ئۇنىڭ تىخنىكىىسى رونالدوغا بەك ئوخشايدۇ» دىدى.
  نىمىلا بولمىسۇن ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن مۇرىلنىڭ مۇشۇنداق قالتېس ئىپادىسىنى داۋاملاشتۇرالىسا، چوقۇم زەردار كۇلۇپلارنىڭ بىرىگە يۆتكىلىدۇ.


كولۇمبىيلىك رونالدو دەپ تەرىپلەنگەن مۇرېىل

كولۇمبىيلىك رونالدو دەپ تەرىپلەنگەن  مۇرېىل
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

ئىسىمى
كۈرەش ياقۇپ
تىللا
344
تۆھپە
192
UID
5045
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 19:05:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 2

ئىسىمى
ئابدىريىمجان
تىللا
160
تۆھپە
41
UID
11900
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 19:38:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توپ خەۋەرلىرىنى بۇرۇن ئانچە كۈرۈپ كەتمەيتىم ، دوسلىرىمىنىڭ كەينىدە يۈرۈپ مانا
بارسىلونانىڭ كۇلۇبىنىڭ توپ مەستانىسى بوپ قالدىم .


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
844
تۆھپە
574
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 15:15:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 09:45, Processed in 0.077541 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991