كۆرۈش: 4658|ئىنكاس: 9

خېمىردىن ئۈنگەن«گۈل» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
130
تۆھپە
43
UID
1784
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 14:17:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خېمىردىن ئۈنگەن«گۈل»
تاھىرجان نىياز

   
   ــ ۋاي ماۋۇ كەپتەر ئىكەن،ماۋۇ قۇچقاچ ئىكەن.
    ــ ۋاياجان ئاپا!،ماۋۇ يىلاندىن قورقۇپ كەتتىم.
  ـــ ھا،ھا،ھا....! قورقما بالام،بۇ دېگەن خېمىردىن ياسالغان يالغان يىلان. بۇ دېگەن ناۋاي ئاكاشلارنىڭ گۇمپىسى.
بۇ گەپلەر 8-ئاپرىل شايار ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «شايار داڭلىق نانلىرى»مۇسابىقە مەيدانىدىكى ئامما ئارىسىدا بولۇنىۋاتقان گەپلەر ئىدى.مۇسابىقىنى كۆرۈشكە كەلگەن نەچچە يۈز ھەر مىللەت ئاممىسى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان ھەر خىل تەم،ھەر خىل شەكىلدىكى قۇۋەت نانلىرى،سەنئەتلىك نانلارنى كۆرۈپ ھەم تېتىپ،ناۋاي ئۇستىلارنىڭ ماھارىتىگە قايىل بولۇپ،ئۇلارغا ئاپىرىن ئېيتىشىۋاتاتتى.كۆرۈرمەن داۋۇت ساۋۇت مۇنداق دېدى:ناۋايلىرىمىز ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەن.ئۇلار چىۋەر قوللىرى ئارقىلىق خېمىردىن گۈل ئۈندۈرىۋېتىپتۇ.مەن بەك تەسىرلەندىم.ئۇلارنىڭ تېخىمۇ تىرىشىپ نانلىرىمىزنىڭ داڭقىنى دۇنياغا تونۇتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    شىنجاڭنىڭ مىللىي ئالاھىدىلكىككە ئىگە نان مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا  تۈرتكە بۇلۇش ئۈچۈن شايار             ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى بۇ قېتىمقى«شايار داڭلىق نانلىرى» مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزدى . مۇسابىقىگە ناھىيە بازىرى ھەم ھەر قايسى يېزا-بازارلاردىكى 30 نەپەر ئۇيغۇر ناۋاي قاتناشتى . ئۇلارنىڭ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرغان ھەر خىل شەكىل، ھەر خىل خۇرۇچتىكى ئوبرازلىق نان،چوڭ ئاق نان،زاغرا نان،توقاچ،گۆش نان،قاتلىما نان،كۆمەچ،سامسا قاتارلىق 200خىلغا يېقىن نانلىرى باھالىغۇچىلار ۋە كۆرۈرمەنلەرنى جەلپ قىلدى .
    مۇسابىقىدە باھالىغۇچىلار ھەم ئامما باھالاش  ئۆلچىمىگە ئاساسەن كۆرۈش،تېتىپ بېقىش ئارقىلىق ،نانلارنىڭ رەڭگى، شەكلى، ئەھمىيىتى، سۈپەت بىخەتەرلىكى، تەمى، ئۇزۇقلۇق قىممىتى، تازلىق سۈپىتى،بازار ئەھۋالى قاتارلىق جەھەتلەردىن نەق مەيداندا نۇمۇر قۇيۇپ باھالىدى . مۇسابىقىدە تويبولدى بازىرى،شايار بازىرى ،شايار بازىرىنىڭ«خوتەن يولى»مەھەللىسى تەشكىللەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.1-،2-،3-دەرىجىگە ئىرىشكەن ئالتە ناۋاي ئۇستىلار ئايرىم ھالدا 2000 يۇەن، 1500 يۇەن ۋە 1000 يۇەن پۇل ۋە تەقدىرنامە بىلەن مۇكاپاتلاندى .
شايار بازىرىنىڭ«جىڭپاڭ»مەھەللىسىدىكى30ياشلىق ناۋاي قۇربانجان يۈسۈپ تۆگە قېتىلغان ھارۋا،مۇنار،يىلان،قۇچجقاچ«گۈزەل شايار »دېگەن خەت يېزىلغان توقاچ نان قاتارلىق ئۆزگىچە ئوبرازلىق نان ۋە قۇۋەت نانلىرىدىن 38خىل ناننى قاتناشتۇرۇپ 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.ئۇ بىزگە مۇنداق دېدى:مەن تۇنجى قېتىم نان مۇسابىقىسىغا قاتنىشىپ،1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى،ناھايىتى خۇشال بولدۇم.مەن ناۋايلىق تېخنىكامنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ،يېڭىلىق يارىتىپ،شىنجاڭنىڭ نان مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بىر كىشلىك ھەسسەمنى قوشىمەن.
    بۇ قېتىمقى نان مۇسابىقىسى شاياردىكى ناۋايلار ئۈچۈن زور ئىلھام بولۇپ،ئۇلارنىڭ رىقابەت ئېڭىنى كۈچەيتتى.شىنجاڭنىڭ نان مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىندى.
مەنبە:ئۆزۈم.

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 2

ئىسىمى
ئابدىريىمجان
تىللا
160
تۆھپە
41
UID
11900
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 17:28:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرقانچە پارچە رەسىم كىرىشتۈرۈلگەن بولسا بەك ئىسىل ئىش بۇلتى .
توۋا دەي ، ئادەم مۇشۇ ئوخشاش تاماقنى يەۋەسى بىر قانچە كۈندىلدا چىقىپ قالدىكەن
لىكىنزە مۇشۇ نان يەپ زىرىككىنىمنى ئۇقمايمەن.


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1302
تۆھپە
942
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 18:22:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇرەتلىك يازغان بولسىڭىز بەك ياخشى بۇلىدىكەن


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر
تىللا
1313
تۆھپە
801
UID
519
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 21:00:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسىم بولغان بۇلسا تىما تېخمۇ مەزمۇنلۇق تىما بۇلغان بۇلاتتىكەن.. لىكىن يەنىلا ياخشى تىما  يوللاپسىز ..ھارمىغايسىز...


Rank: 2

ئىسىمى
ياسىن
تىللا
83
تۆھپە
16
UID
9517
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 21:00:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرتۇمدىكى يېڭىلىقلادىن خەۋەرلەندۇرگەنلىكىڭزدن كوپتىن كوپ رەخمەت   تايىرجان  ئەپەندىم


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
792
تۆھپە
312
UID
7115
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 23:28:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ نانغا بەك ئامراق،


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قەلەمىي
تىللا
488
تۆھپە
272
UID
2557
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 09:36:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
rfshtراسىتلا شۇنداق بوپتىمۇ ؟...ئاپىرىن


قەلەمىي بېلوگى
ئاچىل تېلۋېزىيسى

ئەسەرلىرىمنى رۇخسىتىمىسىز كۆچۈرمەڭ ،ئىجادىي ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نەفىسە
تىللا
598
تۆھپە
268
UID
5838
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 11:05:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قورسىقى تويۇپتۇ -ھە


قارىسام كۆرىنمەيدۇ دۇنيانىڭ چېتى ،
بۇ دۇنيا بىر كونا رابات، بىز يول ئۆتكۈچى.نەفىس

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1080
تۆھپە
781
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 23:10:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرەر تال سورەتمۇ يوقمىدى....................


يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
844
تۆھپە
574
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 01:27:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاداش رېسىم ئاپراتىڭ يوقمىدى سېنىڭ ؟بىرەر پارچە بولسىمۇ سۈرەت بەرسەڭ بولماسمىدى ؟ساۋاقداش ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   skod تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-22 01:28  



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 07:20, Processed in 0.079278 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991