كۆرۈش: 1309|ئىنكاس: 1

بىلىم ئال (مۇزاتى)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
مەخمۇت ئاۋۇت
تىللا
146
تۆھپە
60
UID
11967
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 00:13:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىلىم ئال

مەخمۇت ئاۋۇت(مۇزاتى)

مەنزىلىمدە ئاداشماي يۈرەي دېسەڭ بىلىم ئال،
ئەجىرىمدىن ھالال نەپ كۆرەي دېسەڭ بىلىم ئال.

ھايات يولۇڭ ئىگىز-پەس،بولساڭ مىشچان كۈنۈڭ تەس،
ياقاڭ يىرتىپ يىغلىماي، كۈلەي دېسەڭ بىلىم ئال.

بۈگۈننىلا كۆزلىمە ، ئورۇنسىز لاپ سۆزلىمە ،
رىقابەتتە مۈشكۈلنى يېڭەي دېسەڭ بىلىم ئال.

قانات بىلگىن ئىلىمنى ، نۇرلاندۇرار دىلىڭنى ،
نادانلىقنىڭ چۆلىدە يۈرمەي دېسەڭ بىلىم ئال.

بىئەقىللىق -نادانلىق ، ئۇندىن كېلەر نامراتلىق،
بۇردا نانغا زار بولۇپ ئكتمەي دېسەڭ بىلىم ئال.

ياتساڭ ئۇخلاپ غەپلەتتە، ئۆتەر كۈنۈڭ مۇڭ-دەرتتە،
بەختىم كۈلۈپ ياخشى كۈن كۆرەي دېسەڭ بىلىم ئال.

تالەي كۈلۈپ باقسىمۇ، گەر ئەمىلىڭ ئۆسسىمۇ،
يېڭى مەنزىل ، نىشانغا ئۆرلەي دېسەڭ بىلىم ئال.

يۈزۈم يورۇق دېسەڭ گەر، كېلەر ھۆرمەت تۆكسەڭ تەر،
ئەلدە مەزمۇت پۇت تېرەپ تۇراي دېسەڭ بىلىم ئال.

ئىناقلىقنى كۆزلىگىن ، ھەقىقەتنى سۆزلىگىن ،
ھەق-ناھەقنىڭ پەرقىنى بىلەي دېسەڭ بىلىم ئال.

بولسا سەندە شىجائەت، ياردۇر بەخت-شان،ئامەت،
دۇنيالىقتا ئارمانسىز ئۆتەي دېسەڭ بىلىم ئال.


شېئىرىنىڭ ئاپتورى: باي ناھىيىسىدىن : مەخمۇت ئاۋۇت (مۇزاتى)

بۇ شېئىر :«جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى»ژورنىلىنىڭ 2011-يىل 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان.


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
mvjiza
تىللا
643
تۆھپە
169
UID
6196
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 09:47:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىكەن،مۇزاتى دىگەن سىزنىڭ تەخەللۇسىڭىزمۇ


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 06:58, Processed in 0.068572 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991