كۆرۈش: 87176|ئىنكاس: 67

بۇ تېمىنى نېمىشقا چەكمەيسىز؟! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
58
تۆھپە
26
UID
11835
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 13:11:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر پۇل-مېلىڭىز يېتىپ ئاشقۇدەك بولسا، ئاشنا تۇتىۋالماي، باشقىلارغا بىلىندۈرمەي بىر نەچچە نامرات بالىنى بېقىپ قويۇڭ. كۆڭلىڭىزدە چوقۇم راھەتلىنىپ قالىسىز!
ئەگەر كېچىدە يولدا يايما يېيىۋاتقانلارغا ئۇچىراپ قالسىڭىز، ئالالىسىڭىز ئامال بار كۆپرەك ئېلىڭ، باھا تالاشماڭ، يايمىدا ساتقان نەرسىمۇ ئۇنچىلىك قىممەت ئەمەس. ئەگەر ئائىلە ئەھۋالى ياخشىراق بولغان بولسا، كىمنىڭمۇ سوغۇق كېچىدە يايما يايغۇسى بار دەيسىز!
ئەگەر ئىشلىگىلى چىققان ئوقۇغۇچىلارغا، بولۇپمۇ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا، قىزلارغا ئۇچىراپ قالسىڭىز، ئۇ نىمىلا سېتىۋاتقان بولمىسۇن ئازراق ئېلىپ قويۇڭ، ئۇنىڭ ئائىلىسدە قىيىنچىلىقى بولىشى مومكىن، سىرتقا چىقىپ نەرسە سېتىشقىمۇ خېلى زور جۈرئەت كېتىدۇ، شۇڭا ئۇنى ئازراق بولسىمۇ ئىلھاملاندۇرۇپ قويۇڭ.
. پورتمال تېپىۋالسىڭىز ئىگىسىنى ئىزدەپ بېقىڭ، ئەگەر سىزگە راستىنلا پۇل كېرەك بولسا پۇلنى ئېلىۋېلىڭ. يۈتتۈرۈپ قويغۇچىغا تېلفۇن ئۇرۇپ پورتمالنى ھاجەتخانىدىن تېپىۋالغانلىقىڭىزنى ئېيتىڭ. ئىناۋەتلىك كارتا، كىملىك. شوپۇرلۇق كىنىشكىسى قاتارلىقلارنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىڭ، ئادەتتا پورتمالىنى يۈتتۈرۈپ قويغۇچىلار پورتمالدىكى پۇلغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ. سىز يۈتتۈرۈپ قويغۇچىنىڭ ئادىرىسىنى خاتىرلەپ قويۇپ، كىيىن تەرەققىي قىلغاندىن كىيىن ئۇنى ئىزدەپ بېرىپ كەچۈرۈم سوراپ پۇلىنى قايتۇرۇپ بەرسىڭىز بولىدۇ.- 5. ئەگەر يولدىن ئېزىپ قالغانلارغا ئۇچىراپ قالسىڭىز ئۇنىڭغا يول كۆرسىتىپ قويۇڭ، ھەرگىز تارتىنماڭ، ھېچكىم سىزنى مازاق قىلمايدۇ.
. يولدىن ئېزىپ قالغان بالىلار، بۇۋاي-مومايلارغا ئۇچىراپ قالسىڭىز، ئۆيىگە ئاپىرىپ قويالمىسىڭىزمۇ بېكەتكىچە ئاپىرىپ قويۇڭ، ساقچىخانىلارغا ئاپىرىپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەگەر تېلفۇنىڭىز بار بولسا ئۇلارغا ۋاكالىتەن تېلېفۇن ئۇرۇپ قويۇپ ئاندىن مېڭىڭ، بەرىبىر سىز بىر-ئىككى قېتىم تېلېفۇننى ئارتۇق ئۇرغانغا نامراتلىشىپ كەتمەيسىز

. قار، يامغۇر ياغقان چاغلاردا، باشقىلارنىڭ سوغۇق كۈنىلىرى كۆكتات، مېۋە-چېۋە، گېزىت سېتىۋاتقانلىقىنى، سېتىۋاتقان نەرسىسى ئازراقلا قالغانلىقتىن ئۆيىگە قايتالمايۋاتقانلىقىنى كۆرسىڭىز، ھەممىنى سېتىۋالالىسىڭىز ھەممىنى، بولمىسا ئازراق بولسىمۇ سېتىۋېلىپ، ئۇلارنى بالدۇرراق ئۆيگە قايىتقۇزىۋېتىڭ، بەرىبىر نىمىلا يىسىڭىز يەيسىز، گېزىتنى بىكار بولغاندا كۆرسىڭىز بولىدۇ.
  كوچا ئاپتۇبۇسىدا ئولتۇرغاندا ياشانغان، ئاجىز، مىيىپ، بالا كۆتىرىۋالغانلار چىقسا، گەپ قىلماي ئورۇن بوشىتىپ بېرىڭ، ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىدىغان ئىشلارنىمۇ قىلماڭ، ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ بەدىنىڭىز بىلەن باشقىلارنى توسۇپ، بوش ئورۇن چىقىرىپ ئۇنىڭ ئولتۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىڭ، ئاندىن ئۇنىڭ يېنىدىن ئاپتۇبۇستىن چۈشىدىغاندەك قىياپەتتە يىراقلاپ كېتىڭ. ئادەم بەك كۆپ بولۇپ يىراققا كېتىشكە ئامال بولماي، باشقىلار سىزگە رەخمەت ئېيتسا پەقەت كۈلۈمسىرەپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.

روھىي ئېتىقادى بار كىشىلەرگە، ئەدەپسىز گەپلەرنى قىلماڭ، جۇڭگولۇقلارنىڭ نامراتلىقتىن ئېتىقادىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭ. بۇ دۇنيادىكى ھەممە نەرسە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، ھېچنىمىگە تولۇق ئىشەنگىلى بولمايدۇ، پەقەت ئېتىقادلا ئۆزگەرمەيدۇ، تەۋرەنمەيدۇ، مەڭگۆلۈك بولىدۇ.
ئەگەر بىكار ۋاقتىڭىز كۆپ بولسا، بۇ سۆزلەرنى دوستلىرىڭىزغا، ياكى بىر نەچچە QQ توپىغا ئەۋەتىپ قويۇڭ، توردا كىشىلەر ناھايىتى كۆپ، بىزنىڭ كۆڭلىمىزمۇ ھوزۇرلىنىپ قالىدۇ.
بەلكىم ئىلگىرى ئوقۇپ بولغان بولۇشىڭىز مۇمكىن ، ئەلۋەتتە مەنمۇ بۇرۇن بۇنى كۆرۈپ بولغان بىراق يەنە بىرقېتىم ئوقۇپ ئۆتۈشكە ئۆزىمىز ئۈستىدە ئىزىدىنىپ بىقىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن
مەنبە:پەيزاۋات مۇنبىرى


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئالىمجان
تىللا
149
تۆھپە
86
UID
3936
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 15:42:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوقۇم  ئەمەل  قىلمەن


Rank: 6Rank: 6

تىللا
1054
تۆھپە
514
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 16:15:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاپا بولماي پەيزاۋات مۇنبىرىنىڭ ئادرسىنى دەپ بېرەمسىز.. يۇرتۇمنىڭ مۇنبىرىگىمۇ چىقىپ قوياي..


ئۆيگە كەتكۈم بار..

Rank: 2

تىللا
115
تۆھپە
59
UID
9505
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 16:44:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 6Rank: 6

تىللا
737
تۆھپە
384
UID
1140

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 18:15:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دېگەن ئۇرغۇلۇق، چوڭقۇر مەنىلىك سۆزلەر - ھە! ئوقۇپ تۈگەتكۈچە پۈتۈن ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كېلىپ كەتتى. قارىسا ھەممىسىلا ئاددىي ئىشلار، ھېچ كۈچىمەيلا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە ياردەم قولىمىزنى سۇنالىغۇدەكمىز. قېنى ھەممىمىز كىچىك، ئاددىي ئىشلاردىن باشلايلى!


Rank: 2

ئىسىمى
زۇلقەر
تىللا
128
تۆھپە
53
UID
6950
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 19:11:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوللىغان تېمىڭىزغا رەھمەت ،گەرچە بۇرۇن بىر قىتىم كۇرۇپ بولغان بولساممۇ يەنىلا شۇنداق ئەستايىدىل بىر قىتىم  ئوقۇپ چىقتىم . مەن ئالدىنقى قىتىم كۆرگەندىن كىيىن بۇرۇنقى ياخشى ئىش قىلىش پەزىلىتىمنى يەنىمۇ بىر بالداق كۈتىرىپ داۋاملاشتۇرۇپ كىلۋاتىمەن ،بۇندىن كىيىنمۇ داۋاملاشتۇرىمەن . بەزەن ئادەملەر  مۇئاشلىق  تۇرۇپمۇ 6يۇەنلىك سەينى 5يۇەن \5.5يۇەنگە قەدەر تالىشىپ سېتىۋىلىشىدۇ ،ھەيرانمەن ، ئۇنچەتالشىشنىڭ زۇرۇرىيتى يوق دەپقارايمەن .  چۇنكى ھەر ئايلىق مائاشتىن ئازغىنە بىرقىسمىنى ياخشى ئىشقا ئىشلەتكەنگە مۇئاشلىقلار ئۈلۈپ قالمايمىز ، تامار-تامار كۆل بۇلۇر دەپ ئاز-ئازدىن ساۋاپ تاپساق نىمىدىگەن ياخشى . بۇھاياتتىن سەنمۇ خۇشال ،مەنمۇ خۇشال ،ھەممىمىز خۇشال !


Rank: 4

ئىسىمى
ئۇبۇل ھەسەن
تىللا
398
تۆھپە
105
UID
2851
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 19:17:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما!!!


Rank: 4

تىللا
217
تۆھپە
125
UID
10827
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 19:35:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنىلا ئوقۇپ بوپتىكەنمەن،باشقا مۇنبەردە. لىكىن يەنىلا كۆپىرەك ئوقۇپ قويغانمۇ ياخشىكەن،رەھمەت.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر
تىللا
1313
تۆھپە
801
UID
519
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 20:52:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىلىق ئەسەركەن ..ھارمىغايىسز....


Rank: 2

تىللا
58
تۆھپە
26
UID
11835
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 21:01:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقتۇرغىنىڭلارغا رەھمەت!
تور ئادىرىسىنى كىرگۈزگىلى بولمايدىكەن كەچۈرۈڭلار                           


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 04:27, Processed in 0.077709 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991