كۆرۈش: 10727|ئىنكاس: 8

قولتۇق پۇراشنىڭ بالاسى ھەمدە ئۇنىڭ داۋاسى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5671
تۆھپە
2888
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 11:03:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
181Qoltuq.jpg

قولتۇق پۇراش نۇرغۇن ئادەملەر كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە. ئادەمنىڭ چوڭ تەر بەزلىرى قولتۇق، بۇرۇن قانىتى (لىپىلدىقى)، قۇلاق سىرتقى يولى، چاتراق قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. تەر بەزلىرى بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىن باشلاپ ئىكى ئاجراتما سىستېمىسىنىڭ تەسىرى بىلەن جانلىنىشقا باشلايدۇ. شۇڭا، قولتۇقمۇ بالاغەتكە يەتكەن مەزگىللەردىن باشلاپ پۇراشقا باشلايدۇ، ياشانغانسېرى ئاجىزلاپ يوقايدۇ. تەر بەزلىرى سۇ، ماي، تۆمۈر، پارقىراق ماددىلار، رەڭلىك ماددىلارنى ئاجرىتىپ چىقارغاندىن باشقا، سېسىق پۇراقلىق ماددىمۇ ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. قولتۇقنىڭ پۇرىشى يەرلىك ئورۇندىكى تۈرلۈك باكتېرىيەلەر ۋە تەر بېزى ئاجرىتىپ چىقارغان سېسسىق پۇراقلىق ماددىلارنىڭ تەسىرىدە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ پەيدا بولۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر باكتېرىيەلەر دورىلىق ئۆلتۈرىۋېتىلىپ، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى ھاسىل قىلىش يولى توسۇۋېتىلسە، قولتۇق پۇراشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ. قولتۇق پۇراشنى كەلتۈرگۈچى ئامىل _ باكتېرىيە بولغاچقا، قولتۇق تازىلىقىغا رىئايە قىلىش كېرەك. قولتۇق پۇراشمۇ ئىنسانلارنىڭ ئىرقنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ ئوخشىمايدۇ، قارا تەنلىك ۋە ئاق تەنلىك كىشىلەردىكى قولتۇق پۇراش سېرىق تەنلىك كىشىلەرگە قارىغاندا ئېغىرراق بولىدۇ.
قولتۇق پۇراش ئېغىر بولسا ئوپېراتسىيەلىك داۋالاش ئارقىلىق قولتۇق پۇراشنى يىلتىزىدىن يوقىتىشقا بولىدۇ. ئەمما، بىر قىسىم بىمارلاردا تۆۋەندىكىدەك ئەگەشمە كېسەللىكلەرمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

1. ئەنئەنىۋىي ئۇسۇل بويىچە قولتۇقتىكى تەر بېزىنى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغانلارنىڭ ئاز قىسىملىرىدا ئوپېراتسىيەدىن كېيىن قانلىق ئىششىق، كېسىك ئېغىزى شەلۋەرەش ياكى تېرە توقۇلمىسى ئۆلۈش قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
2. ئىچكى بوشلۇق ئەينىكى ئارقىلىق كۆكرەك بوشلۇقىدىكى سىمپاتىك نىرۋىنى تازىلاش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغانلارنىڭ ئاز قىسىملىرىدا گازلىق كۆكرەك، قاپاق ساڭگىلاش كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
3. دوختۇرنىڭ تېخنىكىسى ياخشى، پىشىپ يېتىلگەن بولمىسا، دورىنى بەك چوڭقۇر ئۇرۇپ، نېرۋىغا ئۇرۇپ قويسا، بىلەك ئىقتىدارى قىسقا مۇددەتلىك تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن.

قولتۇق تەرلەش ۋە سېسىق پۇراشقا مەنپەئەتلىك ئاددىي رېتسىپلار



بۇزۇلغان خېلىتلارنىڭ چىرىشىدىن قولتۇقتىكى تەر بەزلىرى ياللۇقلىنىپ قولتۇق تەرلىگەندە تەر بىلەن بىللە سارغۇچ مايسىمان شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجىرىلىپ چىقىدۇ، بۇ سۇيۇقلۇق مەلۇم مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن جاراسىم (مىكىروب ) لارنىڭ چىرىتىشى تۈپەيلىدىن سېسىق پۇرايدۇ. قولتۇق پۇراشنىڭ ئەڭ ياخشى ئالدىنى ئىلىش چارىسى قولتۇقنى پات-پات يۇيۇش، تۈكلەرنى ئېرىغداپ پاكىز تۇتۇشتىن ئبارەت . تۈك بەزلىرى ياللۇقى ئېغىرراق بولغاندا تېۋىپنىڭ كۆرسەتمىسى بويچە كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى خىلىتقا قارىتا كېسەللىك ماددىسىنى پۇشۇرۇش، سۈرۈپ تازىلاش دېگەندەك سىستېمىلىق داۋالاش ئۇسسۇلىنى قوللانغىلى ياخشى. تۆۋەندىكىلەر قولتۇق تەرلەش ھەم پۇراقنى يوقۇتۇشتا ھەر كىم ئۆزى قىلىۋالالايدىغان ئاددىي رېتسىپ-كۆرسەتمىلەر بولۇپ قولايلىق بولغانلىرىدىن تاللاپ پايدىلانسا بولىدۇ.

1. قولتۇقنى سوپۇنلاپ يۇيۇپ پاكىز تۇتۇش، ئىچ كىيىملەرنى پات-پات ئالماشتۇرۇش لازىم .
2. ئانار گۈلى، سۇمبۇل، زەمچە ۋە چىغىرتماق گۈلىنى يۇمشاق سوقۇپ، قولتۇقنى سوپۇنلاپ يۇغاندىن كېيىن سېپىش كېرەك. قىزىلمۇچ، ئاچچىقسۇ،غولپىياز ،سامساق قاتارلىقلاردىن پەرھىز تۇتۇش، تاماكاچەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك .
3. 10 گىرام قىزىل گۈلنى يۇمشاق سوقۇپ، ،قولتۇققا چاپسا قولتۇق پۇراش ۋە تەرلاشكە مەنپەئەت قىلىدۇ .
4. تاۋۇزنى 30گىرام پىياز سۇيىگە چىلاپ،قولتۇققا كۈندە2-1قېتىم سۈركەپ،بىر ھەپتە داۋاملاشتۇرسا قولتۇق پۇراشقا مەنپەئەت قىلىدۇ .
5. قولتۇقى سېسىق پۇرايدىغان كىشىلەر ھەر كۈنى ئەتىگىنى ۋە چۈشتە چىش پاستىسى سۈرتۇپ بەرسە ،سېسىق پۇراق ئازلايدۇ .
6. تۇخۇم شاكىلىنى قوقاستا سارغايغىچە كۆيدۈرۈپ ،ئۇپا ھالەتكە كەلگۈچە سوقۇپ ،،يەرلىك ئورۇنغا چاپلىسا ،قولتۇق تەرلەشكە شىپا بولىدۇ .
7. خام زەنجىۋىل جەۋھىرىنى ھەر كۈنى قولتۇققا بىر نەچچە قېتىم سۈرتۈپ بەرسە ،قولتۇق پۇراشنى يوقاتقىلى بولىدۇ .
8. مەدەستاندىن 125گىرام ،زەمچىدىن 31گىرامنى سوقۇپ سىرىتتىن ئىشلىتىش تاكى پىشۇرۇپ يېرىم سۇۋۇتۇلغان ياڭيوغا بۇ دورىلارنى سېپىپ قولتۇققا تۇتۇش ئارقىلىق قولتۇق پۇراشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
9. شاپتۇل يۇپۇرمىقىنى ئىزىپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا ،قولتۇق تەرلەشكە مەنپەئەت قىلىدۇ .
10. قۇرۇتۇلغان ئانار گۈلىنى يۇمشاق سۇقۇپ تاسقاپ ،سۇپۇپ تەييارلاپ ،كۈندە ئۈچ قېتىم ،ھەر قېتىمدە بەش گىرامدىن ئىستىمال قىلسا ،قولتۇق پۇراشقا شىپا بولىدۇ .
11. ئۆپكىنى ئۇششاق توغراپ ،قولتۇق قىسمىغا قۇيۇپ ،ئۇدا ئۈچ كۈن ئۇۋىلاپ بەرسە ،پۇراق يوقايدۇ .
12. ئاچچىقسۇ بىر پىيالە، لاچىندانە بىر ئۇچۇم، قوۋزاقدارچىن بىرئۇچۇم، پىننە بىر ئۇچۇم، رەيھان ياغىچى بىر ئۇچۇمدىن ئىلىپ قاينىتىپ قول كۆيمىگۈدەك ھالەتتە تەرلەيدىغان ئورۇن يۇيۇپ بىرىلىدۇ.
13. گۈرۈچ بىر پىيالە، ماش بىر سېقىم، يۇمغاقسۈت بىر ئۇچۇم، پىننە بىر ئۇچۇم، چىلاندىن 10 دانە ئىلىپ قاينىتىپ سۈيى ئىچىپ بىرىلىدۇ.
14. كاسىنە ئۇرۇقى، يۇمغاقسۈت، ئانار ئۇرۇقى بىر ئۇچۇمدىن، چىلان 10 دانە، شاتۇتتىن 5 دانە ئىلىپ چىلاپ تەمىنى چىقىرىپ سۈيىنى چىقىرىپ ئىچسە مەنپەئەت قىلىدۇ.

مەنبە :http://kulgin.com/html/saghlamliq/1106.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-28 08:49  


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5671
تۆھپە
2888
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 11:04:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىگىتلەرنىڭ قولتۇقى پۇرىسا قىزلار قاچىدۇ، قىزلارنىڭ قولتۇقى پۇرىسا يىگىتلەر قاچىدۇ!


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپەيىغىشسەۋەبى
marbiya + 15很给力!

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 15  باھا خاتىرىسى

ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
737
تۆھپە
384
UID
1140

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 20:08:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياز يېتىپ كېلىش ئالدىدا ناھايىتى ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز. دېمىسىمۇ بەزىلەر ھەقىقەتەن دېققەت قىلمايدۇ، ھەتتا كىيىملىرىنىڭ سىرتىغا تېپىپ چىققۇچە. لېكىن ئۇلارغىمۇ ئامال تېپىلىپتۇ. بۇ رېتسىپىڭىزنى ئىشلەتكەنلەر چوقۇم سىزدىن مىننەتدار بولغۇسى..........


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1392
تۆھپە
1136
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 10:51:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە   ياخشى  بوپتۇ...بۇنىمۇ بىلىۋالدىم،،،،،،،


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5671
تۆھپە
2888
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 03:22:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
KALBIM يوللىغان ۋاقتى  2012-4-6 10:51
ھە   ياخشى  بوپتۇ...بۇنىمۇ بىلىۋالدىم،،،،،،،

ماڭا  گۈل تۇتۇلغانغا  قارىغاندا، مېنىڭ  قولتۇقۇم  پۇرىمىسا كېرەك


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5671
تۆھپە
2888
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 08:50:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈنۈگۈن قولتۇقلار پۇراشقا باشلاپتۇ ئاپتوبۇستا، ئادەملەر قاتتىق دېققەت قىلماقلىقى لازىم!


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5671
تۆھپە
2888
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 21:07:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەدبۇي قولتۇق  پۇراش مۇسابىقىسى  كوچا  ئاپتوبۇسى، ئۇزۇن  يوللۇق  ئاپتوبۇسلاردا  باشلىنىپ  كەتتى  قېرىنداشلار! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-19 21:07  



ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5671
تۆھپە
2888
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 21:30:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەقنىڭكىنى  دېيىشتىن  بۇرۇن ئۆزىمىزنىڭكىنى  دېگىنىمدىن ئەپۇ  ئېتەرسىزلەر!
10- يول ئاپتوبۇسىغا بەش-ئالتە  ھىجابلانغان  ئۇيغۇر چوكان  «راھەتباغ» بېكىتىدىن  چىقتى، ئادەم  باس-باس، ئالدى  ئىشىكتىن  چىقىپ  ئورتا-ئارقىغا  بارغىچە  بىرمۇنچە  قىستىلىدىغان  گەپ، يېگەن-ئىچكەندەك  بۇ ھىجابلىق  چوكانلار  قىستىلىپ  يۈرۈپ  ئۆتتى، ئەمما  ئۇلاردىن  قاچىدىغانلارمۇ  ئەلۋەتتە  قىستىلىپ  يۈرۈپ  قاچتى . چۈنكى، بۇ چوكانلار  ئاشۇ ھىجابلىرىدىن  ئەتراپقا  قولتۇق  پۇرىقى تارقاتماقتا  ئىدى...
بۇلارنى  يېزىشىم  مۇنبەرداشلارنىڭ  پەقىرنى تىللىشىغا يېتىپ  ئاشىدۇ، بىزدە بۇلارلا  ئەمەس،  نۇرغۇن  ئەرلىرىمىز، ھەتتا  شارائىتى  ناھايىتى ياخشى  ئادەملىرىمىز مۇشۇنداق  بىر بەدبۇيلۇققا كۆنۈكمىكىن، ھۆددەس دېققەت  قىلىشمايدۇ. نەتىجىدە، خەقلەرنىڭ  نەزەرىدە بىز تازىلىققا دېققەت  قىلمايدىغانلار تۈركىمىگە كىرىمىز.  ئەكسىچە،  بىز ئۆزىمىزنى ناھايىتى  پاكىز  چاغلايدىغان  مىللەت، شۇنداق  بولغاندىكىن، ئادەملىرىمىز  يەنە بىر كۈچەپ  بۇ نۇقتىغا  دېققەت  قىلسا  بولاتتى...
ياز كەلدى، ئەلۋەتتە  ھەممە  ئادەم  بۇ نۇقتىغا  يېتىشىپ  بولالمايدۇ، ئەمما  سەللا كۆڭۈل  بۆلسە، بۇلاردىن  خاھلىي  بولۇش مۇمكىن  بولار  دەيمەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-20 13:32  



ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نەفىسە
تىللا
598
تۆھپە
268
UID
5838
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-20 01:20:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتتى توغرا گەپ قىلدىڭىز ئەپەندىم،مۇشۇ قولتۇق پۇرايدىغانلارنىڭ دەردىدە ياز كۈنلىرى ئافتوبۇسقا چىقالمايمەن. بىر مۇنچە ئىقتىسادى زىيان -دەڭە........بىر دىققەت قىلسا!!!!


قارىسام كۆرىنمەيدۇ دۇنيانىڭ چېتى ،
بۇ دۇنيا بىر كونا رابات، بىز يول ئۆتكۈچى.نەفىس
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 09:19, Processed in 0.083567 second(s), 30 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991