كۆرۈش: 36329|ئىنكاس: 22

ئوردۇ كەنت (قەشقەر)تىكى سۈيقەسىت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئىسىمى
ئاتىللا
تىللا
117
تۆھپە
48
UID
8673
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 13:45:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا! مەرھۇم يۈسۈپ قادىرخان سالدۇرغان ھەشەمەتلىك ساراي!مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ تەخىتنى ئۆتكۈزۈپ بىرىش مۇراسىمى! بۇ خاقان ئالمىشىدىغان  پەۋقۇلئاددە يىغىن بولغانلىقى ئۈچۈن ھەممەيلەننىڭ كەيپىياتى تەنتەنىلىك ۋە  جىددى تۈس ئالغانىدى.مۇھەممەد بۇغراخان ئىككى ئوغلىنى ئەگەشتۈرۈپ كىرىپ،تۆردىكى تەخىت سۇپىسىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان كۇرسىغا ئولتۇردى. چوڭ ئوغلى ھۈسەيىن ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدىن،كىچىك ئوغلى ئىبراھىم سول يېنىدىن ئورۇن ئالدى.بۇغراخان ئۆز ئاكىسى ئارسلانخاننى ئاغدۇرۇپ تەخىتكە چىققان كۈنىدىن ھىسابلىغاندا ھازىرغا قەدەر ئون بەش ئاي ئۆتكەنىدى.ئۇ قېرىلىقتىن زەئىپلىشىپ كەتكەن ئاۋازى بىلەن چىڭقىلىپ سۆزلەشكە باشلىدى: بسمللا رەھمانىرەھىم بارلىق ماختاش_ئالقىشلار يۈكسەك پەزىلەتلىك ۋە كۆركەم سەنئەت ئىگسى بولمىش قادىر ئاللاغا مەنسۇپتۇر.مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ۋە ئۇنىڭ ھەممىگەپىشۋا بولغان ئۇرۇق_ئەۋلادلىرىغا ئاللا ئۆزى رەھمەت قىلسۇن! ئاللاغا ئىتقاد بىلدۈرۈپ،رەسۇلىللاغا مەدھىيە ئۇقۇشتىن سوڭرە سۈزۇم شۇكى،خاقانىينىڭ تاج ۋە تەختىنى ئۆز ئىختىيارىم ۋە رازىلقىم بىلەن چوڭ ئوغلۇم ھۈسەيىنگە تاپشۇردۇم. ئۇشبۇ سورۇندا جەم بولغان مۇسۇلمانلار بۇنىڭغا شاھىت بولغايسىزلەر. بۇگۇندىن ئتىبارەن ئوغلۇم ھۈسەيىن<بۇغراخان >ئۇنۋانى بىلەن بۈيۈك ئاستانىمىز كاشىغەردە تەخىت ساھىبى بولسۇن ش شەۋكەتلىك ۋەزىرلەر،باھادىر سەنگۈنلەر ئەمدى ھۈسەيىن بۇغراخاننىڭ ئەمىرىنى ۋاجىپ بىلگەيسىلەر.نەقەدەر ئۇلۇغ مىنۇتلارھە! ۋاھالەنكى ،بۇنۇتۇق بەزىلەرنى  ئانچە تەسىرلەندۇرمىدى.بەلكى غەزەپلەندۇردى.مۇراسىم ئاخىرلىشىپ زىياپەت باشلاندى.يۇقىرىدا ئېيتىلغان مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ سول يېنىدىن ئۇرۇن ئالغان ئىبراھىم ئۇشبۇ يېڭىدىن تەخىتتە ئولتۇرغان ھۈسەيىننىڭ ئانا باشقا ئىنسى ئىدى.ئۇنىڭ بۇ ئىشقا نارازىلقى بار ئىدى.ئەلۋەتتە ،ئۇنىڭغا يول كۆرسىتىۋاتقىنى ئانىسى ئىدى. ھەي شۇم پەلەك! بۇ قارا قوللار ئاتا _بالا بۇغراخانلارنىڭ تامىقىغا زەھەر سېلىپ ئۈلگۈردى! خانىش قاشتېشى قۇتىسىنىڭ قىزىل ئېغىزىنى ئاۋايلاپ ئاچتى.بۇچاغدا ئۇنىڭ ئۆزىمۇ تاتىرىپ ،لەۋلىرى كۆكىرىپ كەتتى.لىكىن ئۇ ئۆزىنى قاتتىق تۇتۇۋېلىپ شەربەت تولدۇرۇلغان چىنىلەرگە قولىدىكى قۇتىدىن قانداقتۇر سۇيۇقلۇقنى  ئاز_ئازدىن قۇيدى. ئىبراھىم بەئەينى بىر مۇردىغا ئوخشاپ قالدى._ئانا...بۇ.... خانىش ئۇنىڭغا ئەيىپلەش نەزىرى بىلەن قاراپ قويدى.          _بۇ ئانار شەربىتى،_دىدى ئۇ،_ھۈسەيىن ئانار شەربىتىنى ياخشى كۆرىدۇ. خانىشنىڭ ئىشارىتى بىلەن بۇ<شەربەت>لەر زىياپەت سۇرۇنىغا يوللاندى.غىزا تاماملىنىپ نۆۋەت ئىچىملىككە كەلگەنىدى. ھۈسەيىن بۇغراخان ۋە باشقىلار ھېلقى <شەربەت>لەرنى گۇڭۇر_مۇڭۇر پاراڭلار بىلەن ئولتۇرۇپ ئىچىشتى.ئۇشتۇمتۇت،مۇھەممەد بۇغراخان ئىككى قولى بىلەن مەيدىسىنى بېسىۋېلىپ ئاغزىنى يوغان ئاچتى، لىكىن ھېچنىمە دىيەلمەستىن ، بىر يانغا قىيسىىپ يىقىلغىنىچە يېتىپ قالدى.ئارقىدىنلا رەڭگى ئۆڭۆپ كەتكەن ھۈسەيىنمۇ قورسىقىنى تۇتۇپ تۈگۈلۈپ قالدى. ئۇ ئەڭ ئاخىرقى كۈچىنى يىغىپ،خۇددى يارىدار بولغان ئارسىلاندەك ئورنىدىن ئىرغىپ تۇردى_دە نىمىنىدۇر تۇتماقچى بولغاندەك بىر قولنى ئالدىغا سوزۇپ:_زەھەر...._دەپ خىرقىرىغان ئاۋازدا ۋاقىردى ۋە شۇئان داستىخان ئۈستىگە<گۈپ> قىلىپ يىقىلدى. داستىخان ئەتراپىدا ئولتۇرغانلاردىن يەنە بىر نەچچە كىشىمۇ ئىلگىرى_كىيىن بۇلۇپ ھەر يانغا يىقىلىشتى. خانىش ياندىكى خانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان يىگىرمە نۆكەر قىلىچلىرىنى يالىڭاچلاپ ،پاجىئە يۇز بەرگەن سورۇنغا ئېتلىپ كىردى.زەھەرلىك شەربەتنى ئىچىشكە ئۈلگۈرمىگەن بەزى ئەمەلدارلاردىن بەزىللىرى تىزلىنىپ تۇرۇپ<بىر قۇشۇق قېنىمىزنى تىلەيمىز>دەپ ئىتائەت بىلدۈرۈشتى.قارشىلىق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغانلىرى نەق مەيداندا چېپىپ تاشلاندى.تۆت_بەش ئەمەلدار بولسا،بۇچاغدا يان ئىشىكتىن چىقىپ كەلگەن خانىشنىڭ ئالدىغا ئىتتىك بېرىپ نىمە توغرۇلۇقتۇر جىددى سۆزلىشىپ كەتتى.بۇغراخانغا سادىق بولغان نۆكەرلەرنىڭ قارشىلىقى باستۇرۇلدى. خانىش ئىبراھىمنىڭ قولىنى تۇتۇپ  _ئاللانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئوغلۇم ھازىردىن باشلاپ خاقان بولدى!

پەرھاد جىلاننىڭ ‹‹مەھمۇد كاشغەرىي›› ناملىق رومانىنىڭ باش قىسىمىدىن ئېلىندى.


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تىللا
1361
تۆھپە
712
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 17:13:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك ئوباما ئەپەندىم، سىز يوللىغان بۇ تېما ياخشى بولسىمۇ، لېكىن قايسى ماتېرىيالدىن ئالغانلىقىڭىز ئەسكەرتىلمەپتۇ. بۇ ئابزاسنى مەن ئاتاقلىق يازغۇچى پەرھاد جىلاننىڭ ‹‹مەھمۇد كاشغەرىي›› رومانىنىڭ بېشىدا ئوقۇغاندەك قىلغان.
   سىزنىڭ خاپا بولماي، ئالغان مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. بولمىسا بۇ تېما ئۆچۈرۈپ تاشلىنىدۇ.


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
1717
تۆھپە
1082
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 17:53:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماندا ئابزاسلارغىمۇ ئايرىماي يىزىپسىزغۇ ... يامان چۈشىنەلمىدىم


بارلىق تورداشلارغا نورۇزلۇق ئوتلۇق سالام ...

Rank: 6Rank: 6

تىللا
1054
تۆھپە
514
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 20:48:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيلى باشقىلار نېمە دېسۇن ،ياخشى قىپسىز .ئابزاس ،ئەسكەرتىش دېگەنلەرنى بارا-بارا تۈزىتىپ كەتسىڭىز بولىدۇ . تېخىمۇ تىرىشىڭ


ئۆيگە كەتكۈم بار..

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرسان روھ
تىللا
2149
تۆھپە
742
UID
528

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 21:58:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئابزاسلار ئاتاقلىق يازغۇچىمىز پەرھاد جىلان ئەپەندىنىڭ مەھمۇد قەشقەرى رومانىدىن ئېلىنىپتۇغۇ مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ !


ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگى-روھىڭ سامان بولماس.

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئالىمجان
تىللا
149
تۆھپە
86
UID
3936
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 22:07:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىتېرىشىڭ


Rank: 1

ئىسىمى
بەگزادە
تىللا
31
تۆھپە
8
UID
10974
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 09:03:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تېمىدەك قىلدۇ


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
1119
تۆھپە
903
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 11:26:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باش سۈرىتىڭىز قالتىسكەن.


سەكرا

Rank: 2

ئىسىمى
ئاتىللا
تىللا
117
تۆھپە
48
UID
8673
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 13:58:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۇرۇڭ !باشقۇرغۇچى ئەپەندىم! تەنقىدىڭىزنى قۇبۇل قىلدىم!مەنبە:پەرھات جىلاننىڭ ‹مەھمۇد كاشىغەرى›ناملىق ئەسىرى.


Rank: 4

ئىسىمى
ھەزرەت
تىللا
249
تۆھپە
195
UID
9931
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 14:51:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بىز ئۇيغۇرلاردىن بۇ روماننى ئوقۇمىغانلار يوق دىيەرلىك ! شۇڭا مىنىڭچە مەنبەسىنى ئەسكەرتمىگىنى بىزنى ئىزدىنىپ بېقىشقا ئۈندىگىنى دەپ چۈشەندىم ! قالغىنى مۇنبەر ئەھلىگە قالدى !


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 07:09, Processed in 0.078416 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991