كۆرۈش: 58344|ئىنكاس: 32

تۈركىيەدىكى تۈركلەر كىم؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئىسىمى
ئاتىللا
تىللا
117
تۆھپە
48
UID
8673
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 23:03:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سۇئالغا بەلكىم نۇرغۇن دوستلار جاۋاب تېپىپ بولدۇڭلار.شۇنداقتىمۇ مەن چۈشەنچىللىرىمنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ باقاي.تۈركىيە دىكى تۈركلەر  مىلادى 844 -يىلى بۈيۈك ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كىيىن،غەربكە كۆچكەن تۈركىي(ئۇيغۇر)قەبىللەرنىڭ بىرى.بۇ قەبىلە ،ئوغۇز-تۈركمەن قەبىلسى دەپ ئاتالغان.بۇلار غەرپكە كۆچكەندىن كىيىن مىلادى 915-يىلى بىر قىسىم ئۇغۇزلار سەركەردە سالجۇق بەگنىڭ رەھبەرلىكىدە،سىر دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى جايلارغا كىلىپ ئسلام دىنىنى قۇبۇل قىلدى.شۇنداق قىلىپ ئۇغۇزلار گاھى قاراخانىيلار،گاھى غەزنەۋىيلەر ،تەۋەلىكىدە بۇلۇپ كەلدى.مىلادىيە 1040-يىلى5-ئايدا،سالجۇق بەگنىڭ نەۋرىسى توغرۇل بەگ باشچىلقىدىكى،ئوغۇز قۇشۇنى،سۇلتان مەسئۇت باشچىلقىدىكى غەزنەۋىيلەر قۇشۇننى مەغلۇپ قىلدى.شۇنىڭ بىلەن تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ ،ئۇيغۇر-قارلۇق تۈركۈمىنى ئاساس قىلغان قارا خانىيلار خانلىقى بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان ئوغۇز-تۈركۈمىنى ئاساس قىلغان سالچۇقىيلارخانلىقى بارلىققا كەلدى.كيىن بۇ خاندانلىق تىز كىڭىيىپ ئەرەبلەر ياشايدىغان ئىراق،ۋە پارسلار ياشايدىغان ئىران زېمىنلىرىنىمۇ ئۆز تەسىرى ئاستىغا ئالدى.غەرپتە ھەتتا ۋىزانتىيە (شەرقىي رىم) ئىمپىرىيىسىگە تەھدىت سالدى.كىيىن ئۇلار پارچىلنىپ بۈگۇنكى ،تۈركىيە ،تۈركمەنىستان ،ئەزەربەيجان،قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ شەكىللنىشىگە ئاساس بولدى.كەم قالغان يەرلىرى بولسا تورداشلىرىم!تۇلۇقلاپ قويارسىلەر!مەنبە:پەرھات جىلاننىڭ<مەھمۇد كاشىغەرىي>ناملىق ئەسىرى.

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
2950
تۆھپە
840
UID
1186
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 23:54:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋاملىق يوللاپ تۇراسىز.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
805
تۆھپە
509
UID
4983
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 01:53:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ،پەرھات جىلاننىڭ<مەھمۇد كاشىغەرىي>ناملىق ئەسىرىنى بىر كۆرۈپ چىقمىسام «تارىخ دەرسى» دە ئارقىدا قالىمەنمۇ نېمە ؟؟


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1392
تۆھپە
1136
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 09:51:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  توغرىلىق سىزدەك  پىششىق بىلمەيدىكەنمەن جۇمۇ..


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 2

ئىسىمى
ئاتىللا
تىللا
117
تۆھپە
48
UID
8673
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 12:36:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئۇيغۇر-قارلۇق قەبىلسى.ۋە شۇنىڭ ئچىدىكى ياغما قەبىلسى.


Rank: 2

ئىسىمى
ئاتىللا
تىللا
117
تۆھپە
48
UID
8673
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 12:50:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر جەمئىيتىمىزدە تۈركىيە فىلىملىرى مودا بۇلۇۋاتىدۇ.شۇڭا بۇ تىمىنى يوللاشنىڭ زۈرۇرلىكىنى ھىس قىلدىم.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
805
تۆھپە
509
UID
4983
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 14:34:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركىيە فىلىملىرى قىز-ئاياللىرىمىزغا مۇدا قوغلىشىش ، غەيۋەتتىن باشقا يەنە نېمىنى ئۆگىتىۋاتىدۇ ؟
بۇ پەقەت ھىندىستان ياكى كورىيە فىلىملىرى قىزغىنلىقىغا ئوخشاشلا بىر ئىش .
كورىيە ۋە تۈركىيەدىكى جەمىيەت ئەخلاقى ، ئاممىۋى ئەخلاق ، ئۆز-ئارا ھۆرمەت ، تۇرمۇش قاراش دېگەنلەر كىنودا تەسۋىرلەنگەندەك ئۇنداق گۈزەل ئەمەس .


Rank: 3Rank: 3

تىللا
133
تۆھپە
63
UID
10059
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 16:24:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    سەلجۇقىيلار خانلىقىنىڭ ئومومىي يەر مەيدانى 15 مىليون كۇۋادىرات كىلومېتىرگە يەتكەن بولۇپ، ئىمپېرىيە دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ. سەلجۇقىيە ئىمپېرىيىسى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئالتاي تاغ تىزمىلىرىدىن كۆچۈپ بارغان ئوسمان تۈرۈكلىرى تۈركىيە زىمىنىغا ۋارىسلىق قىلىدۇ. ئوسمان تۈرۈكلىرى تارىختا 1000 يىلدىن ئارتۇق سەلتەنەت سۈرگەن شەرقىي رىم [ۋىزانتىيە] ئىمپېرىيىسىنى مۇنقەرىز قىلىپ، ئوسمانلىي ئىمپېرىيىسىنى بەرپا قىلىدۇ. 600 يىلدىن ئارتۇق ھۈكۈم سۈرگەن بۇ ئىمپېرىيە ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام تارىخدىكى ئاخىرقى بىر ئىسلام خەلىيپىلىگى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا، ئۇ پۈتۈن ياۋروپا قىتئەسىنى سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتە زىلزىلىگە سالغانىدى. 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا، ئوسمان ئىمپېرىيىسى مۇنقەرىز بولىدۇ. تۇرركىيە، تۈرىكمەنىستان، ئازەربەيجان ۋە بالقاندىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقى ئاندىن ئەمەلگە ئاشىدۇ.


Rank: 3Rank: 3

تىللا
102
تۆھپە
73
UID
9187
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 16:30:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇركىيەنىڭ كىنوسى ئادانالىق تەك بولسا، تەرجىمىنىڭ ياخشىلىقىمۇ يا كىنودىكى شەخىسلەرنىڭ مەردانىلىقىدىنمۇ ۋەياكى رېجىسورنىڭ دانىشمەنلىدىنمۇ؟؟؟ تۈرك كىنوسى بولسا ئادانالىق تەك بولسا!




Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
بارسېلونا
تىللا
1317
تۆھپە
796
UID
306
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 16:38:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈرك تارىخچىلىرىمۇ مۇشۇ كۆزقاراشتىمۇ ؟


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 09:04, Processed in 0.080570 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991