كۆرۈش: 13362|ئىنكاس: 30

ياتاقداشلىرىم، سىلەرنى سېغىندىم! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
ئابلەت ئابدۇرېھىم
تىللا
355
تۆھپە
53
UID
112
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 18:28:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ياتاقداشلىرىم، سىلەرنى سېغىندىم!


      ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى باشتىن كەچۈرۈپ باققان دوستلار، ئەينى ۋاقىتتا بىر ياتاقتا ياتقان ياتاقدىشىڭلار ئېسىڭلاردىمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ ئىشچان، ئەڭ ياسانچۇقنىڭ كىم ئىكەنلىكى ھېلىھەم يادىڭلاردىمۇ؟ مەنچە، شۇ نەچچە يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتى ئۆمرۈڭلاردىكى ئەڭ چوڭقۇر ئۆچمەس ئەسلىمىلەر، شۇنداقمۇ؟



ياتاقتا ئەڭ جاپاكەش، قاچانلا قارىسا ياتاق تازىلايدىغاندىن بىرى بار.



ياتاقتا دائىم دەرسكە چىقمايدىغىنىدىن بىرى بار.



ھەرقانداق بىر ياتاقتا، ھەركۈنى نېمە كىيسەم  بولار، دەپ بېشى قاتىدىغان يولداشتىن بىرى بولىدۇ، ھاھاھا.... بېشى قېتىۋاتقان شۇ يولداش مەنمۇ نېمە؟ مەسلىھەت بېرىۋاتقان ياتاقداشلارنىڭ جېنىغا ۋاي!



ياتاقتا ئورنىدىن تۇرۇشنىمۇ خالىمايدىغان ھورۇندىن بىرسى بولىدۇ، ھەتتا ئۇسساپ كەتسە چاينىمۇ باشقىلارغا قۇيغۇزىدىغان!



يېنىمىزدا ھامان بىرى ئورۇق، بىرى سېمىز، بىرى ئاق، بىرى قارا دوستلىرىمىز بولىدۇ. ھا ھا ھا...



ياتاقتا ھامان بىرى تاماق يېيىشكە بەك ئالدىرايدۇ، ھامان بىرى سىزنى توختىماي ئويغىتىدۇ.



ياتاقتا ھامان بىرى يوتقاننى ئاپتاپقا سېلىشقا بەك ئاكتىپ بولىدۇ.



      ياتاق شۇنچە قالايمىقان تۇرسىمۇ، كارىۋېتىدا يېتىۋېلىپ بىرنەرسە يەيدىغاندىن بىرى بار. ئۈستىگە تۈزۈك كىيىم كىيمەي ئۇياقتىن - بۇياققا مېڭىپ يۈرىدىغاندىنمۇ بىرى بار، چىراغنى ئۆچۈرىدىغانغا مەسئۇل يولداشتىنمۇ ھامان شۇ بىرى بار.

      دوستۇم بۇلارنى كۆرۈپ ياتاقداشلىرىڭىز، شۇ نەچچە يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىڭىزنىڭ كارتىنىلىرى كۆز ئالدىڭىزغا كەلدىمۇ؟ ياتاقداشلىرىڭىز ئېسىڭىزگە كەلدىمۇ؟

      قېنى ئەمىسە كىم ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئۆتكەن شۇ گۈزەل كۈنلەرنى ئەسلەپ ئۆتەلەيدۇ ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-28 11:32  

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 2

تىللا
115
تۆھپە
59
UID
9505
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 11:52:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس مەن ئەسلەپ قالدىم جۇمۇ شۇ كۇنلەرنى

Rank: 2

تىللا
46
تۆھپە
18
UID
708
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 13:34:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ رەسىملەر شۇنداق ئوماق

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1392
تۆھپە
1136
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 14:18:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  تۇنجى  قېتىملىق داشۆدىكى ساۋاقداشلىرىمنى  بەكمۇ سېغىندىم .............
قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 6Rank: 6

تىللا
805
تۆھپە
509
UID
4983
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 14:31:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشۇ دەرسكە چىقمايدىغان ، باشقىلارنى ئىشقا بۇيرۇيدىغان ، لەقەم قويۇشقا ئامراق ، ئاخشىمى ياتاققا كىرمەيدىغىنى «ماڭا » ئوخشاۋاتامدۇ نېمە ؟

بىرنىڭ ياتاقتا چىراق ئۆچۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ، بېشىنى يوتقانغا پۈركەپ بىر نېمىلەرنى يەيدىغان بىرى بولىدىغان ، لەقىمى (تۆمۈر خوراز) .

Rank: 6Rank: 6

تىللا
805
تۆھپە
509
UID
4983
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 14:32:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرگە ئەزا ئەمەستۇ-ھە ؟؟؟

Rank: 4

تىللا
492
تۆھپە
61
UID
5704
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 16:35:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىلەن قوشنا كارۋاتتا ياتىدىغان دوستۇم ،داۋاملىق چىراق ئۆچۈپ بولغاندا ناخشا ئوقۇپ (خەنزۇچە ناخشىلارنى ئېيتاتتى تىخى ) ھەممىمىزنىڭ قۇلاق-مېڭىسىنى يەيتى ،قاخشاپ كىتەتتۇق  ................  
  يەنە بىرى ياتاقنىڭ تېلىفۇنىنى بىر ئېلىۋالسا كېچە-كۈندۇز پاراڭلىشىپ ، تېلىفۇندىن «بۇس »چىقىرۋىتەتتى ....

Rank: 6Rank: 6

تىللا
1054
تۆھپە
514
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 18:15:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاھا.. مەن ھازىر ئاشۇ كۈنلەرنى ئۆتكۈزىۋاتقانلارنىڭ بىرى..
   ھەزىرقى كۈنلىرىمنى قەدرلەيمەن
ئۆيگە كەتكۈم بار..

Rank: 6Rank: 6

تىللا
1054
تۆھپە
514
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 18:15:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
★Jackie★  يوللىغان ۋاقتى  2012-3-28 14:32
مۇنبەرگە ئەزا ئەمەستۇ-ھە ؟؟؟

ھاھاھا... مۇنبەرگە مەن ئەزا
ئۆيگە كەتكۈم بار..

Rank: 3Rank: 3

تىللا
102
تۆھپە
73
UID
9187
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 19:38:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەينى چاغدا بىزنىڭ ياتاقتا سەككىز ئادەم بولۇپ، سەككىزىمىز سەككىز خىل مىجەردە ئىدى! بۇلارنى ئويلىسام ئۆزۈمچە كۈلۈپ كېتىمەن ! توۋا دەيمەن! بولدىلا ئويلىماي،  ئالامەتتى-ھە!  سىز بايان قىلغان يۇقارقى ئەھۋاللاردىنمۇ نەچچە ھەسسە بەتتەر!!!!ھا!!ھا!!!!!!!ھا!!ھا!!!!!!!ھا!!ھا!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 09:17, Processed in 0.078881 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991