مەدەنىيەتتىن قىسقىچە بايان
مەدەنىيەت بىزگە سىر ئەمەس، بىزدىن يىراقلىشۋاتقان نەرسە، بىز قوغلىۋەتكەن نەرسە.
دوپپا مەدەنىيىتى: چىمەن دوپپا، تاشكەن دوپپا، بادام دوپپا، مارجان دوپپا، شاپاق دوپپا ... ۋاي – ۋۋي، نېمدىگەن چىرايلىق دوپپىلار ئىدى – ھە!
باشقا كەيسە ئاجايىپ يارىشىدىغان دوپپىلار ئىدى، قىزلار ھېيت – بايراملاردا چاچلىرىنى ئۇششاق ئۆرۈشۈپ، ئۇغۇللار چاچلىرىنى چىرايلىق ياسىتىپ باشلىرىغا كېيىشسە شۇنداق يارىشىدىغان بۇ دوپپا، ئەجداتلىرمىز توي – تۆكۈنلەردە ئۇلۇغلاپ كەيگەن شۇ دوپپا يوقىلىپ، بۈگۈنكى كۈنلەرگە كەلگىندە نەزىر – چىراغنىڭ فورمىسىغا ئايلانماقتا، بۇ بىز ئۈچۈن نە ئازاب، ئەجەبا بىزمۇ ئەۋلادلىرمىزغا ئەجداتلىرمىزغا ئوخشاش مىراس قىلالماسمىزمۇ؟
كىيىم مەدەنىيىتى: كىيىم ئىنسان ئۈچۈن دۇنياغا كەلگەن، ئىنسانلار ئۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ تاشقى قىياپىتىنى تېخىمۇ چىرايلىق كۆرسىتەلەيدۇ، بىز ئۇيغۇرلاردائەتلەس رەختى ھەممدىن كۆركەم، چۈنكى ئۇنى يەتتە خىل رەڭ ئارقىلىق ھەسەن – ھۈسەنگە ئوخشاتقان.
شۇنچە نەپىس ئىشلەنگەن بۇ رەختتىكى كىيىملەر توي – بايراملارغا قېلىپ، چاي – پايلارغا پادىچى ئىشتانلار مودا بولدى.
كۈندىن - كۈنگە ئېگىزلىشىپ كېتىۋاتقان ئاياغلار ئۈستىدە سۆزلىگۈم يوق........
ھېيت – بايرام مەدەنىيىتى: نەۋرۇز بايرىمى، روزا ھېيت، قۇربان ھېيت بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنىڭ بىرى. مانا نەۋرۇز بايرىمى كېلۋېدى، ھەممە ياق بىردىنلا جانلىنشقا باشلىدى، نەۋرۇزدا ھەر خىل پائالىيەتلەر (يەرلىك پائالىيەتلەر، يەنى ئوغلاق تارتىشىش، توخۇ سوقۇشتۇرۇش) ئېلىپ بېرىلىدۇ، تەبىئەتلا ئەمەس مۇنبەرنىڭ ئۆزىمۇ شۇنداق جانلىق، نەۋرۇزدا ھەممىمىز يىغىلىپ نەۋرۇز ئىشى قىلىمىز، بۇ تاماقنىڭ ئۆزىمۇ چوڭلار بىزگە قالدۇرغان قىممەتلىك بايلىق، روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيتلاردا چوڭلار كىچىكلەرگە ھېيتلىق پۇل بىرىشلىرى، ھەممە ئائىلە بىردىن قوي (قانچىنى ئالسا بولىۋېرىدۇ) ئېلىپ سۇيىدىغان ئىشلار بۇ كۈننى تىخىمۇ جانلاندۇرۇۋېتىدۇ.
تىل مەدەنىيىتى: تارىختىن تا ھازىرغىچە نۇرغۇن سۆزلەرنىڭ ئېيتىلىش ۋە سۆزلەش جەھەتتە، نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بولغان بولسىمۇ، ھازىر خېلىلا مۇقىم ھالەتتە تۇرغان، بىراق ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ كۆپىنچىسى خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلىنىپ، شۇ سۆز بويىچە قوللىنىلماقتا. ئەمدى بۇ يەرگە «ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا» دېگەن شېئىرنى كۆچۈرۈپ ئەكىلىشمنىڭ ھاجىتى يوققۇ دەيمەن. قەدىمدىن تاتىپ ئۇيغۇرچە ئاتىلىپ كېلىۋاتقان بۇ سۆزلەر ئەمدى باشقا تىلدا سۆزلەنسە سىزنىڭمۇ «ئۇيغۇر تىلىم يوقالسۇن» دېگۈڭىز بارمۇ يە؟..... راست، دېمىسىمۇ تىل ئۆگىنىش ھازىرقى زاماننىڭ ئېھتىياجى. بىز ئۈگەنمىسەك بولمايدىغان مەجبۇرىيەت. بىراق باشقا تىلنى ئۆگىنىمەن دەپلا ئۆزىمىزنىڭ تىلىنى ئۇنتۇشقا ئەرزىمدۇ؟
ئەدەب – ئەخلاق (شەرمى – ھايا) مەدەنىيىتى: گەپ بۇ يەرگە كەلگىندە بۇ توغرىلىق سۆزلەش دۇرۇسمۇ بىلمىدىم، بىراق مېنىڭ قارىشىم، ئالدىنقى تېمامدىكى مەزمۇن بىلەن ئوخشاش يەنى «مەدەنىيەت ۋە بىز»
مېنىڭ بايانىم
تۈنۈگۈن تۇيۇقسىز تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرسام «ئەخمەتجان قاسىمى» نىڭ ئايالى ماھىنۇر ئاپپاينىڭ 80 - يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان پائالىيەتنى كۆرۈپ قالدىم. كۆرۈش جەريانىدا كۆز ئالدىمغا «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدىكى» تارىخىي شەخسلەر كۆز ئالدىمغا كەلدى. شۇ بىر ئۆمۈر ئۇرۇش قىلىپ بىزنىڭ ھازىرقىدەك بەختلىك كۈنلىرىمىز ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلغان پەخىرلىك ئوغلانلىرىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن.
بۇ تىمامداتارىخنى كۆپرەك تىلغا ئالدىم، چۈنكى مەدەنىيەت دېگەن تارىخىي ئاتا – بوۋىلىرىمىزدىن قالغان تەۋەرۈك دەپ چۈشەندىم، مەن پەقەت شۇنى ئويلىدىمكى ئاتا – بوۋىلىرىمىز بىزگە نۇرغۇن نەرسە قالدۇرۇپتۇ، بىز كەلگۈسىگە نېمە قالدۇرارمىز؟
مەنبە -ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-28 10:59