قاراخانىلار سۇلالىسى قانداق يىمىرىلگەن؟
قاراخانىلار سۇلالىسى مىلادىيە 9 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن 13 - ئەسىرىگىچە قەدەر ﻫۆكۈم سۈرۈپ، مىلادى 1222 - يىلى يىمىرىلدى. قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە ﻫەرقايسى جايلاردا خەلق قوزغىلاڭلىرى كۆتۈرۈلدى. قاراخانىلار سۇلالىسى دەل شۇنداق خەلق قوزغىلاڭلىرىنىڭ زەربىسى ئاستىدا ئاجىزلىشىپ يىمىرىلىشكە يۈزلەنگەنىدى.
1 . قارا قىتانلارنىڭ بېسىپ كىرىشى
خەنزۇچە تارىخ كىتابلاردا غەربىي «لياۋ» دەپ ئاتالغان قاراقىتانلار (ئەسلىدە «قاراقىتان» بولۇپ، بىز ئادەت بويىچە قارا خىتاي دەپ ئاتىلىپ كەلگەن) موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخىدا karakitay دەپ ئېلىنغان. قارا قىتانلار مىلادىيە 1124 - يىللىرى جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ زەربىسى ئاستىدا زاۋاللىققا يۈزلەندى . بۇنداق بىر تارىخىي شارائىتتا قاراقىتانلاردىن يوللىخ تاشىن دېگەن بىر ئاقسۆڭەك بىرقىسىم ئادەملەرنى باشلاپ غەربىي شىمال تەرەپكە قېچىپ كەلدى . ئۇ ئاخىر بۇ رايونغا بېسىپ كىرىپ ، بۇ جايدا (لىياۋ) خانلىقىنى قۇرۇپ، ئۆزىنى خان دەپ جاكارلىدى. بۇ خانلىق ئىسلام تارىخىدا قاراقىتانلار دەپ ئاتالدى. يەرلىك خەلقلەر قاراقىتانلارنىڭ خاقانى يوللىغ تاشىننىڭ ﻫۆرمەت نامىنى گورخان (خانلارنىڭ خانى ياكى بۈيۈك خان دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتايتتى. ئۇ ئىلگىرى - ئاخىر ئورخۇن دەرياسى بويىدىكى خاتۇن شەھىرىگە، ئۇندىن كېيىن غەربىي شىمالغا يۆتكىلىپ، يەنسەي ۋادىلىرىدىكى قىرغىز رايونىغا باردى. قىرغىزلار ئۇنى يەنسەي ۋادىسىدىن ﻫەيدىۋەتكەندىن كېيىن ئۇ يەنە جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ بەشبالىققا كېلىپ ئورۇنلاشتى. يوللىغ تاشىن جىن سۇلالىسىدىن قىساس ئېلىش ۋە قاراقىتان خانلىقىنى قايتا قۇرۇش مەقسىتىدە بۇ جايدا كېڭەش قۇرۇلتاي ئېچىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆزىگە قوشۇپ، 40 مىڭدەك ئادەم توپلىدى. ئۇ غەربىي رايونغا ئىچكىرىلەپ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، ئىمىل دەرياسى بويىغا يېتىپ كەلدى. كېيىنچە چۆچەك رايونىغا كېلىپ ﻫەرىكەتلەندى. ئۇنىڭدىن كېيىن قۇجۇ خانلىقى (ئۇيغۇر ئىدىقۇت) چېگراسىغا قەدەر بېسىپ كىردى. جىن سۇلالىسى مىلاددىيە 1129 - يىلى يوللىغ تاشىننىڭ قايتا تىرىلىشى ئۈچۈن ﻫەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنىڭغا ئۈزۈل - كېسىل زەربە بەرمەكچى بولۇپ، غەربىي رايونغا قوشۇن ئەۋەتكەندە قاراقىتانلار بۆلۈنۈپ قېچىپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى قاراخانىلار دائىرىسىدىكى يەتتە سۇغا يېقىن كەلگەندە، شىمالىي ئىلىك خان تاغ يوللىرىنى مۇﻫاپىزەت قىلىش، چېگرانى قوغداش ۋەزىپىسىنى يۈكلەش شەرتى بىلەن ئۇلارغا يەر، سۇ كۆرسىتىپ بەردى ۋە مەلۇم دەرىجىدە خىزمەت ﻫەققى بەردى. ئەينى ۋاقىتتا بۇلارنى مۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسەت قارلۇق، قىپچاق، قانقېل قاتارلىقلارنىڭ قاراخانىلار دۆلىتىدىكى ﻫاكىمىيىتىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىدى. قاراقىتانلارنىڭ يەنە بىر قىسمى قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ مەركىزى قەشقەر چېگراسىغا بارغاندا، قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى ئۇلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ ﻫەيدىۋەتتى.
يەتتە سۇ ﻫاكىمى (تارىخىي كىتابلاردا قايسى ئىلىك خان ئىكەنلىكى ئېيتىلمىغان) قاراقىتانلارنى ئىسلام دىنىغا كىرىشنى زورلىغاندا قاراقىتانلار رەت قىلدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ساقلاپ قېلىش ﻫېسابىغا ئىلىك خان تەرىپىدىن قويۇلغان ﻫەممە تەلەپلەرنى ئىجرا قىلىپ، خانغا تولۇق بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى (ئۇلارنىڭ ئېتىقاد قىلغان دىنى مانى دىنىمۇ ياكى خىرىستىيان دىنىمۇ ﻫازىرچە ئىسپاتلاش قىيىن). ئەمما قاراقىتانلار ماكانلىشىپ بولغاندىن كېيىن چېگرا مۇداپىئەسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئىچكى جەﻫەتتىن كۈچ توپلاپ قاراخانىلار ﻫاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش سۇيىقەستىنى پىلانلىدى.
مىلادىيە 1137 - يىلى قارلۇقلارنىڭ شىمالىي ئىلىك خانغا قارشى قوزغىلىڭى پارتلىغاندا قاراقىتانلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، شىمالىي ئىلىك خانغا قارشى پىتنە قوزغاپ، ئۇنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، بالاساغۇننى ئىشغال قىلدى. بۇ ۋاقىتتا مۇﻫەممەد ئىبىن سۇلايماننىڭ ئۈچىنچى ئوغلى مۇﻫەممەد قاراقىتانلار بىلەن ئۇرۇشۇپ، خوجەنتكە يېقىن جايدا مەغلۇب بولۇپ سەمەرقەندكە قاچقان. مەلۇم ۋاقىتلاردىن كېيىن مەﻫمۇد بىلەن قارلۇقلار ئوتتۇرىسىدا كېلىشمەسلىك پەيدا بولۇپ، سەنجەرىنىڭ ياردىمىنى تەلەپ قىلدى. قارلۇقلار ئوتتۇرا ئاسىيادا ۋۇجۇتقا كەلگەن يېڭى كۈچ قاراقىتانلاردىن ياردەم تەلەپ قىلغان (پىرىستاكنىڭ «قاراخانىيلار»).
شۇنداق قىلىپ سەمەرقەند ئەتراپىدىكى كاتىۋان بوز قىرىدا بۈيۈك سەلجۇقىيىلار بىلەن قاراقىتانلار ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولۇپ، سەنجەرلەر تەرەپدارى خۇراسانغا قېچىشقا مەجبۇر بولغان. پۇرسەتتىن پايدىلانغان قاراقىتانلار پۈتۈن ماۋەرائۈننەﻫرنى ئىگىلەش ئۈچۈن داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، يەنسەي دەرياسىدىن تالاسقا قەدەر سوزۇلغان كەڭ رايوننى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ قاراقىتانلار ﻫاكىمىيىتىنى ئورناتتى.
قاراقىتانلارنىڭ خانى يوللىغ تاشىن زور كۆلەمدىكى ﻫەربىي قوشۇن بىلەن ئىسسىقكۆل ئارقىلىق قاراخانىلارنىڭ مەركىزى قەشقەرگە ﻫۇجۇم قىلىپ، قەشقەرنى بېسىۋالدى. ئارقىسىدىنلا يەكەن، خوتەن، كۇچا، ئاقسۇ قاتارلىق يەرلەرنى بويسۇندۇرۇۋالدى. قەشقەر قاراقىتانلار تەرىپىدىن تامامەن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن قاراخانىلار خانلىقى قاراقىتان ﻫاكىمىيىتىگە بېقىندى بولۇپ قالدى. ئۇزۇن ئۆتمەي قاراقىتانلار شەرققە قاراپ يەنە داۋاملىق ئىلگىرىلەپ قوجۇ خانلىقىغا ﻫۇجۇم قىلىپ، ئۇنىمۇ بويسۇندۇردى. 1441 - يىلى قاراقىتانلار غەربتىكى قاراخانىيلار خانى تامغاچ مەﻫمۇد خان ئۈستىگە ئەسكەر تارتىپ ئۆز كەنت، كاتان قاتارلىق مۇﻫىم شەﻫەرلەرنى ئىشغال قىلدى. تامغاچ مەﻫمۇد خان سەمەرقەندتىن ﻫەربىي قوشۇن كەلتۈرۈپ قاراقىتانلار بىلەن قاتتىق جەڭ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئاجىز كېلىپ، سۈلﻬى تەلەپ قىلدى. يوللىغ تاشىن تامغاچ مەﻫمۇد خان ئىچكى جەﻫەتتىن مۇستەقىللىقنى ساقلاپ قېلىپ، مەلۇم مىقداردا باج تاپشۇرۇش شەرتى بىلەن قاراقىتانلارغا تەۋە بولدى.
مىلادىيە 1141 - يىلى 9 - ئايدا قاراقىتانلار غەربتىكى سۇلتان سەنجەر سەلجوقىي قاراقىتانلارنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئەسكەر باشلاپ ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ سەمەرقەندتكە قاراپ ئىلگىرىلىدى. قاراقىتانلار بۇخارا بىلەن سەمەرقەند ئارىسىدىكى كاتىۋان چۆلىگە ئەسكەر توپلىدى. مىلادىيە 1141 - يىلى 10 - ئايدا سۇلتان سەنجەر سەلجوقىيلار بىلەن قاراقىتانلارنىڭ قوشۇنلىرى كاتىۋان چۆلىدە ئىنتايىن شىددەتلىك ئۇرۇش قىلدى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا سۇلتان سەنجەر سەلجوقىيلارنىڭ ئەسكەرلىرى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. ئىككى تەرەپتىن ئوتتۇز مىڭ ئادەم ﻫالاك بولدى. سۇلتان سەنجەر تىرمىزغا قاچتى. 1141 - يىلىنىڭ ئاخىرى قاراقىتانلار بۇخارانى ئىشغال قىلىپ، ئالىپ تېكىننى بۇخاراغا ئەمىر قىلىپ بەلگىلىدى.
سۇلتان سەنجەر سەلچۇقيلارنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشى خارەزم شاﻫى ئاتىسىز ئۈچۈن خۇددى قاراقىتانلارنى چاقىرىپ كەلگەندەك خەۋپلىك بىر ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى. قاراقىتانلارنىڭ قوماندانى ئەزبەر خارەزمگە نۇرغۇن ﻫەربىي قوشۇن باشلاپ بېرىپ، خارەزم شاﻫىنى يەڭدى. بۇنىڭ بىلەن خارەزم شاﻫى ئاتىسىزنىڭ مەملىكىتى ئۇزۇنغا بارماي قاراقىتانلارنىڭ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن تالان - تاراج قىلىندى. خارەزم شاﻫى قاراقىتانلار بىلەن سۈلﻬى تۈزۈشكە مەجبۇر بولۇپ، ﻫەر يىلى 30 مىڭ دىنار ( ئوتتۇز مىڭ تىللا ) ئالتۇن تۆلەش ۋە مەملىكىتىدە بىر ئالىي دەرىجىلىك ۋەكىلنى تۇرغۇزۇش شەرتى بىلەن قاراقىتانلارغا بېقىندى بولدى.
2 . قاراقىتانلارنىڭ زۇلمى
قاراقىتانلار ئەسلىدىكى لىياۋ سۇلالىسىنىڭ ﻫاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شەكلىنى داۋاملاشتۇردى. تارىخىي مەنبەلەردىن قارىغاندا، قاراقىتانلار ئوتتۇرا ئاسىيانى بويسۇندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن بۇخارا، سەمەرقەند، خارەزم ۋە شىنجاڭ قاتارلىق جايلارنى قەدىمكى لياۋ خانلىقىنىڭ ﻫاكىمىيەت باشقۇرۇش سىستېمىسى بويىچە باشقۇردى. ئۇلار قاراقىتانلارنىڭ ئەسلىدىكى بىر يۈرۈش چارىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. يەرلىك ئاﻫالىلەر ئۈستىدىكى سىياسىي زلۇمىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى . قاراقىتانلار ئۆزىگە قاراشلىق جايلار ۋە رايونلارنى تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئۇسۇل بىلەن ئىدارە قىلدى .
1. بويسۇندۇرۇلغان يەرلىك ﻫاكىمىيەت ئورۇنلىرىغا ئۆزىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتىپ ، يەرلىك ﻫككۈمدارلار ئۈستىدىن نازارەت قىلدى . مەسىلەن ، قاراقىتانلار قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقىدا كەنجى باسقاق ناملىق ۋەكىلىنى تۇرغۇزدى . ئۇلار باشقا جايلاردىمۇ شۇنداق قىلدى .
2. مەلۇم مۇددەتتە باج - خىراج يىغقۇچى ئەمەلدارلارنى ئەۋەتىپ باج - خىراج يىغدى .
3. ئۆز ﻫۆكۈمدارلىقى ئاستىدىكى جايلارنىڭ ئەمەلدارلىرىغا كۈمۈشتىن ياسالغان دەستەك بېرەتتى . بۇ دەستەكنى ئالغانلار ئۇنى دائىم يېنىدىن ئايرىمايتتى . بۇ دەستەك قاراقىتانلارغا تەۋە بولغانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىدى . قاراقىتانلار ئۆز ﻫاكىمىيىتىنى ئورناتقاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ باسقاقلىرىنى ئەۋەتىپ ، داۋاملىق ئېغىر ئالۋان - ياساقلارنى سېلىپ ، خەلقنى دەﻫشەتلىك ئېكىسپالاتاتسىيە قىلدى . ﻫەر بىر ئائىلە باشلىقىنى بىر دىنار باج تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى . بۇ باجدىن باشقا يەنە خىراج دەپ مەﻫسۇلاتنىڭ ئوندىن بىرىنى تارتىۋالاتتى . بۇ باجنى ۋاقتىدا تاپشۇرمىغانلارنى دەرﻫال جازالايتتى . قاراقىتانلارنىڭ چېرىكلىرى تېخىمۇ ﻫەددىدىن ئېشىپ ، يەرلىك خەلقنىڭ خوتۇن - قىزلىرىغا باسقۇنچىلىق قىلىپ ئۇلارنى دەپسەندە قىلسىمۇ ﻫېچقانداق جاۋابكارلىققا تارتىلمايتتى . مىلادىيىنىڭ 1143 - يىلى قاراقىتانلارنىڭ خانى يوللىغ تاشىن ئۆلدى . قاراقىتان خانلىقىنىڭ تەخت ۋارىسى يوللىغ ئېلى كىچىك بولغاچقا ، ئۇنىڭ ئورنىغا يوللىغ تاشىننىڭ خوتۇنى كوياك ياكى پوسوۋەن خان خان بولدى . بۇ خانلىق ۋاقتىنىڭ قانچىلىك داۋام قىلغانلىقى تارىخىي مەنبەلەردە ئېنىق خاتىرلەنمىگەن . ئەمما ، يوللىغ تاشىن ئۆلگەندىن كېيىن قاراقىتانلار ئىچىدە خانلىق تالىشىش كۈرەشلىرى ئىنتايىن كەسكىن بولۇپ ، نەتىجىدە كوياك ئۆلتۈرۈلدى . مىلادىيە 1150 - يىلى قاراقىتانلار تەختىدە يوللىغ ئېلى ( شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى ، موڭغۇللارنىڭ مەخپى تارىخىدا "چورۇق" دەپ ئاتالغان ) ئۆلتۈرۈلدى . قاراقىتانلارغا قاراشلىق جايلارنى گورخاننىڭ ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى بويىچە ئىدارە قىلدى .
مىلادىيە 1156 - يىلى ئىبراﻫىم ئىبن ئەﻫمەد قاراخانىيلارنىڭ خانى قەشقەردە ۋاپات بولدى . شۇ يىلى ئىبراﻫىم ئىبن مۇﻫەممەد تابغاچ قاراخان قەشقەردە تەختتە ئولتۇردى . ئۇمۇ قاراقىتانلارغا تەۋە بولۇپ ، مەلۇم باج تۆلەپ تۇردى . مىلادىيىنىڭ 1156 - يىلى خارەزم شاﻫى ئاتىسىز ۋاپات بولدى . ئۇنىڭ ئورنىغا ئىل ئارسلان خان تەختتە ئولتۇردى . مىلادىيىنىڭ 1157 - يىلى سۇلتان سەنجەر سالچوقىي ۋاپات بولدى . بۇ چاغدا ئۇ 71 ياشتا ئىدى . سەنجەر سالچوقىي خانلىقىنىڭ نەسلىدىن غىياسىدىن مۇﻫەممەد ئىبن مەﻫمۇد ئىراقتا خان ئىدى . بۇ ۋاقىتتا سەمەرقەندتتە قاراخانىيلاردىن ئىبراﻫىم ئارسلان خاننىڭ ئوغلى تامغاچ مۇﻫەممەدنىڭ قاراقىتانلارغا بېقىندى ﻫاكىمىيىتى مەۋجۇت ئىدى . تامغاچ مۇﻫەممەد ئىان ﻫاكىمىيىتى ئۇزۇن داۋام قىلالمىدى . مۇشۇ مەزگىللەردە يەتتە سۇ قاتارلىق جايلاردا قارلۇقلار قاراقىتانلارغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى . تامغاچ مۇﻫەممەد ئىان قارلۇقلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى . تارىخشۇناس ئۇيغۇر ئالىمى جامال قارشى بۇ ۋەقەلەرنى مىلادىيىنىڭ 1156 - يىلى بولغان دەپ كۆرسىتىدۇ .تامغاچ مۇﻫەممەد ئىبراﻫىم خاننىڭ ئورنىغا يۈسۈپ مۇﻫەممەد قاراخان بولدى . سەمەرقەندتتە تەختتە ئولتۇردى . يۈسۈپ ئىبن مۇﻫەممەد قاراخان تەختكە چىقىش بىلەن قارلۇقلارنىڭ قاراخانغا قارشى قوزغىغان ئىسيانىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن زور تەدبىر قوللىنىپ قارلۇقلارنىڭ رەئىسى قاراخان يانجۇنى ئۆلتۈردى . قارلۇقلارنىڭ ئىسيانى تىنچىتىلدى . قارلۇقلار ئىسيانى تىنچىتىلغاندىن كېيىن قارلۇقلارنىڭ بىر قىسمى جارەزم شاﻫى سۇلتان ئىل ئارسلان خان قېشىغا قېچىپ بېرىپ ئۇنىڭدىن پاناﻫلىق تىلىدى . خارەزم شاﻫى ئىل ئارسلان خان قارلۇقلار بىلەن بىرلىشىپ ، مىلادىيە 1158 - يىلى ماۋەرائۈننەﻫرگە يۈرۈش قىلدى .سەمەرقەندتتىكى قاراخانىيلار خانى تامغاچ ئىبن مۇﻫەممەد قاراقىتانلارنىڭ ئىانى گورخاندىن ياردەم تەلەپ قىلدى . قاراقىتانلار ئىلىك تۈركمەن قوماندانلىقىدا ئون مىڭ كىشلىك قوشۇننى ياردەمگە ئەۋەتتى . ئىارەزم شاﻫى بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا مەغلۇب بولۇپ چېكىندى . شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش سۈلﻬى يولى بىلەن ﻫەل قىلىندى . خارەزم شاﻫى ئۇرۇشتا يېڭىلگەنلىكى ئۈچۈن قاراقىتانلارغا ﻫەسسىلەپ باج تۆلەشكە مەجبۇر بولدى . بۇ ۋاقىتتا بۇخارادا جالالىدىننىڭ ئوغلى قىلىچ خان مەسئۇد ﻫۆكۈم سۈرۈۋاتاتتى . خارەزم شاﻫى ئارسلان خان مىلادىيىنىڭ 1172 - يىلى ۋاپات بولدى . ئۇنىڭ ئورنىغا كىچىك ئوغلى سۇلتان شاﻫ تەختكە چىقتى .بۇ چاغدا ئارسلان خاننىڭ چوڭ ئوغلى تەكەش خوجەنتنى ئىدارە قىلاتتى . خارەزم شاﻫ ﻫاكىمىيىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا زىددىيەتلەر كەسكىنلىشىپ ئاكا - ئۇكا ئىككىيلەن تەخت تالىشىپ قالدى . نەتىجىدە تەكەش سۇلتان شاﻫتىن ﻫاكىمىيەت تەختىنى تارتىۋالدى . ئۇ مىلادىيىنىڭ 1172 - يىلى خارەزم شاﻫى تەكەش تەختكە چىقىش بىلەن قاراقىتانلارغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ، قاراقىتانلارنىڭ باسقاقىنى ئۆلتۈردى . قاراقىتانلار بۇ قوزغىلاڭنى قوراللىق باستۇردى .مىلادىيە خارەزم شاﻫى تەكەش ۋاپات بولدى . ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى مۇﻫەممەد شاﻫلىق تەختكە چىقتى . بۇ ۋاقتىدا سەمەرقەندتتە قاراخانىيلاردىن ئىبراﻫىم ئىبن ﻫۈسەين ئوغلى ئوسمان ، سۇلتان ئۇنۋانى بىلەن ﻫۆكۈمرانلىق قىلاتتى . قاراقىتانلارنىڭ سەمەرقەندتتىكى زۇلمى چېكىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ﻫۆكۈمرانلىقىغا قارشى چەكسىز غەزەپ - نەپرەت پۈتۈن سەمەرقەندتنى قاپلىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ﻫەممە جايلىرىدا قاراقىتانلارنىڭ زۇلمىغا قارشى ئوت ئۇچقۇنلىرى لاۋۇلداپ خەلقنىڭ نارازىلىقى كۈندىن - كۈنگە كۈچەيمەكتە ئىدى . قاراقىتانلارغا قارشى قوزغىلاڭ ئالدى بىلەن خوتەندە كۆتۈرۈلدى . قاراقىتانلار قارلۇقلارنىڭ باشلىقى ئارسلان خانغا قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا ياردەم بېرىش ﻫەققىدە بۇيرۇق بەردى . ئارسلان خان قاراقىتانلارغا قارشى بولغاچقا قاراقىتانلار مۇشۇ تەدبىر ئارقىلىق ئارسلان خاننىڭ قارشىلىقىنى بوشىتىپ ، ئۇنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى خوتەن خەلقىنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا بۇيرىماقچى بولدى . ئارسلان خان قاراقىتانلارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە نائىلاج ﻫالدا خوتەن خەلقىنىڭ قوزغىقلىڭىنى باستۇردى . لېكىن ، كۈرەش يوشۇرۇن ﻫالدا داۋاملىق راۋاجلاندى .
مىلادىيىنىڭ 1204 - يىلى چىڭگىزخان نايمانلارنى مەغلۇب قىلىپ ، ئۇنىڭ باشلىقى تايان خاننى ئۆلتۈردى . تايان خاننىڭ ئوغلى كۈچلۈك شىنجاڭغا ، يەنى قاراقىتانلارنىڭ يېنىغا پاناﻫ تارتىپ قېچىپ كەلدى . بۇ ۋاقىتدا بۇ يەردىكى ﻫەر مىللەت خەلقنىڭ قاراقىتانلارنىڭ ﻫۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭلىرى خۇددى لاۋۇلداپ يانغان ئوتتەك ﻫەممە جايغا تۇتاشقانىدى . قاراقىتانلارنىڭ خانى ۋەزىيەتنى ئوڭشاش مەقسىتىدە كۈچلۈكنى دەرﻫال قارشى ئېلىپ ، ئۇنىڭغا قىزىنى بېرىپ ، ئۇنى ئۆزىگە كۈيوغۇل قىلدى . كۈچلۈك قاراقىتانلارنىڭ يېنىدا بىر مەزگىل تۇردى . مىلادىيىنىڭ 1205 - يىلى قەشقەردە قاراخانىيلار خانى يۈسۈپ ئىبن مۇﻫەممەد ۋاپات بولدى .ئۇنىڭ ئورنىغا مۇﻫەممەد ئىبن يۈسۈپ خان بولدى . قەشقەر خانى گەرچە قاراقىتانلارغا بېقىندى بولسىمۇ ، ئەمما قاراقىتانلارغا قارشى كۈرەشنى زادىلا توختاتمىدى . قاراقىتانلارنىڭ خانى ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چىرىكلەشكەن ۋە لىڭشىپ قالغان ﻫاكىمىيىتىنى جېنىنىڭ بارىچە قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ، قاراخانىيلارنىڭ سەمەرقەندتتىكى ئىلىك خان سۇلتان ئوسمانغا كۈيوغۇل بولۇشنى تەلەپ قىلدى . سۇلتان ئوسمان خان قاراقىتان خانىنىڭ بۇ تەلىپىنى قاتتىق رەت قىلدى . قاراقىتانلارنىڭ سەمەرقەندتكە ئەۋەتكەن ۋەكىلىنى دەرياغا تاشلاپ قاراقىتانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى .
سۇلتان ئوسمان خان قاراقىتانلارنىڭ ﻫۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن خارەزم شاﻫى مۇﻫەممەد بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ بىرلىشىش مەقسىتىدە مۇﻫەممەد شاﻫنىڭ قىزى بىلەن نىكاﻫلىنىشنى ئوتتۇرىغا قويدى . خارەزم شاﻫ مۇﻫەممەد سۇلتان خاننىڭ بۇ تەلىپىنى قوبۇل قىلدى .
غەربىي قاراخانىيلارنىڭ خانى سۇلتان ئوسمان قاراقىتانلارنىڭ ﻫۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن ، خارەزم شاﻫى مۇﻫەممەدنىڭ ئانىسى تۈركان خاتۇن قاراخانىيلار ئەۋلادى ئىدى .خارەزم شاﻫ مۇﻫەممەد بىلەن سۇلتان ئوسمان قاراقىتانلارنى قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن بىرلەشمە قوشۇن تەشكىللەپ ، ئوتتۇرىدا قاراقىتانلارنىڭ قوشۇنى بىلەن ئۇرۇش قىلدى ................ بۇ ئۇرۇشتا سۇلتان ئوسماننىڭ بىرلەشمە قوشۇنى قاراقىتانلارنىڭ تانىكو باشچىلىقىدىكى قوشۇنلىرىنى ئۈزۈل - كېسىل تارمار قىلىپ ، نۇرغۇنلىرىنى ئەسىرگە ئالدى . تانىكو قېچىپ قۇتۇلدى . ۋەزىيەتنى كۈزەتكەن كۈچلۈك پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دەرﻫال ئىسيان كۆتۈرۈپ ، مىلادىيە 1211 - يىلى قاراقىتانلارنىڭ خان ئوردىسىنى ئىشغال قىلىۋالدى . قاراقىتانلارنىڭ خانى چورۇقدىن ﻫاكىمىيەتنى تارتىۋالدى . شۇنىڭ بىلەن قاراقىتانلار ئاغدۇرۇلۇپ ، ﻫاكىمىيىتى مۇنقەرز بولدى . كۈچلۈك قاراقىتانلارنى يوقاتقاندىن كېيىن ئۇ داۋراڭ قىلىپ قاراقىتانلارنىڭ تەۋەلىكىدىكى جايلارنى ئۆز ئىلكىگە ئېلىۋالدى .كۈچلۈك قاراقىتانلارنىڭ ئورنىنى باستى . ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ﻫاكىمىيىتىنى مۇستەﻫكەملەش ئۈچۈن تىغ ئۇچىنى ئالدى بىلەن غەربىي قىسىم قاراخانىيلار خانى سۇلتان ئوسمان ۋە خارەزم شاﻫقا قاراتتى . ئۇ شۇ يىلى ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قوزغىدى . مۇشۇ ئۇرۇش جەريانىدا ماۋەرائۈننەﻫردىكى بۇخارا ۋە سەمەرقەندتكە ﻫەربىي يۈرۈش قىلىپ ، بۇ جايلارنى ئۆز ﻫاكىمىيىتى ئاستىغا ئالدى . كۈچلۈك قەشقەر ئەتراپىدىكى قارشىلىقنى باستۇرۇشقا دەل دېﻬقانچىلىقنىڭ ئۈزۈكچىلىك پەسلى ۋە ﻫوسۇل يېغىش ۋاقتىدا قوشۇن ئەۋەتىپ سۆرەلمە خاراكتېرلىك ئۇرۇش ئېلىپ باردى.بۇ جايلارنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىپ ئىشلەپچىقىرىشنى ، سۇ ئىنشائاتلىرىنى ۋەيران قىلدى . ئاشلىقنى قىسىش ئارقىلىق خەلقنى ئۆزىگە باش ئەگدۈرۈش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ ، قەشقەر رايونىنى بويسۇندۇردى . ئۇ ئۇيەكەن ، خوتەن
قاتارلىق جايلارغا داۋاملىق ﻫەربىي يۈرۈش قىلىپ يەرلىك ﻫاكىمىيەتلەرنىڭ كۈچىنى قانلىق باستۇرۇپ ، بۇ رايونلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇردى . ئۇ كۇچار ، ئاقسۇ ، تۇرپان قاتارلىق جايلارنىمۇ ئارقا - ئارقىدىن ئۆز ﻫاكىمىيەت ئاستىغا ئالدى .
يەكەن ، خوتەن قاتارلىق جايلارغا داۋاملىق ﻫەربىي يۈرۈش قىلىپ يەرلىك ﻫاكىمىيەتلەرنىڭ كۈچىنى قانلىق باستۇرۇپ ، بۇ رايونلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇردى . ئۇ كۇچار ، ئاقسۇ ، تۇرپان قاتارلىق جايلارنىمۇ ئارقا - ئارقىدىن ئۆز ﻫاكىمىيەت ئاستىغا ئالدى .
قاراقىتانلارنىڭ دەﻫشەتلىك زۇلمى ۋە بۇ رايونلاردا ئېلىپ بارغان ئۇزۇن يىللىق ئۇرۇش نەتىجىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا جۈملىدىن شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى قاتتىق ۋەيرانلىقققا ئۇچرىدى . ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئۆزىگە كېرەكلىك كېيىم - كېچەك ، يېمەك - ئىچمەك ۋە ئات - ئۇلاغلارنى خالىغانچە بۆلدى . بولۇپمۇ قەشقەر رايونى تېخىمۇ قاتتىق تالان - تاراج ئاستىدا قالدى .
كۈچلۈك ئەسلى نېستورى دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى . غەربىي دىيارغا كەلگەندىن كېيىن ئۇ بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلدى . ئۇ قەشقەر رايونىدىكى ، بولۇپمۇ خوتەندىكى مۇسۇلمانلارنى بۇددا دىنىغا كىرىشكە ياكى نېستۇرىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا زورلاپ ، بۇ دىنغا كىرىشنى خالىمىغان مۇسۇلمانلارنى قاتتىق باستۇردى . خوتەندە قۇرئاننى تەپسىر قىلىش ئىسلام تارىخى ۋە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى ، تىببىي كىتابلارنى ئوقۇشنى قەتئىي مەنئىي قىلدى . ﻫەتتا مەدرىسە ، ئىلىم - مەرىپەت ئورۇنلىرىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئېتىۋەتتى . خوتەندە ئۈچ مىڭدەك مۇسۇلمان دىنى ئۆلىمالارنى ، داموللا ۋە ئالىم ئىماملارنى يىغىۋېلىپ ئۇلارنى دىن ئېتىقادنى ئۆزگەرتىشكە زورلىدى . خوتەننىڭ ئاتاقلىق دىنىي ئالىمى ﻫەزرىتى ئىمام ئەلائىدىن مۇﻫەممەت خوتەنىنى ۋە خوتەن خەلقىنى ئىسلام دىنىدىن قايتىشقا ، ۋەز - نەسىﻬەت قىلىشقا مەجبۇرلىدى . ئۇلۇغ ئىسلام ئالىمى ئەلائىدىن كۈچلۈكنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغاندا ، كۈچلۈك ئۇنى ئۆزىنىڭ مەدرىسىنىڭ ئىشىكىگە ئېسىپ ، پۇت - قوللىرىنى مىخلاپ ئۆلتۈردى . ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئۆلىمالىرى ، ئالىم داموللىلارنى ئەڭ ۋەﻫشىي ئۇسۇل بىلەن ئوققا تۇتۇپ ، قىرىپ تاشلىدى . خوتەندىكى ئىسلامىيەتنىڭ قەدىمكى يادىكارلىقلىرىنى ، مىللىي مىراسلىرىنى ۋە ﻫەر خىل ئىلىم - پەنگە دائىر تارىخىي قەدىمكى كىتاب ۋە ئەسەرلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى .
3 . چىڭگىزخاننىڭ ئىستىلاسى
13 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا موڭغۇل دالاسىدا چىڭگىزخان باش كۆتۈرۈپ چىقتى . چىڭگىزخاننىڭ ئاتىسى يەسىرگەينىڭ خوتۇنى "ئولۇن ئوجىن" (چىڭگىزىاننىڭ ئاپىسى ئوجىن خانىم دېگەن مەنىدە ) ئىدى . چىڭگىزخاننىڭ ئەسلى ئىسمى تېمۇرچىن ( تۆمۈرچى ، تۆمۈردەك قاتتىق دېگەن مەنىدە) بولۇپ مىلادىيە 1161 - يىلى باش ئەتىيازنىڭ 16 - كۈنى كۈن قىزارغان بامدات مەزگىلىدە تۇغۇلغان . تۇغۇلغان جايى ئونۇن دەرياسىنىڭ زەلمىگۇن بولداغ دېگەن جاي ئىدى .( زەلمىگون بولداغ يەر جاي نامى . زەلمىگون --سىيىرنىڭ يىلىنى ، بولداغ -- ئىدىر -تۆپىلىك ، دۆڭ دېگەن مەنىنى چۈشەندۈرىدۇ )
چىڭگىزخان تەۋە بولغان ئۇرۇق ، يەنى ئالتۇن ئۇرۇق دەپ ئاتىلىدىغان ئۇرۇق ( بۇ ئۇرۇق مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە موڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى ئاز بىر قىسىم مەسىلەن ،قارا چىنلارنىڭ ئويراڭقاي ۋە شىنجاڭدىكى تۇرغۇتلارنىڭ كەرەي قاتارلىق ئۇرۇقلىرىدىن باشقا قالغانلىرى مۇشۇ ئالتۇن ئۇرۇققا تەۋە . ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى چىڭگىزخاننىڭ ئىنىلىرىنىڭ ئەۋلادى . بۇ ئۇرۇق موڭغۇللارغا سەككىزگە يېقىن ﻫۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەن ) دىن بولۇپ ، ئۇ ئونۇن دەرياسىنىڭ بېشىدىكى بۇرﻫان خالدۇن تېغىغا كېلىپ ماكانلاشقان . كېيىن ئونۇن دەرياسى بىلەن لېگۇەن دەرياسى ئوتتۇرىسىغا كۆچۈپ كەلگەن موڭغۇل قەبىلىسى بىلەن بىللە چۆللۈكنىڭ شىمالىدا يەنە نۇرغۇن قەبىلىلەر بار . بۇ قەبىلىلەر ئىچىدىن تاتارلار (شەرقىي بويۇر كۆلىنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان) ، ئوڭغۇتلار (سەددىچىن ئەتراپىغا جايلاشقان) ، توڭراتلار ( ئوڭغۇت ۋە تاتارلار ئوتتۇرىسىدىكى جايلارغا جايلاشقان) ، كىرەيلەر ( ئۇرۇقنامى قاڭغاي تېغى بىلەن ﻫازىرقى خانگاي تاغلىرىنىڭ ، يەنى موڭغۇلىيىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان) ، مەركىتلەر ( بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبى سېلىنگا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان) ، نايمانلار ( قاڭغاي تېغى بىلەن ئالتاي تاغلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان) قاتارلىقلاردىن باشقا يەنە ئويراتلارمۇ بار ئىدى (ﻫازىرقى موڭغۇلىيەنىڭ غەربى ، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالى ، ئالتاي رايونلىرىدىكى موڭغۇللارنى كۆرسىتىدۇ) .
بۇلار مانجۇر خانلىقى دەۋرلىرىدە ئويرات ياكى ئۆيرەت دەپ ئاتىلاتتى . بۇ قەبىلىلەرنىڭ ئىقتىسادىي سەۋىيەسى بىر - بىرىگە ئوخشىمايتتى . بەزىلىرى چارۋىچىلىق بىلەن ، بەزىلىرى ئوۋچىلىق بىلەن ، بەزىلىرى بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى . ئوڭغۇتلار ، توڭراتلار دېﻬقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى . شىنجاڭغا يېقىن قوشنا بولغان نايمانلار موڭغۇل يايلاقلىرىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە مەدەنىيەتلىك قەبىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى . ئۇلارنىڭ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن قويۇق بولۇپ ، سىياسىي تۈزۈم شەكلى ۋە ﻫۆكۈمرانلىق ئۇسۇلى ئاساسەن ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا ئوخشاپراق كېتەتتى .ئۇلارنىڭ ئالىي ﻫۆكۈمرانلىق ئورگانلىرىدا بىرمۇنچە ئاتاقلىق ئالىم ، ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرى ئىشلەيتتى . ﻫەتتا ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلىتەتتى . نايمانلارنىڭ قاغانى تايانخاننىڭ ئوردا پۈتۈكچىسى ۋە دۆلەت ئۇستازى تاتاتوڭا ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ ، ئالىم كىشى ئىدى .نايمانلار دېﻬقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى . ئۇلار خىرىستىئان دىنىنىڭ نېستۇرى مەزﻫىپىگە ئېتىقاد قىلاتتى .
تېمۇرچىن موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ بىرلىككە كەلتۈرۈش يۈرۈشىگە يۈزلەندى . موڭغۇل قەبىلىلىرىنىڭ بۇ ئەينى دەۋردىكى بىرلىشىشى ، بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىستىكى تارىخىي تەرەققىياتنىڭ يۆنىلىشىگە ئۇيغۇن ئىدى . شۇڭا ، تېمۇرچىن موڭغۇل قەبىلىلىرىدىن مەركىت ۋە كىرەيلەرنى مەغلۇب قىلىپ ، ئۆزىگە قاراتتى .باشقا موڭغۇل قەبىلىلىرىمۇ تېمۇرچىننىڭ ﻫەيۋىسىدىن قورقۇپ ، ئارقا - ئارقىدىن تېمۇرچىنغا تەسلىم بولۇپ قوشۇلدى . مىلادىيە 1206 - يىلى ﻫەرقايسى قەبىلە باشلىقلىرى ۋە ئاقسۆڭەكلىرى ئونۇن دەرياسى بويىدا قۇرۇلتاي ئېچىپ ، مەيدانغا توققۇز دانە چوڭ ئاق تۇغ (بايراق) قاداپ بۈيۈك موڭغۇل خانلىقىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى . تېمۇرچىن خانلىققا سايلىنىپ ، "چىڭگىزخان" دېگەن ئۇنۋان بىلەن تەختتە ئولتۇردى .بۇ چاغدا موڭغۇل خانلىقىنىڭ زېمىنى شەرقتە ﻫىنگان تاغلىرى ، غەربتە ئالتاي تاغلىرى ، شىمالدا سىبىرىيە تاغلىرىنىڭ جەنۇب شىمالىي گويى چۆللۈكى قاتارلىق زېمىنلارغا قارايتتى .چىڭگىزخان پۈتۈن موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن ئۇ غەرب ۋە شەرققە قاراپ كېڭىيىشكە باشلىدى . ئالدى بىلەن تايانخاننىڭ ئوغلى كۈچلۈكنى يوقىتىش ئۈچۈن جەبەنويان باشچىلىقىدىكى قوشۇننى تەشكىللەپ يۈرۈش قىلدى . بۇ يۈرۈشتە نايمانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى ۋەيران قىلدى . كۈچلۈك بولسا داۋاملىق قېچىپ غەربكە سۈرۈلدى .چىڭگىزخان زور قوشۇن بىلەن تاڭغۇتلارنىڭ ئەدىبىنى بەردى . شۇ يىللىرى چىڭگىزخان يەنە ئىككى نەپەر ئەلچى ئەۋەتىپ يەنسەي قىرغىزلىرىنىڭ بېقىندى بولۇشىنى تەلەپ قىلغاندا ، قىرغىزلارنىڭ باشلىقى ئىنال ۋە كەكەمچۇت رايونىنىڭ باشلىقى ۋە ئورۇس ئىنال قاتارلىقلار چىڭگىزخاننىڭ ئەلچىلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇپ ، چىڭگىزخانغا تەسلىم بولدى .چىڭگىزخان بۇ قەبىلىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن غەرب ۋە شەرققە قاراپ كېڭىيىشكە باشلىدى .تايانخاننىڭ ئوغلى كۈچلۈك قاراقىتانلارغا قېچىپ بېرىپ ، 1211 - يىلى قاراقىتان خانى گورخاندىن ﻫاكىمىيەتنى تارتىپ ئالدى . ئۇ ئۆز كۈچىنى قايتا تەشكىللەپ قەشقەر ، يەركەنت ، خوتەن قاتارلىق جايلارنى ئارقا - ئارقىدىن بېسىۋېلىپ ، قەشقەردىكى شەرقىي قاراخانىيلار ﻫاكىمىيىتىنى يوقىتىپ ، بۇ جايلاردا ئۆزىنىڭ ئىستىبداتلىق ﻫاكىمىيىتىنى تىكلىدى . ﻫەتتا قوجۇ ئۇيغۇر خانلىقى قاراقىتانلارنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالدى . قاراقىتان ﻫۆكۈمرانلىرىنىڭ قوجۇ ئۇيغۇرلىرىغا قاراتقان سىياسىي زۇلۇمى ۋە ئىقتىسادىي ئېكىسپالاتاتسىيىسى ئېغىرلاشقانلىقتىن قوجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ چەكسىز غەزەب - نەپرىتىنى قوزغىدى . 1209 - يىلى قوجۇ ئىدىقۇتى بارچۇق ئارت تېكىن قاراقىتانلارنىڭ قوجۇدا تۇرۇشلۇق باسقاقىنى ئۆلتۈردى . قوجۇ ئۇيغۇرلىرى قاراقىتانلارنىڭ ﻫۆكۈمدارلىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆز ئۈمىدىنى موڭغۇللارغا باغلىدى . مىلادىيە 1210 - يىلى چىڭگىزخان قوجۇ ئۇيغۇرلىرىنى ئۆزىگە بېقىندى قىلىش ئۈچۈن قوجۇغا ئەلچى ئەۋەتتى . شۇ چاغدا قوجۇ ئۇيغۇر خانلىغىنىڭ ئىدىقۇتى بارچۇق ئارت تېكىن چىڭگىزخاننىڭ ئالدىغا ئاتكىراق ، دارى باي دېگەن ئىككى ئەلچىنى ئەۋەتىپ : " ئەگەر خان ئالىلىيلىرى ماقۇل كۆرسە ئالتۇن بەلۋاغلارنىڭ ئوقىسى ، قىزىل تونلارنىڭ چۇجىسى بولاي . يەنى مېنى بەشىنچى ئوغۇللىرى قاتارىدا كۆرسىلە ، خىزمەتلىرىگە جان تەسەددۇق ئېتەي " دەپ چىڭگىزخانغا بەيئەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . چىڭگىزخان قىزىنى تارتۇق قىلىدىغانلىقى ۋە بەشىنچى ئوغلۇم بولسۇن دەپ تەشەككۈر ئېيتىپ ئالدىغا ئەلچى ئەۋەتتى . بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان شادلىققا چۆمگەن ئىدىقۇت ئالتۇن - كۈمۈش ، ئۈنچە - مەرۋايىت ، سەدەپ - مۇنچاق ، شايى كىمخاپ ، تاۋار - دۇردۇنلارنى ئېلىپ چىڭگىزخان ﻫوزۇرىغا كەلدى .چىڭگىزخان ئىدىقۇتقا ئىلتىپات قىلىپ ، ئال ئالتۇن دېگەن قىزىنى بەردى . ( تەپسىلاتىنى "موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى" دېگەن كىتابتىن كۆرۈڭ . بۇ كىتاب شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ، مەزمۇنلىرى كەڭ دائىرىلىك،،، ) چىڭگىزخان قوجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىدىقۇتى بارچۇق ئارت تېكىننىڭ ئوغلىغا بەشىنچى ئوغۇللۇق مەرتىۋىسىنى بەردى . شۇنىڭدىن باشلاپ قوجۇ ئۇيغۇر خانلىقى چىڭگىزخان ﻫاكىمىيىتىنىڭ بېقىندى بىر خانلىققا ئايلىنىپ قالدى . مىلادىيىنىڭ 1218 - يىلى چىڭگىزخاننىڭ جەبەنويان باشچىلىقىدىكى قوشۇنلىرى زور قوشۇن بولۇپ قەشقەرگە ﻫۇجۇم قىلىش بىلەن كۈچلۈكنى يوقاتتى . كۈچلۈك ﻫۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى يەرلىك ﻫاكىمىيەت ۋە خەلقلەر ئارقا - ئارقىدىن قوزغىلىپ كۈچلۈكنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى ئۆلتۈرۈپ ، چىڭگىزخانغا تەسلىم بولدى . كۈچلۈك قەشقەرنىڭ غەربىدىكى پامېر ئىگىزلىكىگە قاراپ قاچقاندا جەبەنوياننىڭ ئاۋانگارت قوشۇنىدىكى ئىسمايىل سارىق قولغىچە قوغلاپ بېرىپ ، ئۇنى ئەسىرگە ئېلىپ ئۆلتۈردى . ئارقىدىنلا موڭغۇل قوشۇنلىرى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىغا ﻫۇجۇم قىلدى . قەشقەردىكى قاراخانىيلار خانى يەركەنت ، خوتەن قاتارلىق جايلارنىڭ ﻫەممىسى موڭغۇللارنىڭ تەسلىم بولدى . شۇنىڭ بىلەن چىڭگىزخان ﻫۆكۈمرانلىقى قەشقەر رايونىنى پۈتۈنلەي ئىشغال قىلدى .
موڭغۇللار مىلادىيىنىڭ 1219 - يىلى كۈز پەسلىدىن باشلاپ ، ئوتتۇرا ئاسىياغا ﻫۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغاپ مىلادىيىنىڭ 1222 - يىلى ماۋەرائۈننەﻫردىكى قاراخانىيلارنىڭ ئىلىك خانلىقى ۋە خارەزم شاﻫىنى بويسۇندۇردى . چىڭگىزىان ماۋەرائۈننەﻫر ۋە قەشقەر رايونىنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن ئۇ رايونلاردا چىڭگىزخان ﻫاكىمىيىتى تىكلەندى . قاراخانىيلار سۇلالىسى پۈتۈنلەي يىمىرىلدى .
مەنبە : ﻫاجى نۇرﻫاجى يازغان << قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىيلار >> ناملىق كىتابتىن ئېلىندى .