يىگىتلەرنىڭ كۆڭلىدىكى يۈرۈشكە ئەرزىيدىغان 10 تۈرلۈك قىز ئەمەلىيەتتە،قانداق قىز يۈرۈشكە ئەرزىيدۇ،ئەرلەرنىڭ كۆڭلىدە ئاللىبۇرۇن مەلۇم ئۆلچەم بولۇپ بولىدۇ،سىز تۆۋەندىكى قايسىلىرىغا چۈشىدىكەنسىز؟ئەگەر مۇشۇ تەرەپلەردىن قىلالمىغان بولسىڭىز،بۈگۈندىن باشلاپ ئۆزگەرتسىڭىز بولامدۇ نېمە؟

1.توردا بىر ئېغىز گەپ قىلمىسىمۇ،سىزگە ھەمراھ بولۇشنى ياخشى كۆرىدىغان. سىز خۇشال بولغاندا،ئۇ سىزنىڭ يېنىڭىزدا تۇرۇپ كۈلۈمسىرگەن ھالىتىڭىزنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ،سىز چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن ۋاقتىڭىزدا ئۇ ئەڭ بالدۇر كېلىپ سىزگە تەسەللىي بېرىدۇ،سىزنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن بارلىق ئاماللارنى ئىشلىتىدۇ،ئەگەر سىز كېچىچە كومپىيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرسىڭىز ئۇنىڭ بارلىق سۆزلىشىش قوراللىرى ئوچۇق تۇرىدۇ،ئەگەر سىز چۈشۈپ كېتىپ،يەنە قايتا ئاچسىڭىز ئۇنىڭمۇ چۈشۈپ كەتكىننى بىلىسىز،ئۇنىڭ بۇ كەچكىچە ئولتۇرىشى سىزنى ساقلىغانلىقىدىندۇر.
2.بەك ئىش بىلىدۇ،قانداق ۋاقىتتا ئەركىلەپ،قانداق ۋاقىتتا سىزگە كىچىك بالىغا كۆڭۈل بۆلگەندەك كۆڭۈل بۆلۈشنى بىلىدۇ. ئەگەر سىز ئوقۇغۇچى بولسىڭىز،ئۇ سىزنىڭ دەرىستىن قېچىپ ئۆزى بىلەن بىرگە بازا چۆگلەشكە ئېلىپ چىقىشنى تەلەپ قىلمايدۇ،ئىقتىساد جەھەتتىن ئۇ سىزنى قىينىمايدۇ،ئۇنى ئېلىپ بەر بۇنى ئېلىپ بەر دەپ تەلەپ قىلمايدۇ،ئەگەر سىز خىزمەتچى بولسىڭىز،ئۇ سىزنىڭ ئۇنىڭغا تېلىفون قىلمىغانلىقىڭىزدىن ئاغرىنمايدۇ،خىزمەتتە ئوڭۇشسۇزلۇققا ئۇچرىغاندا يولسىزلىق قىلىپ جېدەل قىلمايدۇ،ئۆزىنىڭ كەيپىياتى ناچار بولسىمۇ سىزگە بىلدۈرمەيدۇ،ئۆزىنى داۋاملىق خۇشال كۆرسىتىدۇ.
3.سىزگە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئۇچۇرنى قولدىن بەرمەيدۇ،تۇرمۇش ھەم دوستلىرىڭىزنىڭ چەمبىرىكىگە سىڭىپ كىرىدۇ. سىزنىڭ دوستلىرىڭىز بىلەن تونۇشىدۇ،سىزنىڭ تور بېكىتىڭىزگە زىيارەت قىلغىلى كىرگەن ھەرقانداق ئادەمنىڭكىگە چوقۇم زىيارەت قىلىپ چىقىدۇ،سىز ياقتۇرىدىغان كىتاب ھەم كىنولارنى كۆرىدۇ،سىز ياقتۇرىدىغان رېستۇران ھەم تېز تاماقخانىلارغا بارىدۇ،سىز ياقتۇرىدىغان كىيىم ماركىسى سودا-سارايلىرىنى ئايلىنىدۇ،سىز ياقتۇرىدىغان قىز بالا بولۇشقا تىرىشىدۇ،ئۇ ئۆزىنىڭ تېخىمۇ لاياقەتلىك قىز دوست بولۇپ،سىزنىڭ ياقتۇرىشىڭىزغا بىردىنبىر ياخشى كۆرىدىغان قىز بالا بولىشىغا قاتتىق تىرىشىدۇ.
4.دوستلىرىڭىز،خىزمەتداشلىرىڭىز تۇغقانلىرىڭىز ئالدىدا ھەرگىز سىزنىڭ كەمچىلىكلىرىڭىزنى دەپ زاڭلىق قىلىپ كەمسىتمەيدۇ،چاقچاقنىڭ ئورنىدا قىلىپمۇ دېمەيدۇ. ئۇ سىزگە باشقىلارنىڭ ئالدىدا يۈز بېرىدۇ،باشقىلارنىڭ ئالدىدا يۈزىڭىزنى كۆتۈرىدۇ،پەقەت سىزنىڭ ياخشى گېپىڭىزنى قىلىدۇ،قانچىلىك دەرىجىدە بەختلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ،ھەرگىزمۇ كەمچىلىكىڭىزنى ئېيتىپ كەمسىتىپ يۈرمەيدۇ،پەقەت سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تەرىپىڭىزنى ھەم ئارتۇقچىلىقىڭىزنىلا سۆزلەيدۇ.
5.ئۇ سىزگە تايىنىدۇ،لېكىن ھەممە ئىشتا ئەمەس ئۇ سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئۆزىنى ئاجىز قىلىپ كۆرسىتىدۇ،بۇ ئۇنىڭ دۆتلىكىدىن ئەمەس،بەلكى قەستەن شۇنداق بولىۋالىدۇ،سىزنىڭ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىشىڭىزنى ياقتۇرىدۇ،لېكىن داۋاملىق چاپلىشىۋالمايدۇ،سىزنى ئۆي خىزمەتكارىدەك قىلىۋالمايدۇ،مۇستەقىل ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ھالىدىن شۇنداق ئوبدان خەۋەر ئالالايدۇ.
6.دائىم سەن يول قويىسەن دەپ تۇرىۋالمايدۇ يىگىتلەر چوقۇم يول قويۇشنى،كەڭ قورساق بولۇشنى ئۆگىنىش كېرەك،ئۇنىڭ قىز بالا بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى سىزنىڭ بىر يىگىت بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن،لېكىن سىزنى ياخشى كۆرىدىغان قىز باشتىن-ئاخىرى سەنلا يول قويىسە ،ئاكتىپ كېلىپ كەچۈرۈپ سورايسەن دەپ تۇرىۋالمايدۇ،بەلكى ئەركىلەپ كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ،كەچۈرىۋىتىشىڭىزنى سورايدۇ.
7.ئۇ سىزگە ئۇچۇر يوللىغاندا بىرمۇ خاتا خەت كۆرۈلمەيدۇ،بىر ئوقىۋىتىپ ئاندىن يوللايدۇ ئۇ سىز بىلەن بىرگە بولغان ھەربىر مىنۇت سىكۇنتنىمۇ قەدىرلەيدۇ،ئۇچۇر يوللىغاندا بىرمۇ خاتا خەت يازمايدۇ،ھەتتا گەپنىڭ ئۇرانى،چىراي ئىپادىسى ھەممىسىنى ياخشى يېزىپ بىر تەكشۈرۈپ ئاندىن يوللايدۇ.
8.سىز ئۇنى دوستلىرىڭىزنىڭ سورۇنىغا ئېلىپ بارسىڭىز چىرايلىق ياسىنىدۇ،لېكىن ئاشۇرىۋەتمەيدۇ ئۇ سىزنى مەڭگۈ باشقا ئوغۇللاردىن پەرقلەندۈرۈپ پوزىتسىيە قىلىدۇ،ھەممە ئادەمگە گۈزەللىكىنى نامايان قىلىپ يۈرمەيدۇ.
9.قىزلار ئەتراپىڭىزدا ئايلىنىپ يۈرسە،ئۇ كۈنلەيدۇ،بەكرەك مۇنەۋەر قىزلار بولسا تېخىمۇ ئاسان كۈنلەيدۇ،لېكىن يوق ئىشتىن پۇتاق چىقارمايدۇ ئۇ سىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ،سىزنى قويىۋەتمەيدۇ،پەقەت سىز ئۇنىڭغا ئۇنى خاتىرجەم قىلىدىغان گەپتىن بىرنەچچە ئېغىز دېسىڭىزلا ئۇ ئەندىشە قىلىپ يۈرمەيدۇ،ئۇ باشقىلار ئاڭلىيالمايدىغان پەقەت ئۇلا ئاڭلىيالايدىغان سۆزگە موھتاج.
10.ئۇنىڭ يات جىنىس دوستلىرى كۆپ بولىشى،قوغلىشىدىغانلارمۇ كۆپ بولىشى مۇمكىن،لېكىن ئۇ شۇ كىشلەرگە ناھايىتى ئېنىق قىلىپ ئۆزىنىڭ مۇھەببىتى بارلىقىنى ئېيتىدۇ،ھەمدە ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئەكىلىپ سىزگە سېلىشتۇرمايدۇ ئۇ ئۆزىنى كىملەرنىڭ قوغلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ،سىزنىڭ جىددىيلەشكەن قىياپىتىڭىزنى كۆرسە ئىچ-ئىچىدىن سۆيۈنۈپ كېتىدۇ،چۈنكى ئۇ كۆڭلىڭىزدە پەقەت ئۇنىڭلا بارلىقىدىن سۆيۈنىدۇ،ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى ئەھمىيەتسىز بىر ئىش بولماستىن،ئۆزىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە سۆيۈلىدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىشتۇر خالاس،چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ ئېتبارغا ئېرىشىشىگە،قەدىرلىنىشكە موھتاج. مەنبەسى نۇر تورى
|